ﺭﺍﺷﯩﺪﻩﻡ ﺋﺎﺑﺪﯗﺳﯧﻤﻪﺗﻮﯞﺍ ﻛﯩﻢ ﺩﻩﻣﺴﻪﻥ ﻣﯧﻨﻰ؟ ﻣﻪﻥ ﺋﺎﺩﺩﯨﻲ ﺋﺎﺩﻩﻡ, ﮪﺎﻳﺎﺗﻘﺎ ﮪﻪﻣﻤﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﺎﺳﻘﺎﻥ ﻗﻪﺩﻩﻡ, ﺋﯩﺸﻠﻪﻳﻤﻪﻥ ، باﻗﯩﻤﻪﻥ ﺑﺎﻻ ﺋﯚﺳﯜﺭۈپ، ﺋﺎﻧﺎ – ﺋﺎﻳﺎﻝ ﮪﺎﻳﺎﺗﯩﻢ ﺋﺎﺩﺩﯨﻲ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻟﻪﻡ.…
View More مەن ئاددىي ئايالسەھىپە:: ئاياللار ئەدەبىياتى
ئۇيغۇر قىزى
لالە گۈلگە قىياس ئېكەن سېنىڭ جىلۋەڭ،
يۈرەكلەرگە ئوت ياقىدۇ سېنىڭ كۈلكەڭ،
مەسخۇش قىلار ئادەمنى ئەركە نازىڭ،
گۈل نىگارى، پەرىزاتسەن، ئۇيغۇر قىزى!
ئەلۋىدا سۆيگۈ (4) دىلدار ئەزىز
ئۇ مىنىڭ گەپلىرىمنى جىم- جىت ئولتۇرۇپ ئاڭلاۋاتاتتى. مەن سۆزۈمنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئۇنىڭ چىرايىغا قارىغان ۋاختىمدا، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن باشقىچە بىر خىل نۇر ،خۇددى سەھەرە پارلىغان قوياشتەك بىر خىل ئوتلۇق نۇرنىڭ چاقناۋاتقانلىغىنى كۆردۈم. شۇ نۇر شۇ تاپتا مىنىڭ يۈرىگۈمگىمۇ تۇتاشقان ئىدى. ئۇنىڭ تىترىگەن لەۋلىرىدىن ئۇنىڭ دىمەكچى بولغان يۈرەك سۆزلىرىنى ھېس قىلدىم. ئۇنىڭ بۇ ھالىتىدىن ئىچكى دۇنياسىنىڭ شۇ تاپتا قانچىلىك ھاياجان ئىچىدە تۇرىۋاتقانلىغىنى كۆرگىلى بولاتتى.
View More ئەلۋىدا سۆيگۈ (4) دىلدار ئەزىزئەلۋىدا سۆيگۈ (3) دىلدار ئەزىز
قوياش ھەر كۈنى شەرىقتىن كۆتۈرۈلۇپ، غەرىپكە پاتسىمۇ، ھەر كۈندىكى قوياشنىڭ كۆتۈرۈلگەن چاغدىكى رەڭگى ۋە شەكلى بىر -بىرىگە ئوخشىمايىتتى. مەن ئۈچۈن ھەر كۈندىكى قوياش ھەر خىل ئوخشىمايدىغان گۈزەل رەڭلەرنى ۋە يىڭىلىقلارنى ئېلىپ كېلەتتى. ھەر كۈندىكى تۇرمۇش ۋە خىزمەتمۇ ئوخشىمايدىغان مەزمۇن ۋە شەكىلدە ئېلىپ بېرىلاتتى. بىراق مەندىكى بىر نەرسە زادىلا ئۆزگەرمەيىتتى. ئۇ بولسىمۇ روزاخۇنغا بولغان سېغىنىش ۋە تەشنالىق ئىدى.
View More ئەلۋىدا سۆيگۈ (3) دىلدار ئەزىزقەدىردانلار سىلەر قەيەردە
راھىلە كامال بىر ئۈمىدنى يار قىلىپ دىلغا ، سەبىر ئېلىپ ئايلاردىن يىلغا ، ھەم تولغىنىپ ئايلىنىپ قىلغا ، مەن ئاتامنى ئىزدەيمەن دۇنيا . يولۇمدا قالغان…
View More قەدىردانلار سىلەر قەيەردەئەلۋىدا سۆيگۈ (2) دىلدار ئەزىز
مەن بەك ياغلىما گەپلەرنى قىلىشنى بىلمەيمەن،ھەم خالىمايمەن. كۆڭلۈمدە نېمە ئويلىغان بولسام شۇنى دېگەننى ئۆزەمگىمۇ ۋە ئۆزگىگىمۇ قىلىنغان ھۆرمەت، دەپ بىلىمەن. شۇڭا بەزىدە شۇ تۈزلۈگۈمدىن ئاسانلا باشلىقنى ۋە ئاپتورلارنى رەنجىتىپ قويىمەن. بىراق سىزنىڭ رەنجىپ قېلىشىڭىزنى زادىلا خالىمايمەن. ئەگەر راستىنلا رەنجىپ قالسىڭىز مەن ئۆزەمنى خۇددى بىر گۇناھكاردەك ھېس قىلىپ قېلىشىم مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن بولسىمۇ رەنجىپ قالمىغايسىز.
View More ئەلۋىدا سۆيگۈ (2) دىلدار ئەزىزئەلۋىدا سۆيگۈ (1) دىلدار ئەزىز
مەن 22 ياشقا كىرىپ، ئۈنۋىرسىتنى پۈتتۈرگەن يىلى توساتتىن بىرى مىنىڭ قۇياشتەك ھارارەتكە تەشنا قەلبىمگە ئۈن- تونسىز ھالدا كىرىپ كەلدى. ئۇ قاراشقا شۇنچىلىك ئاددىي بىر ئىنسان ئىدى. ئۇنىڭ قاپ- قارا بۈدرە چاچلىرى ۋە تۇمۇچۇقنىڭ تۇمشۇغىدەك قاملاشقان ئۇچلۇق قاڭشىرى، ھەر دائىم كۈلۈمسىرەپ تۇرىدىغان، ئانچە چوڭ بولمىغان كۆزلىرىدىن چاقناپ تۇرىدىغان كۈچلۈك نۇر ماڭا ئەشۇ مەن تەشنا بولغان قۇياشنىڭ ھارارىتىنى ھېس قىلدۇرغان ئىدى.
View More ئەلۋىدا سۆيگۈ (1) دىلدار ئەزىزجان كەتسىمۇ ۋىجدان ساتمايمەن
ئايگۈل ئالىم <تامچە> ۋىجدان دېگەن ئاجايىپ نەرسە، قىيناپ قويدى قىردا ھاياتنى. بۇ يوللارنى قانغا مىلەپ ھەم، قويىۋەتتى قانچە ئىتلارنى . بىرى كەلدى…
View More جان كەتسىمۇ ۋىجدان ساتمايمەنبۇلۇتلۇق سەھەر كۈيى
كېچە سېرىم تۆكسەم يۇلتۇزغا،
ئۇ گۇۋاھچى ،بولغانتى مۇڭداش.
سەھەر چىقسام يۇلتۇز يۈتۈپتۇ،
ئۇ قۇياشسز، سر ماڭا دىلداش.
سالام سەھەر
ئايگۈل ئالىم <تامچە> ھايات تاتلىق كۈلگەنلەرگە كۈلىدۇ، سېنىڭ ئۈچۈن كۈندە نېمەت بېرىدۇ. قەدىرلىسەڭ ئالغان ھەربىر تىنىقنى، قۇياش سەھەر دەرىزەڭدىن كۈلىدۇ. بۇ ھاياتقا مېھماندۇرمىز ئىنسانلار، ئارزۇ…
View More سالام سەھەر