ۋەتىنىڭ بولامدۇ؟

دىلدار ئەزىز

زارلىغانغا ۋەتىنىڭ بولامدۇ؟

تىللىغانغا ۋەتىنىڭ بولامدۇ؟

دەردىڭ بولۇپ،ئەقلىڭ بولمىسا،

ئۆچلەشكەنگە ۋەتىنىڭ بولامدۇ؟

 

پەم ۋە ئەقىل ئىشلەتمىسەڭ سەن،

پۇرسەت كەلدى، ئۇخلاپ ياتىسەن،

بىر-بىرىڭنى قارغاپ ھارمايسەن،

ئۆچلەشكەنگە ۋەتىنىڭ بولامدۇ؟

 

ھەمكارلىشىش سەندىن بەك يىراق،

ئۆملۈك سۆزى يۈرىگىڭگە يات ،

ھاياجىنىڭلا بار، ئىدرىگىڭ نەدە؟

ئويناپلا يۈرسەڭ ۋەتىنىڭ بولامدۇ؟

 

كۆز ئەينىگىڭ بار، خىتايدىن كەلگەن،

ھەممە ساڭا جاسۇس كۆرۈنگەن.

جاسۇس دوستۇڭ، تاۋاق يالايسەن،

ئەقلىڭ يوقاتساڭ ۋەتىنىڭ بولامدۇ؟

 

پايدىغا ئامراق، جاپادىن يىراق،

شەرەپكە ئامراق، بىلىمدىن يىراق.

پىتنىگە ئامراق، ھەقىقەتتىن يىراق،

خالىساڭ تىل سالىسەن، خالىساڭ قۇچاق.

 

بۈگۈن بولىسەن زالىمغا يانتاياق،

ئەتىسى بولىسەن يالاقچىغا ھەميالاق،

بۈگۈن تىللايسەنۇ، ئەتىسى  خوشتاۋاق ،

سەندەك نائەھلىنىڭ ۋەتىنى بولامدۇ؟

 

خالىساڭ تىقىسەن خەنجەر، خالىساڭ يالاق،

مىللەتنى باشلايسەن لاپلىرىڭ بىلەن،

نادانلار ئەگىشەر گوللىرىڭ بىلەن.

سەندەك قارا نىيەتنىڭ  ۋەتىنى بولامدۇ؟

 

ئايلاندى مانا بۇ دەۋا سودا سېتىققا،

جان باقارنىڭ، لاپ ئاتارنىڭ يەكشەنبازىرىغا،

ئالىدۇ – ساتىدۇ، ھەممىسى پەقەتلا مەنپەئەت،

خالىس نىيەت  بولمىسا ۋەتىنىڭ بولامدۇ؟

 

ۋەتەن، دەپ كۆيسۇن يۈرەكلەر نالىمىز يەتسۇن ئاللاھغا،

ئايلانسۇن بۇ دەۋا، ۋەتەن-مىللەت ھەق ھوقوقىغا،

قۇرۇلمىسا ۋەتەن ئەۋەل ھەقدارمىللەت قالبىدە،

قۇرۇلماسكەن ئۇ تۇپراقتا -ياتنىڭ يۇرتىدا.

 

ئۆكتەبىرنىڭ 18-كۈنى

موڭتېرېي،كالىفورنىيەدە يېزىلدى

RépondreTransférer

جاۋاب يېزىش