ئالدىراتمايمەن

راشىدا ئابدۇسېمەتوۋا

مەن ھاياتنى ئالدىراتمايمەن،
يازلار كېتىپ كۈز كېلەر دەيمەن.
قىشمۇ ئاپپاق مەنزىلدە ئېسىل،
باھار يېشىل دۇردانە دەيمەن.

مەن ھاياتنى ئالدىراتمايمەن،
ئۆتكەن كۈننىڭ بەلگۈسى يوقتۇر.
نەق مەيداندا بۈگۈنكى ۋاقتىم،
ئۇندىن ئېسىل سۈكۈتلەر يوقتۇر.

مەن ھاياتنى ئالدىراتمايمەن،
ئۆتكەن كۈنۈم ماڭا تارىختۇر.
قىممەت ماڭا ھەر بىر كۈنۈمنىڭ،
ئەستە قالار تامغىسى كۆپتۈر.

مەن ھاياتنى ئالدىراتمايمەن،
ئەتىكى كۈن بەلكىم سىرلىقتۇر.
باھالايمەن نەق ھاياتىمنى،
مەن بار! دېمەك ياشاش گۆزەلدۈر.

ياركەنت شەھىرى

جاۋاب يېزىش