زېمىستان…

ئايگۈل ئالىم (تامچە)
يارىشىپمۇ قالدىڭ زېمىستان،
يولىمىزدا تىيلىپمۇ كۆندۇق.
قارلىرىڭنى ئاق ئەتتىرگۈل دەپ،
چېككىسىگە قىسقاننى كۆردۇق.
دۇنيا تىلسىم كارامەت تۇرسا،
قىش بايەردىن يازغا قاچقىلى.
قانچىمىزدە قالدىكى غەيرەت،
ھەقىقەتنىڭ سىرى ئاچقىلى.
يارىشىپمۇ قالدىڭ زېمىستان،
مۇزمۇ تۇتتى تومۇردە قانغا.
چاشقانلارغا باھار بايرىمى،
ئەجىرسزلا دان تولغاچ ساڭغا.
قار ئاستىغا ئۈچەككە كىرگەن،
چىقىپتۇغۇ باھار كەلگەندەك.
ياراشقىنى رەڭگارەڭ تونى،
خۇددىي بىزلەر ئۇنى ئەزگەندەك.
كۈلۈپ كەتتى ئاچكۆز رېئاللىق،
داشقازاندا پولۇ پىشقاندەك.
جەم بولۇشتى يىلتىزى تۇتاش،
ھايات تاتلىق ھەسەل سۇنغاندەك.
چىقماس بولدى قۇشلاردىن سادا،
باغۋارانلار بوران ئۇچقاندەك.
نەلەدىدۇر سەرسانە كاككۇك،
نەپەسىدىن ئۆزى قورققاندەك.
2024-يىلى 22-يانۋار، ئاۋسترالىيە

جاۋاب يېزىش