ئۆتۈپ كىتەر بۇ كۈنلەر

راشىدا ئابدۇسېمەتوۋا
،جاپالىرى خەلقىمنىڭ گويا قورام تاش
.ئازاپلىرى چەكتىن ئاشقان ياشلىرى دەرىيا
،زىمىن ياتتى قۇلاق يوپۇپ ، كۆزىنى جۇمۇپ
.مۇڭ زارىنى ئاڭلىماستىن پاڭ كەبى گوي
،سالغان ئەشۇ  زۇلمەتلىرىڭ سۆڭەكتىن ئۆتتى
.خەلقىم زارى  دەرىيا بولۇپ  توختىماي ئاقتى
،سورىغى بار كۆز يېشىنىڭ ئېزىلگەن ئەلنىڭ
.كۆكتە ئېگەم ، قولدا قەلەم ئالار ھىساپنى
،تەشنا بولدى خەلقىم مېنىڭ شۇ ئازاتلىققا
.چەكسىز غەزەپ قەلبلەردە ئوت بولۇپ يانار
!نېمە دېگەن توختىمىغان زورلۇق زومبۇلۇق ؟
.رەزىلىككە پاتتى دۇنيا خەلقىم قان يىغلار
ىلاجىسىز جۈرەك باغرىم تىلىندى بۈگۈن
قولۇم قىسقا تىلىم پۈتۈك ساڭا يېتەلمەي
خەپ،ئۇيغۇرۇم! بولۇپ قالغان ھالىڭنى قارا
تېپچەكلەيمەن چاقىرىم يەردە بەرداش بېرەلمەي
چارىسىزمەن،يۈرەك باغرىم  تىلىندى شۇدەم،
.تىلىم پۈتۈك، قولۇم قىسقا  ساڭا يىتەلمەي
،خەپ،ئۇيغۇرۇم! كۆرىۋاتقان كۈنۈڭگە  قارا
.تېپچەكلەيمەن يەر باغاچلاپ بەرداش بېرەلمەي
،سەن يىغلىساڭ كۆزلىرىمدىن قانلار ئاقىدۇ
.يېگەن نېنىم ئوغا بولۇپ جاننى قىينايدۇ
،يىتەلمىدىم  دەردىڭگە داۋا بولالماي
.سەن ئازاپتا ، مەن جاپادا قېنىم قاينايدۇ
،غەيرەت قىلغىن بۇ كۈنلەر ئۆتۈپمۇ كېتەر
.چىراقلىرى ئازاتلىقنىڭ يېنىپمۇ كېتەر
،ھەق ئېگىلەر لېكىن سۇنماس  قانچە قىلسىمۇ
.زەنجىرلىرى كەشىپلەنگەن ئۈزۈلىپ كېتەر
  ياركەنت شەھىرى
2022جىل

جاۋاب يېزىش