مۈشۈك ۋە مەن

كۈندۈزئاي ھامۇت

ئوغلۇم ئۈچۈن ئالغان مۈشۈكتى،
كۆپ ئۆتمەستىن بىزنىڭ بوپ قالدى.
مۈشۈك بىزگە ئەرمەكلا ئەمەس،
سىرداش،مۇڭداش ،تۇققان بوپ قالدى.

كۆپ ئەقىللىق بىزنىڭ مۈشۈكلەر،

سېزەلەيدۇ ھەتتا ئاغرىساق.

چۈشىنىدۇ ئۇيغۇرچىنىمۇ،

بىرەر جاۋاپ سۇئال سورىساق.

ئانا مۈشۈك ئاسلانلىدى،
«نەۋرە كەلدى» خۇشاللاندۇق.
ئاسلان تاتلىق،ئوينار راھەت،
ئىشتىن چۈشۈپ كۆپ كۈلۈشتۇق…

ئانا مۈشۈك خام گۆش يېمەس،
ئاڭلىغانلار ھىچ ئىشەنمەس.
ئەمما شوق -شوق ئاسلانچاقلار،
لەغمەن ئىستەر،جىگەر يېمەس.

ئىسىم قويدۇق ئاسلانلارغا،
خاتىرلىتىپ ئۇيغۇرچە نام.
ئۇلار سۆزلەر مۈشۈك تىلىدا،
ئۇغۇرچەمنى بىلەر ھەر ئان.

خىياللىرىم كېزەر ۋەتەن،
كەپتەر، توخۇ ، قويلار تامان.
روزى سايىت ئالقىشغانلان،
پىلە قۇرۇت ئېزىپ دېھقان.

مەركىت قويى بۈگۈن توردا،
ماياق ئورنى ھەتتا گىلەم.
باھاسىغا ياقا تۇتتۇق،
ئالدامچىلىق كېزەر ئالەم.

ئۇيغۇر ئۈچۈن  پۇل تۆلەنمەس،
قىرىلسىمۇ  دەھشەت ھەتتا.
كەپتەر،توخۇ  چارىسىز قويمۇ،
تەشۋىقاتتا خىتاي ياندا.

مۈشۈك ئەگەر تىلغا كىرسە،
زۇۋان سۈرسە ئۇيغۇر ئۈچۈن،
ھىچ كېچىكمەي تورغا قويسام،
دەردىم بايان قىلماس نە چۈن؟

ئاھ كۆيۈمچان ئانا  مۈشۈك،
كۆيۈنىدۇ ئاسلانچاققلارغا.
ۋاقتى چىقسا دەردىم ئاڭلار،
چارىسىزدۇر ھەل قىلىشقا.

جاھان ئەھلى ھەررەڭ -سەررەڭ،
چۈشىنەلمەس ئۇيغۇرنى ئەڭ.
زۇلۇم چەككەن ھەر بىر ئۇيغۇر،
تىلەر ھۆرلۈك جىمىگە تەڭ.

شىۋىتسىيە ستوككھولم
2023-يىل 11-ئاۋغۇست

جاۋاب يېزىش