مېھىرلەردىن سۇ ئىچەر دۇنيا

     كۈندۈزئاي ھامۇت

ئىككى قىزچاق مەغرۇر تۇرۇپتۇ،
تاغلار بىلەن بويلار تالىشىپ.
يىراقلارغا تەلمۈرۈپ تاتلىق،
زېمىن بىلەن تەمكىن سىردىشىپ.

تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكىنى،
ئاشۇرۇپتۇ ئۇيغۇر دوپپىسى.
ئىككى قىزچاق قولىدا گۈللەر،
بېقىشلىرى بەخت جىلۋىسى.

ئىككى قىزچاق ئولتۇرغان قىيا،
كۆرۈنۈشى ئەپسانە كەبى.
ئاھ ۋەتەندە يىتىم قىزلىرىم،
ھالى نېچۈك، بىلمەيمەن تېخى؟!

تەكرار رەھمەت فوتوگرافقا،
سۈرەتلەردە بەخت ئۆرنىكى.
ئۇيغۇر قىزى كەم بولغان دۇنيا،
قانداق چىدار قىزارماي يۈزى.

ئىككى قىزنىڭ قۇچاقلاشقىنى،
سۆيۈندۈردى تالاي ئىنساننى.
ئىنسانلىقى يوقالغان دۇنيا،
قاقشال بولار، قۇرۇپ كۆللىرى.

مېھىرلەردىن سۇ ئىچەر دۇنيا،
سۆيگۈلەردىن ياساپ دولقۇنلار.
ئىنسانلىقتىن ئۈمىد ئۈزمەيمەن،
تاۋلار مېنى كۈرەش،يالقۇنلار!

2021-11-19     شىۋىتسىيە  ستوككھولم

One Reply to “مېھىرلەردىن سۇ ئىچەر دۇنيا”

جاۋاب يېزىش