ياغاچ ئات

راھىلە كامال

ئەي ، قان گۈللىرىنىڭ جۇلاسى،

باھادىرلارنىڭ قانىتى،

نۇسرەتلەرنىڭ ئارمانى،

بىر سوغۇق خانىگە سولانغۇچى،

ئۇخلىتىلغۇچى ياكى ئۇخلىغان بولىۋالغۇچى.

 

ئەي ،كىشنىمەيدىغان،چاپمايدىغان،

تىپىرلىمايدىغان قىلىپ قايتىدىن ياسالغۇچى.

ساڭا ئورمانلارنىڭ سىرلىق سۈكۈناتى،

دەرەخلەرنىڭ يىگانە ھەيۋىتى،

ياپراقلارنىڭ لەرزان سۆيگۈسى ئۇنتۇلدۇرۇلدى.

جاۋاب يېزىش