ۋەتەن يولىدا

كۈندۈزئاي ھامۇت

بۇنىڭدىن ئاتمىش يىللار ئەۋۋەل،
تارقالدى ۋەتىنىمدە ئىككى لاپ.
بىرى ئىدى: ئىككى ئۇيغۇر ئۇيغۇر ئەمەس،
يەنە بىرى: ئىككى  شۈكۈر ئادەم ئەمەس!
بۇ لاپنى كىم،كىمگە توقۇدى،
ئاڭلىدىم، ئەمما مەن  شاھىت ئەمەس.

كىم توقۇسا توقۇۋەرسۇن،ئەمما ،لېكىن…
بۇ لاپلارنىڭ تەسىرىدىن،
قۇتۇلماقمۇ شۇنچە تەس.
ئىدىيەلەر باشقۇرغاچقا ئادەملەرنى،
ئەگەشكەندە روبۇت كەبى، پادا بولدۇق،بەس!
ھەق -ناھەقنى ئايرىغانلار ،
سەپلەر ئايرىپ،خۇددى دۈشمەندەك،
بىر قازاندا غىزا يېمەك،
بىر ئۆيدە تەڭ ياشىماق،
بولدى ھەتتا قىيامەتتەك تەس.

ئاتا سۆزلىيەلمەس يۈرەكتىكىنى،
ئانا يۇم -يۇم يىغلار ،تۇتۇپ كۆيگەن باغرىنى،
قىزىل بالا يېپ-يېڭى ئەۋلات چۈشەنمەك تەس،
چۈنكى ئۇلار گوياكى ئاق قەغەز،
يازغۇڭ كەلسە يازارسەن خالىغاننى،
يىرتقۇڭ كەلسە يىرتارسەن،
سوئاللارغا ھىچ ئورۇن يوق،
جاۋابلارغا ھەم قۇلاق يوق،
پادا،پادا ئۆزارا ئۇرۇش،
ھەتتا قىر!،چاپ!ئات!
ئۇچار ئارىلاپ بېنزىن پوتۇلكا،ئۆرۈلەر تاملار،
ئاستىدا قالدى ئۇيغۇر بالىلار، جانسىز تەنلەر…
نە ئۈچۈن كەتتى ئىسسىق جان؟
سۆزلىسەكمۇ چۈشەڭىسى كەلمەس…

كوممۇنىست بالا ئۇرار ئۆز تۇققىنىنى پىكىر پەرقى ئۈچۈن،
ھەترا يانماس «ئۇر توقماق»تىن ئاتىسىنى…
«تۆت زىيانداش» دۈشمەنلىكى ئەۋج ئېلىپ،
ئاق قۇشقاچمۇ قىرىلدى خۇددى ئۇيغۇردەك،
ئەي ھەنناس، قايسى ئىقلىمدا بولغان بۇنچە زالىملىق!
بىر رىۋايەت بارمۇ ئاداش،ئەلمىساقتىن قالغان؟!

ئىككى شۈكۈر نېمە قىلدى،
ئىككى ئۇيغۇر نېمە ساتتى؟
يەنە ساتار قانچە،قانچىسى؟
«ئەلنىڭ كۆزى ئەللىك» ،
خەلق بېرەر كىم،كىملەرگە ھەق!

ئىبرەت بولسۇن ئاچچىق قىسمەتلەر،
ماياك بولسۇن نامسىز شېھىتلەر،
ئىسىمداشلار،يۇرداش،قانداش گاھى مەكتەپداش،
نەدە بولسۇن،يولداش بولسۇن،
ئەرك ئۈچۈن ۋەتەن يولىدا!

ئىسىمداشلار يولداش بولسۇن ھامان ئىلىمدە،
يۇلتۇز بولۇپ چولپان بولسۇن ئادالەتتە ھەم،
جېنى پىدا ھەر ئۇيغۇرنىڭ،
دىلداش بولسا تۈمەن ئۇيغۇر ۋەتەن يولىدا،
ئاسمان سۆيگەن ئاي -يۇلتۇزۇم كۆچەر قولۇمغا،
يىقىلمىسۇن بايراقدارلار سەپنىڭ ئالدىدا،
ئىزلار باسار مىلجون ئۇيغۇر ۋەتەن  يولىدا!

شىۋىتسىيە ستوككھولم
2023 -06-05

جاۋاب يېزىش