ئۇنتۇلمىسۇن ئۇيغۇرچە

كۈندۈزئاي  ھامۇت

سىڭقۇدەك تىلماچلار ئۇيغۇر تىلىدا،
قالدۇردى نۇر يۈزلەر»ئالتۇن يارۇق»قا.
كومراجىۋا سۆزلىرى ئويۇلۇپ تامغا،
مەدەنىيەت تاراتتى سارى تۇپراققا.

قاراخان ئەۋلادى مەھمۇت قەشقەرى،
لۇغەتتە جان بەردى ئانا تىلىغا.
خاس ھاجىب يۈسۈپمۇ تىزدى دۇردانە،
ئاستى ھەم جاھاندا ئۇيغۇر بوينىغا.

«ئەتەبەتۇل ھەققايىق» كۆرسەتتى ئەلگە،
تاۋلار ئەل نەچچە رەت ئالىمنى قانداق؟
نەۋائى سۇغاردى ئۇلۇق ئۇيغۇرنى،
«خەمسە»  دە ئاشكارە پاراسەت شۇنداق.

يىل كەتتى،ئەسىرلەر ئۇزىدى يەنە،
كۆمۈلدى كىتىكتەك قانچە خان ساراي؟
ۋە لېكىن ئۆلمىسە ساۋاتلىق ئۇيغۇر،
كېمىدە قالاركەن ئەپسانە تالاي.

ئوغۇزخان،قاراخان ھەتتا بارچۇقخان،
كەتتى نى -نى سەلتەنەت،قالدى تىللىرى.
ئۇنتۇلمىسۇن ئۇيغۇرچە ئۇ —- ئۇيغۇر روھى،
تىكلەيدۇ ھۆر ۋەتەن ئۇيغۇر ئەۋلادى.

شىۋىتسىيە ستوككھولم

2024 – يىل 9- يانۋار

كۈندۈزئاي  ھامۇت

سىڭقۇدەك تىلماچلار ئۇيغۇر تىلىدا،
قالدۇردى نۇر يۈزلەر»ئالتۇن يارۇق»قا.
كومراجىۋا سۆزلىرى ئويۇلۇپ تامغا،
مەدەنىيەت تاراتتى سارى تۇپراققا.

قاراخان ئەۋلادى مەھمۇت قەشقەرى،
لۇغەتتە جان بەردى ئانا تىلىغا.
خاس ھاجىب يۈسۈپمۇ تىزدى دۇردانە،
ئاستى ھەم جاھاندا ئۇيغۇر بوينىغا.

«ئەتەبەتۇل ھەققايىق» كۆرسەتتى ئەلگە،
تاۋلار ئەل نەچچە رەت ئالىمنى قانداق؟
نەۋائى سۇغاردى ئۇلۇق ئۇيغۇرنى،
«خەمسە»  دە ئاشكارە پاراسەت شۇنداق.

يىل كەتتى،ئەسىرلەر ئۇزىدى يەنە،
كۆمۈلدى كىتىكتەك قانچە خان ساراي؟
ۋە لېكىن ئۆلمىسە ساۋاتلىق ئۇيغۇر،
كېمىدە قالاركەن ئەپسانە تالاي.

ئوغۇزخان،قاراخان ھەتتا بارچۇقخان،
كەتتى نى -نى سەلتەنەت،قالدى تىللىرى.
ئۇنتۇلمىسۇن ئۇيغۇرچە ئۇ —- ئۇيغۇر روھى،
تىكلەيدۇ ھۆر ۋەتەن ئۇيغۇر ئەۋلادى.

شىۋىتسىيە ستوككھولم

2024 – يىل 9- يانۋار

جاۋاب يېزىش