ئۇيغۇر قىزىغا

راشىدا سائىتوۋا ئابدۇسېمەتوۋا

قارا قۇندۇز، سۇمبۇل چېچىڭغا،
جىرىڭلىغان چاچتەڭگەڭ بولاي.
بەرگى قىياق قوشما قېشىڭغا،
ئوسما قىلىپ قويۇشۇڭ بولاي.

سۈزۈك رەڭلىك يۈزۈڭ بىر گۆزەل،
سۈركۈگىلى ئۇپا-رەڭ بولاي.
لالە رەڭلىك لەۋلىرىڭ ناۋات،
پىيالەڭدە چايلىرىڭ بولاي.

ئۇزۇن بوينۇڭ ئاققۇنىڭ ئۆزى،
گۆھەر سەپكەن مارجانىڭ بولاي.
كۆركەم شۇنچە قوش ئانارلىرىڭ،
ئورغۇپ ئىلھام، غەزەلدە بولاي.

يۈرۈگىڭنىڭ سۆيگۈ تەشناسى،
قاندۇرغىلى چىنتۆمۈر بولاي.
دىلىڭ دەرىيا، كۆڭلۈڭدۇر نازۇك،
ۋوبىياۋدەك يېنىڭدا بولاي.

قىزىل گۈلدەك تاڭدا ئېچىلساڭ،
ساڭا ئاشىق بۇلبۇلۇڭ بولاي.
كۆكتە ئۇچماق لاچىندىن بولساڭ،
پەرۋاز قىلار قانىتىڭ بولاي.

ئۇيغۇر قىزى چىرايلىق گۆزەل،
ساڭا ئاشىق سۇلتانىڭ  بولاي.
شېىرلىرىم تۇمارىڭ بولۇپ،
يامانلاردىن قورغانىڭ بولاي.

2020 ياركەنت شەھىرى. قازىغىستان

جاۋاب يېزىش