قوياش ئشقى

مېھرىنىسا ئىسمائىل
چۆكمە قوياش، پاتما قوياش،
ھېچ كەتمە قوياش.
سېنى قوغلاپ
ئۈمىدلەر يۈدۈپ،
بولدۇم شۇئان
ئاق چاچلىق ئاياش.
كويىقاپلار
سۈمۈردى دەملەر،
قارا ۆڭكۈر
ھۇشقۇرتتى بەتتەر.
ساڭا تەلمۈرۈپ
زورۇقتۇم دەھشەت،
ئەمما شۇ ئىشقىڭ
ئەگدۈرمىدى باش.
قەدەملىرىم
سىلجىدى شىرت- شىرت،
تاپانلىرىم
قانىدى جىرت-جىرت.
يالماۋۇزلار شورىسىمۇ قان،
ۋاز كەچمىدىم
بەردىم زور بەرداش.
قەدەھلىرىم
تاشتى شاراپتىن.
مەي دەپ قالما،
قانرەڭ چېچەكتىن.
يىغلاپ سالسام
سۈرتمە يېشىمنى،
ئۇ ئاققىنى
زەرداپلىق زەر ياش.
چۆكمە قوياش، پاتما قوياش،
ھېچ كەتمە قوياش.
كۈتكىن مېنى
يېتىشەي ساڭا.
ۋىسالىڭنىڭ
سۆيۈنچىسى قىپ،
قارچۇغۇمغا
ئۇرغىن سەن تامغا.
سۇنۇپ بەرگىن
تال- تال نۇرۇڭنى،
ئۇلىۋالاي ئىپەك چېچىمغا.
ئالتۇن يىپقا
باغلىنىپ ئۇچاي،
لېۋىم تەگسۇن ئۇپۇقلىرىڭغا.
پاتما قوياش، چۆكمە قوياش،
ھېچ كەتمە قوياش.
چۆكسەڭمۇ چۆك
بىر دەقىقە
يۈرەك باغرىمغا.
قان بوپ نۇرۇڭ
تومۇرۇمدا
ئاقسا سەن تامان،
چولپان كۈلۈپ ئاسمىنىمدا
ھۈكەر كۆز قىسىپ،
تاڭلار ئاتار
زەر ياش قاتقان
زىناقلىرىمدا.
2023.6.15 باد تاباتس.

جاۋاب يېزىش