لالە گۈلگە قىياس ئېكەن سېنىڭ جىلۋەڭ،
يۈرەكلەرگە ئوت ياقىدۇ سېنىڭ كۈلكەڭ،
مەسخۇش قىلار ئادەمنى ئەركە نازىڭ،
گۈل نىگارى، پەرىزاتسەن، ئۇيغۇر قىزى!
يازغۇچى:: admin
ئەلۋىدا سۆيگۈ (4) دىلدار ئەزىز
ئۇ مىنىڭ گەپلىرىمنى جىم- جىت ئولتۇرۇپ ئاڭلاۋاتاتتى. مەن سۆزۈمنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئۇنىڭ چىرايىغا قارىغان ۋاختىمدا، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن باشقىچە بىر خىل نۇر ،خۇددى سەھەرە پارلىغان قوياشتەك بىر خىل ئوتلۇق نۇرنىڭ چاقناۋاتقانلىغىنى كۆردۈم. شۇ نۇر شۇ تاپتا مىنىڭ يۈرىگۈمگىمۇ تۇتاشقان ئىدى. ئۇنىڭ تىترىگەن لەۋلىرىدىن ئۇنىڭ دىمەكچى بولغان يۈرەك سۆزلىرىنى ھېس قىلدىم. ئۇنىڭ بۇ ھالىتىدىن ئىچكى دۇنياسىنىڭ شۇ تاپتا قانچىلىك ھاياجان ئىچىدە تۇرىۋاتقانلىغىنى كۆرگىلى بولاتتى.
View More ئەلۋىدا سۆيگۈ (4) دىلدار ئەزىزئامېرىكا ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللامدۇ؟
مۇستەقىللىق ، ئىنسان تەبىئىتىدىكى تۇغما ئىنتىلىش. ئۇ يەنە باشقىلارنىڭ سايىسىدا ئەمەس، بەلكى ھەممە ئىشنى ئۆزى مۇستەقىل قارار بىلەن قىلىشتىن ئىبارەت ئىنسانلاردىكى تۇغما ۋە ئەڭ ئىپتىدائىي ئارزۇدىن ئىبارەت . چۈنكى مۇستەقىل پىكىر قىلالىغان، ئۆزىنىڭ ئىشىنى باشقىلارغا بېقىنماي(يالۋۇرماي) مۇستەقىل قىلالىغان ئىنسانلا ھاياتىنى پەخىرلىنىش ئىچىدە ئۆتكۈزەلەيدۇ. بىر مىللەتمۇ دەل شۇنداق.
View More ئامېرىكا ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللامدۇ؟بەخىت سىزگە يار بولسۇن
بۇ بىر ئۇلۇغۋار غايە توغىرسىدا يېزىلغان كىتاپ ئەمەس. يازغانلىرىم ئۇلۇغۋار شۇئارمۇ ئەمەس. بىراق ھەممىسى ئەمەلىيەتتىن ئېلىنغان ھەق سۆزلەر. يازغانلىرىمدا ھەدە- سىڭىللىرىمنىڭ ھايات مۇساپىسىدىكى مۇئاپپىقىيەتلىرى ۋە مەغلۇبىيەتلىرى، قان – ياش بەدىلىگە قولغا كەلتۈرگەن قىممەتلىك تەجىربە – ساۋاقلىرى بار.
مەن ھەدە – سىڭىللىرىمگە تۇرمۇشتا خاتىرجەملىك ۋە تۈگۈمەس بەخىت تىلەپ ،ئۇلارنىڭ كۆڭۈل ئازاپلىرىدىن ئازىراق بولسىمۇ يىراق بولۇشلىرى ئۈچۈن ئۇلارغا بۇ كىتاۋىمنى سۇندۇم.
دىلدار ئەزىزدىن
View More بەخىت سىزگە يار بولسۇنئەلۋىدا سۆيگۈ (3) دىلدار ئەزىز
قوياش ھەر كۈنى شەرىقتىن كۆتۈرۈلۇپ، غەرىپكە پاتسىمۇ، ھەر كۈندىكى قوياشنىڭ كۆتۈرۈلگەن چاغدىكى رەڭگى ۋە شەكلى بىر -بىرىگە ئوخشىمايىتتى. مەن ئۈچۈن ھەر كۈندىكى قوياش ھەر خىل ئوخشىمايدىغان گۈزەل رەڭلەرنى ۋە يىڭىلىقلارنى ئېلىپ كېلەتتى. ھەر كۈندىكى تۇرمۇش ۋە خىزمەتمۇ ئوخشىمايدىغان مەزمۇن ۋە شەكىلدە ئېلىپ بېرىلاتتى. بىراق مەندىكى بىر نەرسە زادىلا ئۆزگەرمەيىتتى. ئۇ بولسىمۇ روزاخۇنغا بولغان سېغىنىش ۋە تەشنالىق ئىدى.
View More ئەلۋىدا سۆيگۈ (3) دىلدار ئەزىزقەدىردانلار سىلەر قەيەردە
راھىلە كامال بىر ئۈمىدنى يار قىلىپ دىلغا ، سەبىر ئېلىپ ئايلاردىن يىلغا ، ھەم تولغىنىپ ئايلىنىپ قىلغا ، مەن ئاتامنى ئىزدەيمەن دۇنيا . يولۇمدا قالغان…
View More قەدىردانلار سىلەر قەيەردەئەلۋىدا سۆيگۈ (2) دىلدار ئەزىز
مەن بەك ياغلىما گەپلەرنى قىلىشنى بىلمەيمەن،ھەم خالىمايمەن. كۆڭلۈمدە نېمە ئويلىغان بولسام شۇنى دېگەننى ئۆزەمگىمۇ ۋە ئۆزگىگىمۇ قىلىنغان ھۆرمەت، دەپ بىلىمەن. شۇڭا بەزىدە شۇ تۈزلۈگۈمدىن ئاسانلا باشلىقنى ۋە ئاپتورلارنى رەنجىتىپ قويىمەن. بىراق سىزنىڭ رەنجىپ قېلىشىڭىزنى زادىلا خالىمايمەن. ئەگەر راستىنلا رەنجىپ قالسىڭىز مەن ئۆزەمنى خۇددى بىر گۇناھكاردەك ھېس قىلىپ قېلىشىم مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن بولسىمۇ رەنجىپ قالمىغايسىز.
View More ئەلۋىدا سۆيگۈ (2) دىلدار ئەزىزئەلۋىدا سۆيگۈ (1) دىلدار ئەزىز
مەن 22 ياشقا كىرىپ، ئۈنۋىرسىتنى پۈتتۈرگەن يىلى توساتتىن بىرى مىنىڭ قۇياشتەك ھارارەتكە تەشنا قەلبىمگە ئۈن- تونسىز ھالدا كىرىپ كەلدى. ئۇ قاراشقا شۇنچىلىك ئاددىي بىر ئىنسان ئىدى. ئۇنىڭ قاپ- قارا بۈدرە چاچلىرى ۋە تۇمۇچۇقنىڭ تۇمشۇغىدەك قاملاشقان ئۇچلۇق قاڭشىرى، ھەر دائىم كۈلۈمسىرەپ تۇرىدىغان، ئانچە چوڭ بولمىغان كۆزلىرىدىن چاقناپ تۇرىدىغان كۈچلۈك نۇر ماڭا ئەشۇ مەن تەشنا بولغان قۇياشنىڭ ھارارىتىنى ھېس قىلدۇرغان ئىدى.
View More ئەلۋىدا سۆيگۈ (1) دىلدار ئەزىزجان كەتسىمۇ ۋىجدان ساتمايمەن
ئايگۈل ئالىم <تامچە> ۋىجدان دېگەن ئاجايىپ نەرسە، قىيناپ قويدى قىردا ھاياتنى. بۇ يوللارنى قانغا مىلەپ ھەم، قويىۋەتتى قانچە ئىتلارنى . بىرى كەلدى…
View More جان كەتسىمۇ ۋىجدان ساتمايمەنبۇلۇتلۇق سەھەر كۈيى
كېچە سېرىم تۆكسەم يۇلتۇزغا،
ئۇ گۇۋاھچى ،بولغانتى مۇڭداش.
سەھەر چىقسام يۇلتۇز يۈتۈپتۇ،
ئۇ قۇياشسز، سر ماڭا دىلداش.