خىيانەت

ئايگۈل « تامچە »

بوسۇغامدىن ھېچ كەتمىدىڭ خىيانەت،
سەن تۈپەيلى تارتتى خەلقىم رىيازەت.
ئىششىگىمنى ئاچماي ئۆتتۈم سەن ئۈچۈن،
بۇ بېشىمغا كەلتۈرسەڭمۇ قىيامەت.

مەن يوقلاشقا دېلكەش دوستنى ئىزلىسەم،
شىرەسىدە سېنى كۆرۈپ يالتايدىم.
غۇۋا نۇرغا تەشنا بولسام سەھەرلەر،
تۇرخۇنۇمغا ئۆزەم تاشتەك قاپسالدىم.

خىيانەتنى دوسىت تۇت دېدى بىرەيلەن،
باھار پەيزى خىيانەتتە سۈرگەچكە.
تىلى تۇتۇق ئۇچراپ قالدى كاككۇگۇم،
كانىيىدىن خىيانەت دان ئۆتكەچكە.

سەن تۇرغاچقا بوسۇغامدا بېزىرىپ،
دۇنيا سىنى تونىمىدى تېخىچە.
ئاخىرەتنىڭ تارازىسى ئالتۇندىن،
سېنى يۈتكەن ھېس قىلمايدۇ ئۆلگىچە.

بوسۇغامدا تۇرىۋەرمە خىيانەت،
ئوق يىلتىزىم بوسۇغامنى تازلايدۇ.
ئۈمۈت كۈتمە! تېپىۋالغىن يولۇڭنى،
ئارىمىزدىن ساڭا ئورون چىقمايدۇ.

جاۋاب يېزىش