سات، سېتىۋەر

دىلدار ئەزىز

             
«دىندىشىم«، دەپ سات،» تىلدىشىم«، دەپ سات؛
«قېرىندىشىم»، دەپ سات،» تۇركدىشىم«، دەپ سات؛
«ۋەتەندىشىم«، دەپ سات،» ئېمېىلدىشىم «دەپ سات؛
سەن بىر تويماسسەن، نەپسىڭدۇر بالا.

بالىلارنى سات، مەسۇملارنى سات؛
ساددىلارنى سات، سەرخىللەرنى سات؛
مۇساپىرلارنى سات، ۋەتەنسىزلەرنى سات؛
ساتقىن سەن، سېتىۋەر، غۇرۇر ساڭا يات!

جىگىرىمىزنى سات، بۆرىگىمىزنى سات؛
يۈرىگىمىزنى سات، كۆز قارچۇغۇمىزنى سات؛
ئويغانمىغان نىمجان روھىمىزنى قوشۇپ سات؛
شەرەپنى بىلمەيسەن- يا، نومۇسنى ئەسلا !

يۈرەك پاراڭنى سات،ئىگىچە- سىڭلىڭنى سات؛
مېھرىبان ئاناڭنى،شۇنىمۇ قوشۇپ سات؛
بۇنىڭغا تويمىساڭ، ئۆزۈڭنى يەنە بىر قېتىم سات؛
چۈنكى سەن  ساتقىن مەخلۇقسەن، ئادىمىيلىككە يات!

تويمايسەن”شانۇ-شەۋكەت“ كە، نەپسىڭدۇر بالا،
شەرەپنى بىلمەيسەن- يا، نومۇسنى ئەسلا.
ساتقىن سېتىۋەر، چۈنكى ئەمدى ئويغاندى دۇنيا،
مىخلىنارسەن ئەبەتكە ئاخىرى، لەنەت تاختىسىغا.

2019.07.27
ۋاشىڭتون

جاۋاب يېزىش