ئۆز ئوبزورچىمىز خەۋىرى:
2026- يىلى ئاپرىلنىڭ 13- كۈنى، قازاقىستاننىڭ تالدى قورغان، يەتتە سۇ رايونىنىڭ سوت مەھكىمىسىنىڭ ئالدىدا «مىللەتلەر ئارا ئۆچمەنلىك قوزغاش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن «ئاتايۇرت» پارتىيىسىنىڭ ئادۋوكاتى ۋە پائالىيەتچىسى نازىگۈل مەقسۇتخان بوۋاقنى كۆتۈرۈپ تۇرماقتا.
شۇ كۈنكى سوتتا ئۆتكەن يىلى ئىككى دۆلەت چېگراسىغا يېقىن جايدا يۈز بەرگەن خىتايغا قارشى قىلىنغان نامايىشقا چېتىشلىق بولغان، «سىياسىي جەھەتتىن سەزگۈر» دەپ قارالغان بىر دېلودا، نامايىشقا قاتناشقان 19 نەپەر كىشىنىڭ ھەممىسى «گۇناھكار» دەپ بىكىتىلگەن.
نامايىشنىڭ ئەسلى مەقسىدى: شەرقىي تۈركىستاندا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان قازاق پۇخراسىنىڭ بىر ئىتىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، نامايىشنىڭ ئەسلى مەقسىدى ئۇ ئىتنى ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بىرىپنى تەلەپ قىلىشتىن ئىبارەت ئىكەن. نەتىجىدە ئەيىبلەنگۈچىلەر «مىللەتلەر ئارا ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن. ئەيىبلەنگۈچىلەرنىڭ بىر قىسمىغا بەش يىلدىن قاماق جازاسى كىسىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى سەككىز كىشىگە ئوخشاش جىنايەت بىلەن تۈرمىگە قامالمايدىغان، بىراق «ئەركىنلىكىنى چەكلەش» جازاسى بېرىلگەن. ئىككى ئايالنىڭ جازاسى بولسا كىچىك بالىلىرى بولغانلىقى ئۈچۈن جازا مۇددىتى كېچىكتۈرۈلگەن. سوت مەھكىمىسى بارلىق 19 ئەيىبلىنىگۈچىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۈچ يىلغىچە جەمئىيەت ياكى سىياسىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشىنى چەكلىگەن.
ئوبزۇرچىمىزنىڭ قارىشىچە، ئورتا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار بىر قەدەر كۆپ ئولتۇراقلاشقان قازىغىستان دۆلىتىدە، خىتاي بىلەن بولغان كۆپ تەرەپلىمىلىك مەنپەئەت مۇناسىۋېتى تۈپەيلىدىن يەرلىك خەلقنىڭ تولىمۇ ئاددىي بىر تەلەپلىرىنىڭمۇ ھەقسىز ھالدا چەكلىنىشى ،ئەركىنلىك ۋە ئىنسان ھەقلىرىنىڭ ئاياغ- ئاستى قىلىشىدىن دىرەك بىرىدۇ. شۇنىڭغان ئىشىنىمىزكى، بۇنىڭ ئۈچۈن نۆۋىتى كەلگەندە، قازىغىستان دۆلەت رەھبەرلىرى ئۆزىنىڭ بۇنداق قىلمىشلارغا يول قويغىنى ئۈچۈن خەلقارا جامائىتىگە جاۋاپ بىرىشى كىرەك.
