مىھرىنسا ئىسمايىل
مېھرىبان ئانا، دۇنيا ئانا يازغۇچىلار بىرلىگىنىڭ ئاۋانگارت ئەزاسى، ژورنالىست، گۈزەل شىېرلىرى ۋە ۋايىغا يەتكۈزۈلگەن تەرجىمە ئەسەرلىرى بىلەن، ئۆز ئىسمىغا ئوخشاش مېھرىبانلىغى بىلەن، پەرزەنتلىرىگە، يولدىشىغا ۋە دوستلىرىغا قوياشتەك ئىللىقلىغى بىلەن تونۇلغان، ئۇچراشقان، سۆھبىتىدە بولغان ھەر بىر كىشىدە ئۇنتۇلغۇسىز ھۆرمەت ۋە گۈزەل تەسىراتلارنى قالدۇرالايدىغان ئاۋانگارت شائىرىمىز، مىنىڭ مېھرىبان سىڭلىم، قەلبنىڭ تۆرىدىن ئورۇن ئالغان مېھرىنىسا ئىسمائىل سىڭلىمدىن ئايرىلغىنىمغا بىر يىلدىن ئېشىپ قالدى. بۇ جەرياندا مەنمۇ باشقا نۇرغۇن ئانا يازغۇچىلار بىلەن ئۇنى كۆپ سېغىندىم، كۆپ ئەلسىدىم. توساتتىم ئەل خەت ساندۇقۇمدىن ئۇنىڭ بۇرۇن ئىۋەتكەن، بىراق ئىلان قىلىنىشقا ئۈلگۈرمىگەن بىر نەچچە پارچە شىئېرلىرى ئۇچراپ قالدى. مېھرىنىسا ۋاپاتىنىڭ بىر يىللىغىدا ئۇنىڭ شۇ شىئېرلىرىنى كۆپچىلىككە سۇنۇشنى مۇئاپىق كۆردۈم. —دىلدار ئەزىز
