دەۋاسىز دەرتمەن

دىلدار ئەزىز

يۈرىگىم دەرت بىلەن تولغۇنار ھەردەم،
ئىگىسىز دەرىتمەندۇر ئۇيغۇرۇم شۇ دەم،
ۋئەتەنسىز ،پاناسىز يۇرىدۇ قاڭقىپ،
ھەرجايدا جاھاننىڭ دەۋاسىز دەرتمەن،
بەس يىتەر ، ئۇيغۇرۇم مۇڭلانمىغىن سەن.

ئۇ دەيدۇ ئۇيغۇرنى «تېرورچىدۇر» دەپ،
بۇ دەيدۇ ئۇيغۇرنى «بولگۈنچىدۇر»دەپ،
ئۇيغۇرغا تىڭىلدى خىلمۇ خىل بەدنام،
ئاتىشار ۋە يەنە «پانتۈركىستۇر»دەپ،
بەس يىتەر ، ئۇيغۇرۇم مۇڭلانمىغىن سەن.
.
مۈشۈكمۇ چىشلايدۇ قىينىغانسىرى،
يەل توپمۇ ئۆرلەيدۇ ئۇرۇلغانسىرى،
مۇشتۇملار تۈگۈلەر تېخىمۇ مەھكەم،
زۇلۇم ھەم خورلۇقلار كۈچەيگەنسىرى
بەس يىتەر ، ئۇيغۇرۇم مۇڭلانمىغىن سەن.
.
ئەزىزدۇر ھەركىمگە ئانا ۋەتىنى،
ۋەتەنگە تەلپۈنەر پۈتۈن جان تېنى،
ۋەتەننى سەۋەپسىز كىممۇ تەرك ئەتكەي،
كۈتكىن سەن ئۇيغۇرۇم گۈزەل ئەتىنى،
بەس يىتەر ، ئۇيغۇرۇم مۇڭلانمىغىن سەن.

كىچىنىڭ زۇلمىتى سۇبھىدىن بۇرۇن،
پەسىلنىڭ زۇلمىتى باھاردىن بۇرۇن،
دۇنيامۇ ئويغاندى بۈگۈن سەن ئۈچۈن ،
دوسلىرىڭ ھەسرەتتە بۈگۈن سەن ئۈچۈن ،
ئۇيغۇرۇم تاڭ ئاتار ھامان سەن ئۈچۈن.

2015- يىلى، 10-ئىيۇل،  ۋاشىنگتون، ئامرىكا

جاۋاب يېزىش