زۇلفىيە مۇھەممەد
(باللادا)
بالىلىقىمنى ئىزدەپ يۈرۈيمەن،
شۇ چاغدىكى سەبىئىيلىگىمنى،
غۇبارسىز يۈرەك..
باھاردىكى چىچەك …
ھەيرانلىق ۋە ئۈمىدۋار تىلەك…
كېچىلىرى يۇلتۇزغا باققان،
تەسەۋۇرى كۆك باغاشلىغان،
ئۇماقلىغى يۈرەككە ياققان…
شۇ بالىلىقىمنى ئىزدەپ يۈرۈيمەن .
قۈش نەغمىلىك تاڭ ساباھىدىن،
چەكسىز كەتكەن دەريا ساھىلدىن،
ۋېلىنسىپىتلىق كىشىلەر توپىدىن،
قوياشى ئاز سوغوق شەھەردىن.
ئىزلەپ يۈرۈيمەن بالىلىقىمنى،
تاپالمىدىم ھېچ، شۇ چاغدىكى،
ۋىلىقلىغان كۈلكىلىرىمنى،
تال چىۋىقنى ئات قىلىپ مىنگەنلىرىمنى،
يىلىملانغان ئۇزۇن چېچىمنى،
ئاداش بولۇپ ئوينىغانلىرىمنى،
ئۇششاق، رەڭلىك چاكۇم تېشىمنى،
قاراڭغۇدا مۈكۈشمەك ئويناپ،
تاپالمىساق ئولتۇرۇپ قېيداپ،
شۇ سىھىرلىك ئاقسۆ ڭەكچاقنى.
مۈكۈنگەنتى ئويۇن ئىچىگە،
ئۇماق قىلىق، شوخلۇق بالىلىق،
«ئاق -كۆك تېرەك، كىم كېرەك بىزدىن سىزگە،»
«دوپپىلىق قىز» دەپ كۈلگەن بالىلىق،
ئۇششاق -ئۇششاق قۈشلار مېنىڭ دەپ،
ئال كۈچۈڭ يەتسە، قورقماس بالىلىق،
كىچىك قوللار بىللە تۇتۇشۇپ،
كۈلكە بىلەن يۈگۈرشۈپ،
كۆلنى بويلاپ قوغلۇشۇپ،
قاچ -قاچ توپنى ئىزدىشىپ،
بەزەن يولدىن ئېزىشىپ،
ۋاقىرىشىپ تېپىشىپ،
لايدىن قونچاق ياسىشىپ،
مىھماندارلىق ئوينىشىپ……
تەسەۋۋۇرلار مول ئىدى….
جاھاندىن غەم يوق ئىدى.
يۇلتۇز ساناپ ئۆگزىدە،
خىياللىرىمىز شوخ ئىدى،
غەمسىز، غۇبارسىز ئۆتكەن بالىلىق.
بالىلىقىمنى ئىزلەپ يۇرىمەن،
كەڭرى كەتكەن ئېتىزلىقلاردىن،
خامانلىقتا…ئېڭىزلىقلاردىن،
قوي ئوتلاتقان سەھرا چۆلىدىن،
شىڭگىل ئىزدەپ باراڭ ئاستىدىن
سۇ باشلىغان كىچىك كۆلچەكتىن،
يىڭناغۇچ قونغان يېشىل بۇرجەكتىن،
ئىزلەپ يۈرۈيمەن بالىلىقىمنى…
كېچىپ ئۆتكەن كىچىك ئۆستەڭدىن،
ناخشا توۋلاپئاتقۇزغان تۈن تېڭدىن.
سېغىز ياساپ ئاپپاق خېمىردىن،
يايغان ئاشنى چاپلاپ كانايغا،
مەنا تېپىپ ھەر بىر ئىشىدىن،
قالدۇرغانىتى چوڭقۇر ئەسلىمە،
شۇنچە تاتلىق ، بالدەك بالىلىق.
كەڭرى سايلىق، تەبىئىي بۇلاقلار،
گۈزەل شاللىق، لاتا قونچاقلار،
كىچىك تۈگمەن، شىر شىر ئېرىقلار،
قىلدەك يىلان، يوغان بېلىقلار.
كەلكۈن ئېقىتقان گۈزەل ئېدىرلار،
چاتقالغا ئايلانغان قويۇق ئورمانلار،
دۆڭدىن يامىشىپ ئۈستىگە چىققان،
ئەمەلگە ئاشقان كىچىك ئارمانلار.
سۆزلىگۈم بار بالىلىغىمنى،
ھەيرانلىق ھەم شاتلىقلىرىمنى،
ئەسلىمىگە پېتىپ ھەم قېنىپ،
ياشلىرىمنى تۆكۈپ ھەم ئىزدىنىپ،
ئىزدەيمەن دائىم ….
غۇۋالاشقان تاڭدىكى ئەشۇ بالىلىقنى.
