كىم جالاپ

شەرقى تۈركىستان ئونۋىرسىتىتى نەشىرىياتى نەشىر قىلغان روزمەمەت مۇتەللىپنىڭ <مۇھەببەت>دىگەن كىتاۋىدىن پارچە.

 

ئالىدىنقى ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئوتتۇرا ئاسىيادا مۇسا جاروللا ئىسىملىك پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسىغا داڭقى بار بىر تاتار ئالىمى ياشىغان بولۇپ، بۇ كىشى قەشقەردىكى يۇرت كاتتىلىرىنىڭ تەكلىپى بىلەن زىيارەت ئۈچۈن قەشقەرگە قەدەم تەشرىپ قىلىپتۇ. بۇ كىشى قەشقەرگە كىلىشى بىلەن قەشقەردىكى يۇرت كاتتىلىرى ناھايىتى ھەشەم-دەرەم بىلەن كۈتۈۋاپتۇ. بۇ كىشىنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن ئۆي-ئۆيلەردە ناھايىتى مول داستىخان ھازىرلاپ مىھمان قىلىش باشلىنىپ كىتىپتۇ. بىرىنىڭ زىياپىتى تۈگىسە بىرنىڭ، بىرىنىڭ زىياپىتى تۈگىسە يەنە بىرىنىڭ باشلىنىپ بۇ ئالىمنىڭ <ئۇھ> دىگۈدەك ھالىنى قويماپتۇ. شۇ تەرىقىدە ساق بىر ئاي ئۆتكەندىن كىيىن، قەشقەردە زىيارەت ۋە ئالىمنىڭ ئايىغى تۈگىمەش زىياپەتلەردىن ئىچى پۇشۇپ، قەشقەردىكى ئاتالمىش كاتتىلاردىن:

-كەمىنە قەشقەرگە كەلگەندىن بېرى ھەرقايسىلىرى پىقىرنى ناھايىتى ئىززەت-ئېكرام ۋە مول زىياپەتلەر بىلەن كۈتۈۋالدىڭلار. بۇ جەرياندا سىلەرگە ئوخشاش يۇرت ئاتىلىرى بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولۇپ، تار نەزىرىمنى تېخىمۇ كېڭەيتىۋالدىم. بۇ ئارزۇيۇمغا يىتىشكە ئىمكان بېرىشەلىمىكىن؟!…دەپ تۆۋەنچىلىك بىلەن سوراپتۇ. كاتتىلار بولسا:

– ۋاي بولىدۇ!… قەشقەر سىلىدىن ئايلانسۇن!- دىيىشىپ مۇسا جاروللانى باشلاپ قەشقەرنى ئايلىنىش ئۈچۈن پىيادە يول ئاپتۇ.

مۇسا جاروللا قەشقەرنىڭ كوچىلىرىنى ئايلىنىش جەريانىدا قارىغۇدەك بولسا، قەشقەرنىڭ ئىگىلىرى بولغان ئۇيغۇر مىللىتى ناھايىتىمۇ بىچارە، ئاجىز، ئەمما ئامبال، لويى، دوتەي دىگەندەكلەر ناھايىتى كۆرەڭ، تەكەببۇر ۋە ئۇششۇق تۇرغىدەك. ھەتتا بۇ تائىپىلەرنىڭ ئالدىدا قەشقەرنىڭ يۇرت كاتتىلىرى بولغان ھىلىقى بىر نىمىلەرمۇ مۈشۈكنىڭ ئالدىدىكى چاشقاندەك لاغ-لاغ تىرىرەپ تۇرشىدەك. بۇ مەنزىلنى كۆرگەن ئالىم قەلبىمدىكى ئىچىنىشلىق ۋە غەزەپنى تەستە بېسىۋىلىپ قەشقەر كوچىلىرىنى ئايلىنىشنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ. ئۇلار ئايلىنا-ئايلىنا ھېيتكاھ جامەسىنىڭ ئارقا تەرىپىگە جايلاشقان بىر خالتا كوچا ئېغىزىغا كىلىپ قاپتۇ. بۇ كىشى بۇ خالتا كوچىغا قاراپ قەدەم ئالغان ئىكەن، ھېلىقى <كاتتىلار>:

-ياق تەقسىر، بۇ كوچىغا زىھنار كىرمىگەيلا! – دەپ ئىلتىجا قىپتۇ. ئالىم ئۇلارنىڭ نىمىشقا بۇ كوچىغا كىرىشىنى توسقانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ:

-نىمە سەۋەپتىن بۇ كوچىغا كىرمەيمىز؟- دەپ سوراپتۇ. <كاتتىلار>:

-بۇ كوچىغا پاھىشىخانىلار ۋە ئەپيونخانىلار، شۇنىڭدەك قىمارخانىلار جايلاشقان. بۇ يەر سىلى بىزنىڭ كىلىدىغان يېرىمىز ئەمەس، شۇڭا سىلىنىڭمۇ كىرمىگەنلىرى تۈزۈك،- دەپ توسۇپتۇ. ئالىم گىپىدە چىڭ تۇرۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن <كاتتىلار> مۇ ئامالسىز ئالىمنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ بۇ كوچىغا كىرىشكە مەجبۇر بوپتۇ. ئالىم قارىغۇدەك بولسا ھەقىقەتەن بۇ كوچا پاھىشىخانا، ئەپيونخانا، قىمارخانا بىلەن توشۇپ كەتكەن ئىكەن. ( ئەلۋەتتە بۇ يەردىكى پاھىشىخانا،ئەپيونخانا، قىمارخانىلارنىڭ خوجايىنلىرى باشقا مىللەتلەر ئىكەن)

بىچارە ئۇيغۇر قىز جۇۋانلىرى بۇ يەردە ئىتنىڭ كۈنىدە ياشاۋاتقان ئىكەن. بۇ مەنزىرىنى كۆرگەن ئالىمنىڭ ئىچى سېرىلىپ، كۆزلىرىگە ياش ئۇلىشىپ كىتىپتۇ. ئۇ بىر چەتتە چىھرىدىن چەكسىز خورلۇق ۋە مۇڭ تۆكۈلۈپ تۇرسىمۇ زورىغا كۈلۈمسىرەپ، يالغان ناز قىلىپ خېرىدار چاقىرۋاتقان بىر دىلى سۇنۇق جۇۋاننىڭ ئالدىغا بېرىپتۇ. <كاتتىلار> نىمە ئىش بولىدىكىن دەپ قىزىقىسىنىپ قاراپ تۇرسا، ئالىم ھېلىقى جۇۋاندىن سوراپتۇ:

-ئى بىچارە قىزىم، نىمە سەۋەپتىن بۇ يولغا كىرىپ قالدىڭىز؟

مۇشۇ كەمگىچە ھىچكىمدىن مۇنچىلىك ئىللىق كۈلۈپ باقمىغان بىچارە جۇۋان كۆز ياشلىرىنى توختىتىۋالالماي سەرگۈزەشتىلىرىنى سۆزلەشكە باشلاپتۇ:

-مەن پالانى يېزىدىكى پۇكۇنى ئادەمنىڭ ئىككىنچى قىزى پۇستانى بولىمەن. مەن 14 ياشقا كىرگەن چاغدا ئانام سىل كىسىلى بىلەن قازا قىلدى. بىز چۆچۆرىدەك 4 بالا يىتىم قالدۇق. دادام بىچارە بىزگە ھەم داد ھەم ئانا بولۇپ، ھەم ئېتىز- ئېرىقنىڭ ئىشىنى قىلىپ ئىككى يىلنى ئۆتكۈزدى. ئۈچىنچى يىلى ئاچامنى يىزىمىزدىكى بەگنىڭ ئوغلى ئاياق ئاستى قىلىپ، نوموسنى بۇلغاپتۇ. بۇ خورلىققا چىدىمىغان ئاچام ئۆزىنى سىرتماققا ئېسىپ ئولىۋالدى. دادام بەگ ئوغلىنىڭ ئۈستىدىن يامولغا ئەرىز قىلسا يامولدىكى لويىلار دادامنىڭ ئەرىزىنى بەگكە يەتكۈزۈپ قويۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بەگ مىنىڭ ئۈستۈمدىن يامۇلغا ئەرىز قىلامدىغان دەپ دادامنى غالچىلىرىغا قاتتىق ئۇردۇرۇپ چالا ئۆلۆك ھىسابىدا قىلىپ قويۇپ ئۆيىمىزگە ئەكىلىپ تاشلاپ قويدى. بىز دادىمىزنى مىڭ مۇشەققەتتە يۆلەشتۈرۈپ ئۆيگە ئەكىرىپ ياتقۇزۇپ قويدۇق، ئۆيدىكى پۇلغا يارىغۇدەك بىساتىمىزنى سىتىپ، يەتمىسە جازانىخورلاردىن قەرىز ئېلىپ يۈرۈپ دادامنى تىۋىپقا كۆرسەتتۇق. داداممۇ ئاخىرى نىمجان بولۇپ ساقايدى. ئۇرۇق- تۇققانلاردىن قەرىز ئالمىدىڭلارمۇ دەملا؟ ئۇرۇق-تۇققانلاردىمۇ نەدىكى پۇل دەيلا؟ يۇرت كاتتىلىرى؟ ھېھ!…بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى شۇ يۇرت كاتتىلىرى دىگەن نىمىلەرنىڭ كاساپىتى بىلەن بولۇۋاتمامدۇ؟!…دادام جازانىخوردىن ئالغان قەرىزنى تۆلەپ بولالماي تەڭقىسلىقتا قېلىپ مېنى جازانىخورغا توقاللىققا ياتلىق قىلدى. ئارىدىن يېرىم يىل ئۆتۈپ دادام رەھمەتلىكمۇ ئاچچىق يۇتۇپ ئالەمدىن ئۆتتى. ئىككى قېرىندىشىمىنىڭ بىرى بەگنىڭ مېلىنى باقىمەن دەپ جاڭگالدا ئىزدىرەكسىز يوقاپ كەتتى. ئون- يىگىرمە كۈن ئۆتكەندىن كىيىن بىچارىنىڭ ئۆلىكىنى بىر توختام سۇنىڭ بويىدىن تىپىپ ئەكىلىپ بەردى. يەنە بىرى ھازىر قەيەردە ئۇقمايمەن. جازانىخور مىنى قويىۋەتكەندىن كىيىن يېزىمىزغا بارسام، مەھەللىدىكىلەر مىنى تىللاپ پاتقۇزمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئامالسىز بۇ يەردە تىنىمنى سېتىش يولى بىلەن جان ساقلاۋاتىمەن،- جۇۋان ئۆزىنى تۇتالماي بۇقۇلداپ يىغلاپ كىتىپتۇ. ئالىم كۆز ياشلىرىنى تارام-تارام تۆككەن ھالدا جۇۋانغا بىر تۇتام پۇلنى تۇتقۇزۇپ تۇرۇپ:

-ئى ناتىۋان قىزىم، سىز ھەر قېتىم تېنىڭىزنى ساتقاندىن كىيىن بويىڭىزنى سۇغا سالالامسىز؟-دەپ سۇراپتۇ. جۇۋان:

– بەزىدە سالالايمەن، بەزىدە سالالمايمەن…- دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ. ئالىم:

مەيلى قانداق بولمىسۇن سىز ھەر قېتىم تېنىڭىزنى ساتقاندىن كىيىن چوقۇم بىر قېتىم بويىڭىزنى سۇغا سېلىڭ، شۇنداق قىلسىڭىز ئاللاھ سىزنىڭ بۇ گۇناھىڭىزنى كەچۈرىدۇ،- دەپتۇ. ئالىمنىڭ جاۋابىنى ئاڭلىغان <كاتتىلار> غۇلغۇلا قىلىشىپ:

يا تەقسىر! بىر جالاپ خوتۇن زىنا قىلىپ، ئارقىدىن غوسلى تاھارەت قىلسا ئۇنىڭ گۇناھى يېزىلمايدۇ دەپ قايسى كىتاپتا بار؟!…ئۇنداقتا ئۇنىڭ گۇناھى كىمنىڭ گەدىنىگە يۈكلىنىدۇ؟- دەپ سورىشىپتۇ ناھايىتى غەزەپلەنگەن ھالدا.

-ئەلۋەتتە ھەر قايسىلىرىدەك يۇرت كاتتىلىرىنىڭ ۋە ئۆزىنى ھەقىقى ئوغۇل بالا ئەركەك ھىساپلايدىغان مۇسۇلمانلىرىمىزنىڭ گەدىنىگە يۇكلىنىدۇ،- دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ ئالىم.

-نىمە سەۋەپتىن بىرگە يۈكلەنگۈدەك ئۇنىڭ گۇناھى؟

-بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى مەزلۇملارنى بىزدەك ۋە سىلىدەك يۇرت <ئاتا> لىرىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا قىلدى. سىلەر ئۇلارغا جايىدا ئېگىدارچىلىق قىلالماي، مۇشۇنداق خورلىنىشىغا قاراپ تۇرغاندىكىن، ئەلۋەتتە سىلەرگە يۇكلىنىدۇ….سىلەر ئۆزەڭلارنىڭ ئىپپىتىنى جايىدا ساقلىيالمايسىلەر-يۇ، ئەجىبا مۇشۇ ناتىۋان ئايالنى <جالاپ خوتون> دەپ ئىپپەتسىزلىكتە ئەيىپلەمسىلەر؟!…شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى، ئىپپەتنى ساقلاش يالغۇز ئاياللارنىڭلا مەجبورىيىتى ئەمەس، سىلە بىزدەك ئەركەكلەرنىڭمۇ مەجبورىيىتى…بەلكىم سىلەر ئۆزەڭلارنى پاك دەپ دەۋا قىلارسىلەر، ناھايىتى ئەپسۇس، سىلەرنىڭ مۇشۇ ھالىتىڭلار جالاپ خوتوندىن قىلچە پەرق ئەتمەيدىكەن، مەن قەشقەرگە كەلگەننىڭياقى بەزمە- زىياپەت بىلەن كۈتۈۋالدىڭلار، زىياپەتلىرىڭلارغا قارىسام، بىر-بىرىڭلاردىن مەنمەنلىك تالىشىپ، ناھايىتى ئىسراپچىلىق بىلەن داستىخان قىلدىڭلار. تەييارلانغان نازۇ- نىممەتلەر يىگىلى ئېغىز يوق شۇ پىتى تۆكىۋىتىلدى. دەسلەپتە ئەل-يۇرتمۇ شۇنداق پاراۋان بولسا كېرەك دەپ ئويلىدىم، لىكىن بۇگۇنكى ئەمىلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئەھۋال ھەرگىزمۇ ئونداق ئەمەسكەن.

خەلق نامرات، ئاچ- يالىڭاچ تۇرمۇش كەچۈرىۋىتىپتۇ. ئىلاجىسىز ئۆلىۋىلىشقا، ئىپپەت نومۇسنى سىتىشقا مەجبۇر بولۇۋىتىپتۇ. سىلەر بولساڭلار سېسىق كېكىرىپ يۈرۈپسىلەر. ئامبارلىرىڭلاردا نازۇ- نىمەتلەر يىگىلى ئېغىز يوق شۇ پىتى سىسىپ تۈگەۋىتىپتۇ. بۇ ۋەتەننىڭ ھەقداسى بولمىش باتىۋان خەلق قۇلنىڭ ئورنىغا چۈشۈپ قاپتۇ. مانا بۇ خورلۇق ئەمەسمۇ؟ خىيال قىلىپ بېقىڭلار، سىلەرنىڭ جالاپ خوتوندىن پەرقىڭلار بارمىكەن؟! سىلەر شۇنداق غورورسىز، ئارزوسىز بولغاچقا خەلق مۇشۇ ھالغا چۈشۈپ قالغان. شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى، ئەرنىڭ ئىپپىتى ۋەتەن ۋە ئاياللارنىڭ ئىززىتىدە. كىمدە كىم ۋەتىنى بىلەن ئاياللىرىنىڭ ئىززىتىنى قوغدىيالمايدىكەن، شۇ كىشى شۇ كۈندىن باشلاپ جالاپ!!!!!

جاۋاب يېزىش