ئايگۈل « تامچە»
(بالىلىغىمدىن خاتىرە)
ئىلى باللىرى دەيدۇ،
تەڭدىن تولا تارانچى.
تارانچىنىڭ باللارى ،
خويمۇ ئوڭلوق پاراڭچى.
– خەلق ناخشىسى
ئېسىمنى بىلسەم ئاپام -دادام ئايەمنى ئىككى كۈن قىلاتتى، گەرچە ھېيت بىزدەك سەبىي بالىلار ئۈچۈن ئالەمچە شادلىق كۈنى بولسىمۇ ئەمما يەنە بۇ قوش ئايەممۇ غۇلجا خەلىقىنىڭ ئائىلىۋى مېھرى مۇھەببەت ۋە سۆيگۈ باغلىنىشىنىڭ ئالاھىدە ئىپادىسى بولۇش بىلەن بىرگە بالىلارنىڭ شاتلىق ھەم ھەمكارلىق كۈنى ھېسابلىناتتى.
بۇ يەردىكى شاتلىق چوڭلار بىلەن جەم بولۇش، قېرىنداشلار يىغىلىشىدىن كەلگەن چوقاننى كۆرسەتسە، ھەمكارلىق بىر نەۋرە قېرىنداشلار ئۈچۈن ھيتلاش پىلانىدىكى ھەمكارلىقنى كۆرسىتەتتى.مەن مەكتەپ يېشىغا توشمىغاندا، يېزىدا دادامنىڭ ئاپىسى بىلەن بىللە تۇرغاچقا( ئەمدى ئەقلىمنى تاپسام ئۇ چاغلاردا بۇۋام ھازىرقى ئۈگۈنۈشكە كىرىپ كېتىپتىكەن)، ئاپام -داداملار يېزىغا يالغان ئايەم كۈنى چىقاتتى. مەكتەپ يېشىغا توشۇپ مومام بىلەن شەھەرگە ئاپام داداملارنىڭكىگە كەلگەندىن كىيىن بولسا ئاپام -دادام ۋە بەش قېرىندىشىم بىلەن ( كىيىنچە ئىنىم ئىككىمىزلا) ئاپامنىڭ دادىسىنىڭ ئۆيىگە يالغان ئايەملىك بارىدىغان بولدۇق.ئۇ كۈنى ئاپامنىڭ ئايدۆڭدىكى، دۆڭمەھەللىدىكى قىز قېرىنداشلىرىمۇ بالىلىرىنى ئىلىپ بېرىشاتتى، بىز ئاپىلىرىمىزنىڭ خىزمەت ئىشى ۋە مەكتەپ ئالدىراشچىلىغىدىن ئېشىنالماي پەقەت توي -تۆكۈن نەزىر-چىراغلاردىلا( تېخى ئۇ يەرلەرگىمۇ پەقەت ئۆينىڭ كىچىكىلا باراتتى)ئاندا-ساندا دېدارلىشش پۇرسىتىمىز بولىدىغان نەۋرە قېرىنداشلار دەل شۇ ئايەم باھانىسىدا قاينام – تاشقىنلىقتا كۆرۈشەتتۇق.
ئاپىلىرىمىز ، مومىلىرىمىزنىڭ تەييارلىغان ( روزى ھېيتتا ئىپتارلىق، قۇربان ھيېتتا كەچلىك تاماق)داستىرخانلىرىغا بىرە قۇر ئېغىز تېگىشىپ، تاماقنىڭ قاچا- قۇچىلىرىنى قول-قولچە بېسىقتۇرۇپ بولغاندىن كىيىن ، مومامنىڭ ئۈلگۈرۈپ بولمىغان بۇلۇڭ – پۇشقاق ئىشلىرىنى قىلغاچ، قېرىنداشلارنىڭ بالىلىق ئەسلىمە پاراڭلىرىغا غەرىق بولۇشاتتى،دادىلىرىمىز ھويلىدىكى بۇۋامنىڭ ئىشلىرىغا ياردەملەشكەچ، ھويلىنىڭ مېۋە كۆچەت، سەي كۆكتات پىلانى ۋە كەلگۈسى يېڭى قۇرلۇشى ( قوي ئېغىلى ۋە يىڭى توخو كاتىكى سېلىش)توغرىسىدا سۆھبەتكە چۈشۈپ كېتىشەتتى. بىز نەۋرە بالىلار ھىلى ئۆيدە ،ھىلى ھويلىدا ، باش پىلانلىغۇچىنىڭ ( قاتادا چوڭنىڭ)كەينىدىن ،توكورلىشىپ يۈرۈپ، ھېيتتا قەيەرلەرگە ھيېتلاش، نەدىن باشلاش، نەدىن نەگىچە پىيادە، نەدىن نەگىچە خادىككە ئولتۇرۇش ،( بىزنىڭ تۇققانلار شەھەرنىڭ تۆت تەرىپىگە تارقاقلاشقان بولغاچقا)كىمنىڭكىگە يىغىلىش ، نەدىن سېرىقئاش ،كاۋاب يېيىشتىن تارتىپ ھەتتاكى تارقىغاندا نەدىن تارقاپ قانداق قايتىش پىلانلىرىنىمۇ پۇختا قىلىۋالاتتۇقيۇ يالغان ئايەم تۈگەپ ، ئۆيلىرىمىزگە قايتقاندا بولسا ،ھەممىمىز بىر-بىرىمىزگە كۈلۈمسىرەپ ئەمما ئىچىمىزدە بولسا شۇ پىلانلىرىمىزنىڭ ئاپىمىز تەرىپىدىن چۇۋۇلۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئاپىمىزغا «رەھىم -شەپقەت» تىلەپ دۇئا قىلىشىپ قايتىشاتتۇق.
بۇرۇنلاردا دادامنىڭ دادىسى ھايات چاغلاردا بىز راست، يالغان ئايەم نامىدا ئىككى كۈن ئايەملەيتتۇق. بۇۋام ۋاپات بولغاندىن كىيىن (روھى شات بولسۇن ، ئۇ ئەينى يىللىرى تۇنجى چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇغان غۇلجىدىكى ئوقۇمۇشلۇق كىشلەردىن بىرى ئىدى).بىز پەقەت يالغان ئايەمدە ئاپام تەرەپكە ئايەملەپ، راست ئايەمدە( مومام بىز بىلەن بىللە تۇرغاچقا)ئۆيدە ئايەم قىلاتتۇق.
بۇۋام تۈگەپ دەسلەپكى يىللىرى مومامنىڭ يالغۇزلۇق ھېس قىلىپ قالماسلىغى ئۈچۈن، ئاپامنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ( بۇۋام مومامنىڭ) تەكلىپى ۋە ئاپام -دادامنىڭ زورى بىلەن مومام ، بىز بىلەن بىللە يالغان ئايەملەپ باراتتى،كىينچە ئۇ « ئايەم دىگەندە قىزنىڭ ئانىسىغا دەيدىغان ئايرىم يۈرەك سۆزلىرى بولىدۇ، مەن باماي ، كىلەر قېتىم بارامەن» دەپ بارغىلى ئۇنىمايدىغان بولۇۋالدى، بىز يالغان ئايەملەشنى تۈگۈتۈپ ،ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كىيىن ،بۈگۈننىڭ خاتىمىسى سۈپىتىدە ،ھەمىمىز ئەپقاشتى پاراڭلار بىلەن بىر پىيالىدىن چاي ئېچىشەتتۇق، مومام ئۆزىنىڭ ،ئالتىشۇئار مەلىدىكى قەدىناس دوستى رەھمەتلىك پاتىگۈل مومام ۋە ماناپ چوڭ داداملارنىڭكىگە بىرىپ ئولتۇرۇپ ، مۇڭدۇشۇپ كەلگنىنى دەپ بىرەتتى. ئۇلار بۇۋام ھايات چىغىدىمۇ پات-پات ئۇچۇرۇشۇپ تۇراتتى.مومامنىڭ يالغان ئايىمى دوستىنى يوقلاش بوپتۇ.
مومام سېلىپ بەرگەن پاراڭدىن، چوڭلار يەنە كونا زامانلاردىكى پاراڭلارغا كۆچۈشەتتى، قايسىدۇر بىرچاغلاردا ئىنىم مومامنىڭ قۇچىغىدا ئۇخلاپ قالاتتى ( بەزىدە مەنمۇ ئۇخلاپ قالاتتىم)شۇندىلا مومام پۇت-قولىنىڭ كۈيۈشكىنىنى ھېس قىلىپ ،بۈگۈننى خۇلاسىلاپ ، ئەتىگە ياخشىلىقلار تىلەپ دۇئاسىنى باشلايتتى ، دۇئادىن كىيىن يېتىپ قىلىشاتتۇق.
ئەتىسى راست ئايەمدە بولسا ئاپام دادامنىڭ ئاپىسىغا ئايەملىك ئالغان نەرسىلىرىنى سوۋغات قىلاتتى، بىز ھيېتلىق كىيىملىرىمىزنى بىررەت سىناپ كىيىشىپ، ئاپام ئۇزۇنىنى پەلەشكە تۇراتتى.بەزىدە مومامنىڭ رەھمەتلىك ئاكىسىنىڭ بالىلىرى ئالدىن خەۋەر بيرىپ قويۇشۇپ بىزنىڭكىگە مومامنىڭ ئالدىغا ئايەملەپ كېلەتتى.ئاپام يەنە بىركۈن قازان بېشىدا پايپىتەك بولاتتى ،قاراڭغۇ -ماراڭغۇدا ، ئاپام كەلدى-كەتتى ئايەمچىلەرنى ئۇزۇتۇپ ، ھەممەيەرنى چېستەي قىلىۋىتىپ، ساراي ئۆيگە ھيتېلىق شىرەنى ھازىرلاپ ئۈستىنى ئاق داستىرخان بىلەن يېپىۋىتىپ، ئەل ياتقاندا ، بىز غەرىق ئۇيقۇغا پاتقاندا ، پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ ،ئاستا كىرىپ ياتاتتى.
ئايەملەرنى ئايەم قىلغان، ئائىلىنى ئالەم قىلغان، ھېيتلارنى ھېيت قىلغان، ھەركۈنىمىزنى مېھىر- مۇھەببەتكە غەرىق قىلغان شۇ جاپاكەش ، قەيسەر ۋە مېھرىبان ئاتا- ئانىلىرىمىزنىڭ ھاياتلىرى ئامان بولسۇن،كەتكەنلىرىنىڭ روھى شات بولسۇن ، ئاللاھ ئاخىرەتلىكىنى ئاۋات قىلسۇن!
