دىلدار ئەزىز
ئۇستاز ئابدۇللا تالىپ ئەپەندى بىلەن مىنىڭ ئاخىرقى قىتىم كۆرۈشكەن ۋاقتىم 2004- يىلنىڭ كۈز پەسلى بولۇپ، مەن تۇنجى قىتىم پارىژغا ئوقۇشقا چىقىش ئۈچۈن بېيجىڭ ئايرودۇرۇمىدا ئايروپىلانغا چىقىشقا ئاخىرقى 15 مىنۇت ۋاقىت قالغان چاغ ئىدى. شۇ چاغدا ھەممە تەييارلىقىم پۈتكەن بولسىمۇ، كۆڭلۈمدە بىر بوشلۇق قالغان ئىدى، بىراق ئۇنىڭ نىمىدىن ئىبارەت ئىكەنلىگىنى بىلمەيىتتىم.
تىلفون دەپتىرىمنى ئاچتىم. كۆزۈمگە ئۇستاز ئابدۇللا تالىپنىنىڭ ئىسمى كۆرۈندى. شۇ چاغدا كۆڭلۈمدىكى بوش قالغان ئورۇننى تاپقاندەك بولدۇم. مەن دەرھال ئايدۇرۇمدىن سېتىۋالغان تېلىفون كارتىسىنى ئىشلىتىپ ئابدۇللا تالىپ ئاكىنىڭ ئۆيىگە تېلفون قىلدىم. تېلىفوننى ئابدۇللاھ ئاكىنىڭ ئايالى ئالدى. مەن سالامدىن كىيىن ئۆزەمنى تونۇشتۇردۇم. مەن ئابدۇللا ئاكىنىڭ ئىسمىنى تىلغان ئېلىپ بولغىچە ئاپپاي خۇشاللىق بىلەن ئابدۇللا ئاكىنى چاقىردى، ئاندىن مىنىڭ تىلفون قىلغانلىقىمنى دىدى. ناھايتى تىزلا تېلفوننىڭ ئۇ تەرەپىدىن ئابدۇللا ئاكىنىڭ يېقىمنىڭ ئاۋازى قولىغىمغا ئاڭلاندى. مەن ئۇستازدىن ئەھۋال بوراپ بولغاندىن كىيىن ئۆزەمنىڭ پارىژغا ئوقۇشقا چىقىش ئۈچۈن بېيجىڭ ئايدورۇمغا كەلگەنلىگىمنى، يەنە 10 مىنۇتتىن كىيىن ئايروپىلانغا چىقىدىغانلىقىمنى دىدىم . ئۇستازنىڭ ئوقۇيدىغان كەسپىم ھەققىدە سورىغان سۇئالىغا ئۆزەمنىڭ سېلىشتۇرما ئەدەبىيات تۇرى بويىچە ماگىستىرلىق ئوقۇماقچى ئىگەنلىگىمنىمۇ دىدىم. ئۇستازنىڭ ئاۋازى تىترەپ چىقاتتى. ئاۋازىدىن ئۇنىڭ ماڭا دەيدىغان گەپلىرىنىڭ ناھايتى كۆپلىگىنى ھېس قىلىپ تۇراتتىم. ئۇستاز ئاخىرىدا ماڭا: بەك توغرى يولنى تاللاپسىز، سىز تىرىشچان قىز، پارىژدىن ھەرگىز قۇرۇق قول كەلمەيدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن، مەن سىزدىن پەخىرلىنىەن قىزىم. سىزگىمۇ ئاسان ئەمەس، بىراق سىز ھەرقانداق قىيىنچىلىقنى يىگەلەيسىز. يولىڭىز ئاق بولسۇن. دىدى تىترىگەن ۋە بوغۇق ئاۋازدا. مەنمۇ كۆزەمگە ياش كەلدى. خوشلىشىپ ئايروپىلاننىڭ كىرىش ئېغىزىغا قاراپ ماڭدىم.
مەن 2005- يىلى كۈز پەسلىدە ئۇرۇمچىگە قايتىپ كەلگەندىن كىيىن بىلسەم، ئابدۇللاھ تالىپ ئۇستاز مەن كېلىشتىن بۇرۇن ۋاپات بولغان ئىكەن. كۆڭلۈم بەك يېرىم بولدى. ئاندىن ئۆيىگە پەتىگە بېرىپ خانىمىنى يوقلۇدۇم. خانىمىنىڭ ئاغىزىدىن ئابدۇللا تالىپ ئۇستازنىڭ مەن توغۇرسىدا دىگەنلىرىنى، ئۇستازنىڭ مەندىن زور ئۆمۇتلەرنى كۈتكەنلىگىنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم تېخىمۇ يېرىم بولدى. كىيىن نەشىرىياتتا ئىشلەيدىغان بىر تونۇشىمىزدىن، ئابدۇللا تالىپ ئاكا شۇ تونۇشىمىزنىڭ ئىشخانىسىدا مەن توغۇرسىدا ۋە مىنىڭ كەلگۈسىدە مىللەتكە ئېلىپ كېلىدىغان ياخشىلىقىرىم توغۇرسىدا نۇرغۇن ئىجابى سۆزلەرنىڭ قىلغان ئىكەن. دىمەك ئۇستاز مەندىن مىللەتكە ئېلىپ كېلىدىغان زور ياخشىلىقلارنىڭ كۈتكەن ئىكەن.
مۇنداق ئاڭلاشقا ئابدۇللا تالىپ ئۇستازنىڭ مەندىن كۈتكەنلىرى قۇرۇق خىيالدەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ سەۋىبى بار ئىدى. ئابدۇللا تالىپ ئۇستاز بىلەن بىز يازغان ئەسەرلىرىمىز ئارقىلىق تونۇشقان ئىدۇق، ئۇ بولۇپمۇ مىنىڭ < ۋېناس ھەيكىلىگە قاراپ ئويلىغانلىرىم> ناملىق ئەسىرىنىمنى ياقتۇرغان ئىكەن. شۇنداق سەۋەپلەردىن بىز دائىم پىكىرلىشىپ تۇرىدىغان پىكىرداشلاردىن بولۇپ قالغان ئىدۇق. بولۇپمي دوكتور ھەكىمە ئەرشىدىن خانىم ئەنگىلىيەدىن كانىكول قىلىپ ۋەتەنگە قايىتقان ۋاختىدا ئۇستاز ئابدۇللا تالىپ ۋە خانىمى ئۆز ئۆيىدە ئالاھىدە سورۇن راستلاپ بىزنى بىر- بىرىمىز بىلەن تونۇشتۇرغان ئىدى. شۇ سورۇندا يەنە باشقا پىشقادەملەرمۇ بار ئىدى. مەن ، ھەكىمە خانىم ۋە ئابدۇللا تالىپ ئۇستاز گەرچە ياش جەھەتتىن ئوخشىمىغان دەۋىرنىڭ كىشىلىرى بولساقمۇ، بىزنى بىر- بىرىمىزگە باغلاپ تۇرىدىغان ئەدەبىياتتىن ئىبارەت بىر رىشتە بولغانلىقى ئۈچۈن، بىز ئاسانلا بىر بىرىمىزنىڭ كۆڭلىمىزنىڭ چوڭقۇر جايلىرىدىكى خىياللىرىمىزنى ۋە ئارزۇ ئارمانلىرىمىزنى ئاسانلا چۈشۈنۈپ يىتەلەيىتتۇق.
بۇگۈنكى كۈندە بىز ئابدۇللا تالىپ ئۇستازدىنمۇ، دوكتۇر ھەكىمە خانىمدىنمۇ ئايرىلدۇق. بەزى چاغلاردا مەن ئۆزەمنى دۇنيادا يىگانە ياشاۋاتقانداك، مۇڭداشقىدەك، پىكىرلەشكىدەك ئادەممۇ قالمىغاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالىمەن. شۇنداق چاغلاردا ئەن ئۇلارنىڭ ، مەندىن ۋاقىتسىز ئايرىلغان كۆيۈمچان، مېھرىبان كىشىلىرىمنى قايتا ئەسلەش ماڭا ئازىراق بولسىمۇ كۈچ قۇۋەت ۋە تەسەللى ئاتا قىلىدۇ.
ئاخىرىدا دەيدىغىنىم: ھايات ئاخىرلىشىدۇ، بىراق روھ ئاخىرلاشمايدۇ. چىن دىلىمىزدىن ئۇلارنى ئەسلەپ تۇرساق، بىزدىن ۋاقىتسىز ئايرىلغان كىشىلىرىمىزنىڭ روھى مەڭگۈ بىز بىلەن داۋاملىق بىرگە ياشايدۇ.
2026- يىلى6-ئاينىڭ 6-كۈنى مارىلاندنىڭ ئانناپولىس شەھرىدە يېزىلدى
