ئابدۇرېھىم ئابدۇللا
(قاماقتىكى ئەدىپلەر ئەسەرلەرىدىن)
يېتىمسىراپ مۇڭلاندى دۇنيا،
بولغىنىمدا زىندانغا بەندە.
قاقاقلىسام ماڭغاندا ئۇندا،
غالىبلىرىم بولدى شەرمەندە.
بىلەلمىدىم كېچە – كۈندۈزنى،
قۇياش كۆيۈپ كەتكەن لەھەتتە.
كۆرەلمىدىم تۈندە يۇلتۇزنى،
ۋە ئاخىرى ئۇنتۇلدى ھەپتە.
ئاي – يىللارنى بىلمىدىم زىنھار،
مەخپىي قالدى يارقىن پەسىللەر.
ھاياتلىقتىن كەلمىدى ئىزھار،
بارمۇ دۇنيا، بارمۇ ۋەسىللەر؟
كىملەر ئۈچۈن چۈشتۈم زىندانغا،
لېكىن مېنى قەستلىدى كىملەر؟
خائىنىممۇ سالدى ھىجرانغا،
ئەپسۇس مېنى ئەسلىدى كىملەر.
ئاھ سېغىندىم تاياق مېھرىنى،
سوراقلارمۇ بولمىدى نېسىپ.
كۆرەر ئىدىم ئىنسان چېھرىنى،
قىينىسا بىر تورۇسقا ئېسىپ.
لەھەت ئىچىدە يۈز بەردى بىر كۈن،
بىر مۆجىزە بىر ئاجايىبات.
ۋۇجۇدۇمدىن يورۇپ كەتتى تەن،
قۇياش بولۇپ پارلىدى ھەيھات.
نۇردەك بالقىپ كەلدى يىراقتىن،
كاككۇك ئۈنى ئاھ… كاككۇك ئۈنى.
شامدەك ئېرىپ كەتتىم پىراقتىن،
پۇراپ كەتتى باھار گۈلگىنى.
كۆردۈم سېنى مەن كاككۇك ئۈنىدىن،
بار ئىكەنسەن ھېلىمۇ دۇنيا.
پاتراق ئازات قىلغىن بۇ تۈندىن،
ئۇنتۇپ قالماي مېنىمۇ دۇنيا.
– ئابدۇرېھىم ئابدۇللا شېئىرى
ئابدۇرېھىم ھېيت ئىجراسىدا تۇتقۇنلار نالىسى:
