ئۆنۋېرسىتتىكى مۇھاببەت

زۇلفىيە مۇھاممەد

ئۇنۋىرسىتىت ھاياتى چوغلۇق،
جەۋلان قىلار ياشلىق ساداسى.
بىر تۈپ سۆگەت ۋە ياكى گۈللەر،
يۇشۇراتتى سۆيگۈ جۇلاسى.
ئەندىكتۈرۈپ قوياتتى بەزەن،
كۆيدۈرەتتى ھىجران پىراغى،

كىم ئۆتكۈزمىگەن شۇ ياشلىقنى
تۇيغۇغا ئەگەشكەن بەڭباشلىقنى…
يارغان ئەمەسمۇ پەرھات،
شېرىن ئۈچۈن  زور قورام تاشنى.

ئۇنۋىرستىتتا «خىجالەت دوقمۇش »
بىلدۈرەتتى يىگىتلىك ›شاش’نى،
يۈرەكسىزلىك بىر ياندا يەنە،
قاتۈراتتى بىر مۇنچە باشنى…
كەلمەيتى دە مۇھەببەت ئاسان،
مىدىرلىتىپ قويغانغا قاشنى….

سىم _سىم يامغۇر، كەچكۈز ئاخشىمى،
خىلۋەت كوچا، چىراق ئاستىدا
يېنىك _ يېنىك يۈرمەكتە بىر قىز ،
قاراپ قويۇپ ئۇياق _بۇياققا…
ھىس قىلمايتى سوغوق يامغۇرنى،
تەشنا ئىدى مۇزدەك بۇلاققا.
يۈرىگى يانار، خىيالىدا غەم،
كۆڭلۈمدىكى يېقىشلىق يىگىت،
كەلگەندىمۇ دىيىشكەن جايغا،
سىماسىنى كۆرسەم كۇپايە،
ئارام بولار بۇ مىسكىن جانغا.

كۈتۈپخانا ^ ئىلىم ماكانى،
ئۇچراشتۇرۇپ قويىدۇ بەزەن،
ئاتەشلەنگەن قەلب دۇنيانى.
كۆز سۆزلەيتى، قەلبلەر ھىستا،
يېتىشىچە ھەركىم ئىمكانى.
ۋۇجۇد تىترەر، نەپەس قىسىلار،
ۋاراقلىغاچ قوللار كىتاپنى…
قىزارغان يۈز،  يەرگە باققان كۆز،
ئەسلىتىدۇ بىرلا خىتاپنى،
«سۆيگۈ نىمە، سۆيۈلۈش نىمە،
لازىم ئەمەس ئىزدەش ئەسلىدە،
باشقا يەردىن چىن مۇھەببەتنى….»

ئۇچراشتۇرار سىنىپ، پەشتاقلار،
كۆيۈۋاتقان ئىككى يۈرەكنى،
پارام _پارچە قىلىپ قوياتتى،
پاراڭلىرى قېتىپ قالاتتى…
تۇتالمايتى ئىسىل پۇرسەتنى..
ئۆتۈپ كېتىپ پۇشايمان بىلەن،
قايرىلاتتى تۇتۇپ ئىڭەكنى…
«ئىھ مۇھەببەت » يىقىلدىم ساڭا،
قۇچاقلىدىم ئېغىر تىلەكنى.

تولغىناتتى ۋىجىككىنە قىز،
تاپالمىغاچ ۋىسال چىراغى.
ئۇندىمەيتى، ئېغىر تىناتتى،
قانداق نىمە ئويلاپ قالاتتى،
رىۋايەتتە سۆيگۈ ئىلاھى.

ئاسفالىت يول، مەجنۇنتال ھەمراھ،
قاتارلىشىپ ماڭار قىز _يىگىت .
قەلبلىرى ئىدى بىر سەيياھ،
تۇرۇپ قالار ئېغىزدا چىكىت…
خىيالىدا قىلاتتى پەرۋاز،
يىتەلمىگەن تاھىر زۆھرەگە،
قانداق بولدى لەيلى ۋە مەجنۇن؟
كىرىپ كەتسەم مەشۇق قەلبىگە…

سىنىپتا يالغۇز،
قەلەم بىلەن بولۇپ ھەمنەپەس،
سۆيگۈسىنى تىزىققا تىزىپ..
قىزىقتۇرماس ئارتۈقچە ھەۋەس،
ئارزۇيىنى قەغەزگە جىجىپ..
ئۇھسىناتتى تولغىنىپ ھەريان،
ھىجران كۈيى ئۆتكەندە تىلىپ….

ئۇچرىشىپ قالار،
ئاشخانا يولىدا،
كىرخانىدا…
گۈللۈكتىكى چېغىر يوللاردا….
ئۇچراشمىسا تەلمۈرۈپ قارار ،
ئوغۇرلۈقچە دەرىزە مارار..
ماڭغان ئىزدا مېڭىپمۇ باقار….
كونا جايدا مەقسەتسىز ساقلار،
ئەنسىرەپمۇ ئۈلگۈرەر بەزەن،
ھوجۈم قىلدى ناتونۇش ياتلار؟
ئامالسىز  بوپ يىغلاپمۇ تاشلار.

يېرىم كېچە، شامنىڭ ئاستىدا،
كىتىرلىتىپ تەسۋىرلەر يازار….
سۈكۈناتتا بۇ بىلىم يۇرتى،
مۇھەببەتكە ھەمدەمدە بولار…

جاۋاب يېزىش