مۈشۈك ۋە بىدە

كۈندۈزئاي ھامۇت

ناشتىسىغا بىدە يېدى مەن بىلەن،
يېنىمدا تەڭ ئولتۇرۇپ مۈشۈكۈم.
قورۇغان بىدە خوپ تېتىدى،ھەيرانمەن.
ئالدىرىدى تۇخۇمنىمۇ تالىشىپ.
بالىسىغا قىسىندىغان ئادەتتە،
مىيائو دەپلا سوقىۋەتتى مۈشۈكۈم.

ئەسلىدىممەن بىر رىۋايەت شۇندىلا،
سورىغانمىش يىلاندىنمۇ بىرى ھەم:
توپا يەمسەن ھەي قەدىناس ،بېرى كەل!
يىلان دەرمىش: يېغى بارمۇ توپاڭنىڭ؟

ئەسلىمەمدە يەنە تۆت ياش ۋاقلىرىم،
لويلا يېگەن نىڭشادىكى لاگىردا.
لويلا سۈيى بىر غەدىردا لىپمۇ- لىق،
نەدە بولسۇن يا ئىچىدە ياغ -مەلەك؟
كۈندە بىر ۋاق پارچە زاغرا ۋە لويلا،
ئىچى سۈرگەن ،ھەر ئىڭرىغان مەھبۇسلار،
ئاچارچىلىق ئۆمۈلەتكەن زور تەننى،
ھەتتا ئۆلدى قۇچۇقۇمدا بىر تۇڭگان،
كۆرۈپ تۇردۇم جان ئۈزگەندە كۆزىنى.
يەتمىش ياشلىق ما ..ئىسىملىك قېرى چال،
ھۆڭرەپ كەتتى يىگىرمە ياشلىق قىزىغا…

ئاتام مېنى قورقمىسۇن ،دەپ جىملاپ.
يەتتە ياشلىق ئاكامنى ھەم قۇچاقلاپ.
سۈرە فاتىئە ئوقۇدى ئاكام بىلەن،
سالام بەردى ،تۈگەتتى دۇئا بىلەن.

سوئاللىرىم يېغىپ كەتتى ئاتامغا.
— نېمە ئۈچۈن ئۆلدى، دەيدۇ بۇ بوۋاي؟
يىغلاپ ياتار ئورنىدىن ھىچ تۇرالماي؟
بوۋاي يۇلار چاچ -ساقالمى قاماللاپ،
ئاھلىرىغا ھىچ مىدىرماس گۈزەل قىز،
كۆزى ئوچۇق،قىياق قاشلىق،ئاق يۈزلۈك،
ھازىرغىچە سوئال قويار كاللامغا…

ئاتام دېدى مېنى بەزلەپ شىۋىرلاپ،
— ئۆلۈم —  ئۇ كەتمەك ئۇيقۇغا ئەبەت.
مەن ئويلۇدۇم شۇ چاغدا بوۋايغا قاراپ:
بىلدىم ئاتا  ئۇخلىمايمەن ھىچ ئەمدى،
ئۇخلاپ قالسام كۆرەلمەسكەن ھىچ كۆزۈم،
مىدىرماسكەن ھەتتا قولۇم -پۇتۇممۇ،
قىزنى دار-دار سۆرەپ كەتتى گۇندىپاي،
— تاشلىۋېتەر نەگە؟دەپ بوزلاپ كەتتى ئاتىسى.

سۆزۈم تەگدى قاتتىق ،ئىككى ئاتىغا،
يىغلاپ كەتتى قۇچاقلىشىپ بىر ھازا.
ئاكام بىلەن تەڭ يىغلاشتۇق بىزمۇ ھەم،
نېمە مەنا بار لېكىن ئىچىدە،
ھىچ بىلمەيمىز،نە چۈن يىغلار چوڭلار ھەم؟

تاراقشىتىپ ئىشىكنى كىردى ئىككى گۇندىپاي،
يىغلاۋاتقان تۆتىمىزگە ھۆرپىيىپ،
باشتىن ئىگىز كۆتۈرۈلگەن توم توقماق،
قاچان تېگەر، دەپ قورقتى ئاكاممۇ،
ئەزىز باشنى چىڭ قۇچقلاپ ئېڭىشىپ.
پەقەت مەنلا قورقماستىن قارايمەن،
مەندىن ئىگىز ئادەملەرگە ھەم كۆككە،
تۈرلۈك – تۈرلۈك سوئاللىرىم قاينايدۇ،
كىچىككىنە كۆزۈم تويماي قارايدۇ،
قالار لېكىن قۇلاقلىرىم جاۋاپسىز،
چىرىلدىغان چىكەتكىلەر ئاۋازى،
يارار تىمتاس بۇ سېسىغان كامىرنى.

ئاتام دېدى چۈشەندۈرۈپ خىتايچە:
ئىككى بالام يىغلار قاتتىق ئاچلىقتىن،
بوۋاي يىغلار ئۆز قىزىنىڭ ئۆلۈمىدىن.
قانداق قىلاي سولاپ قويساڭ بىگۇناھ،
ئاتا تۇرۇپ تاپالمىسام پارچە نان؟
مەن يىغلىدىم بالىلىرىم ھالىغا،
كەلسۇن باشلىق سۆزلىشىمەن كېچىچە،
قويۇۋەتسۇن يەتمىش ياشلىق بوۋاينى.
بېرىپ ياتسۇن ئاخىرىقى كۈنلىرىدە،
قىزى تۇرغان ،كۆڭلى قالغان يېرىدە.
كەتتى ھۇشى ئەستىن چىقىپ نەچچە رەت،
بۇمۇ ئۆلسە جاۋابكارى سەنمۇ،سەن؟!

ئەتىسىدىن باشلاپلا كامىرلار قايناپ كەتتى،
قىيا – چىيا ،ۋار – ۋۇرلار بىلەن.
شاپائەتكە ئېرىشتى نورما كۆپىيىپ تۇڭگان قىزنىڭ ئۆلۈمى سەۋەب.
ھەر ئادەمگە تارقىتىلدى مەجبۇرەن،
ئۈچ قاچا لويلا سۈيى كۆپ-كۆك يېشىل سۇ،
لويلا يوپۇرمىقى كۆرۈنەر ئارىلاپ،
خۇددى كۆلچەكتىكى سۇ ئوتى لەشتەك.

ئىچمەيمەن،دەپ يىغلاپ كېتەتتىم،
ئىچەلمەي قۇساتتى ئاكام ھەم،
چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ ئىچىپ ئاتام،
ئىڭىشىپ قالاتتى تۇتۇپ ئاشقازان.
كۆزىنىمۇ تۈزۈك ئاچالماي بوۋاي،
قانداق ئاچسۇن ئاغزىنى راھەت،
تاياق يېدى بىچارە چىر -چىر،
ئىسىتمىسى بار بەلكى قىرىقتا،
شۇڭا ئازاد ئېتىلدى كېيىن ئىچىشتىن.

ئاكام بىلەن قىيا قىلدۇق،
قورقۇپ توقماقتىن…
چىڭ چاپلاشتۇق ئاتامغا بىچارىلىكتىن.
ئاتام دېدى: قورتۇتما ھىچ كىچىك بالىنى،
گېپىڭ بولسا قىل ئىشخانەڭدە تارتىپ بىر مېنى!

چىدىمىغان نالىمىزگە ئىككى گۇندىپاي،
— توختات يىغىسىنى ئىككى كۈچۈكنىڭ!
ئىچۈر مەجبۇرلاپ قۇسۇپ ياتسىمۇ،
ئۆلۈشكە رۇخسەت يوق!باشلىق بۇيرۇقى…

ئۈچ كۈنلۈك تاماق ۋاقتى،
قىيا -چىيا، يىغا -زارە بېسىلمىدى ھىچ،
ھاجەتخانە ۋاقتى ئالدىراش تەنلەر،
كۈن ۋاقتىغا نۆۋەت ھىچ تەگمەس.
چارچاپ كېتىپ گۇندىپايلارمۇ،
ئاچچىغىنى چىقاردى ئۇرۇپ -تىللاپ.

قورقارمەن ئاڭلاپ چىقىراشلارنى،
ئاكام شۈمشىيەر ياتار بۇلۇڭدا.
تۇڭگان بوۋاي ئاران تىرىلدى،
ئاتام باقتى نەچچە كېچە ئۇخلىماي،
لۆڭگە قويۇپ بېشىغا،
دۇئا ئوقۇپ يېنىدا.

ئەتىسىدىن باشلاپلا ئەھۋال بىر ئاز ئۆزگەردى،
چۈنكى مەنكى يىغلاڭغۇ،
سەۋەبكارى ئىمىشمەن،
بارچە ۋارى -ۋارىغا.
توقماق – پەشۋا يىگەنلەر،
ئەرز قىپتۇمىش زھوڭيانغا…

بۇ شىكايەت دەستىدىن،
ئەركىنلىككە قىسمەن ئېرىشتىم.
ماڭا يىغلاش ياساق،
تاماق زورلاش ياساق،
ھاجەتخانىغا قاتراش ياساق،
ئەمما كۈندۈزى كامىر ئىشىكى مەن ئۈچۈن ئوچۇق،
ئاكام،ئاتام ۋە بوۋايغا ياساق.

ئاتام كۈلدى ،خوپ باشلىق! دەپ.
بوۋاي باش لىڭشىتتى مەمنۇن بولۇپ،
ئاكام قارار ،سوئال سورار نە ئۈچۈن، دەپ.
مەن بىلمىگەچ سەۋەبنى تۇردۇم دەرىزىدىن ماراپ .

ئاتام قۇتۇلدى لويلا سۈيىنى زورلاپ ئىچىشتىن،
خۇپىيانە كارۋات ئاستىغا تۆكۈشتىن،
گۇندىپاي ھاجەتكە ئاپارماس بولدى،
مەن ھويلىغا چىقالايدىغان بولدۇم قورقۇمسىراپ.
باھانەمدە كۈن كۆردى بىر ئاز،
كامىر ئىچى ھاۋالاندى ئاز-پاز.

ئىككى كۈن كېيىن ھويلىغا چىقتىم،
ئاپتاپ سۇنۇپتۇ ھورۇن بىر مۈشۈك.
بىر قۇشقاچ ئۇچۇپ يۈرمەكتە،
ۋىچىر -ۋىچىر سايراپ بېشىمدىم ئۆتۈپ.

كۈن كۆرۈشكە چىقىپتۇ ئوندەك مەھبۇس 3-كامىردىن،
ئەمما قوللىرى باغلىپتۇ ئارغامچا بىلەن.
مېنى كۆرگەن بەزىلەر كۈلۈپ كەتتى،بەزىلەر تىللاپ…
قورقۇپ قاچتىم كامىر ئىچىگە،ئاتام قوينىغا.
يىغلاپ سالدىم ياساقنى بىلمەي،
شىددەت بىلەن كىردى گۇندىپاي،
توقماق قورقۇسى باستى كامىرنى يەنە…

سۆرەپ ئەپكەتتى ئاتامنى،
مېنىڭ تاياق نۆۋىتىمنى ئاتام چەكتى ئېھتىمال،
قانچە زامان كەچتى بىلمەيمەن،
ھىچ ئولتۇرمىغان بوۋاي قۇچىقى،
ئاكام ئىككىمىزگە تۇيۇلدى ئىللىق شۇ ئان.

ئىشىك جالاقشىدى،ئاتام كىردى،
بوۋاي قويۇشقا ئۈلگۈرمىدى مېنى يەرگە.
تىل -تاياقنىڭ ھەيۋىسى بوۋاي بېشىدا،
ئاتام ئاران قۇتقازدى ئارىغا كىرىپ.

— بوۋايغا ياساق بىز بىلەن سۆزلىشىش،
دېدى ئاتام بىزگە چۈشەندۈرۈپ.
ئەمما كېچىچە ئاتام مۇئەللىم،
تۇڭگان بوۋاي ئۆگىنەر ئاكتىپ سۈرە -ئايەتنى.
يىغلار بەزىدە ئاتا تۇرۇپ دەپنە  قىلالمىغان قىزىغا ئاھ ئۇرۇپ،ئاھ ئۇرۇپ،تولغۇنۇپ…
ئاتام بەزلەر،ناماز ئۆگىتەر،
شىۋىرار،شىۋىرلىشار…
مەن كۆزلۈرۈم يېرىم يۇمۇلغان،
ئاكام ئىككىمىز ئۇيقۇغا چۆكۈمىز ئامان.

كامىر ئىچىدە شىۋىرلاشلار داۋام،
مەنمۇ ھويلىدا تاپتىم ئاداش قۇشقاچ ۋە مۈشۈك.
ئەمما ئۇ ئىككىسى ئەركىن ئىدى مەندىن،
مەن ئاتالدىم «ياڭ ۋاۋا، قونچاق».

بۈگۈن مۈشۈكۈم خۇددى قىزىمدەك،
مۇڭدىشار،ئەركىلەر،ئەركىلىتەر ھەم.
ئەسلىرىمدە تۈرمە مۈشۈكى،
ئۇ قەپەسسىز،ئەمما جىق ئىنسان،
يىغىلغان جازا لاگىرىغا.
كۆپىنچىسى خۇددى بىزدەك ،
مەجبۇرى پويىزدىن چۈشۈرۈلگەن،
بەزىلىرى تىلەمچى ۋە بەزىسى ئاچلىقتىن يېمەك ئوغۇرلىغان…

شۇندىن باشلاپ «كىچىك مۇخبىر» مەن،
ئىنقىلاپچى ئاتام كامىرىغا.
كۈن كۆرۈش پەيتىدە  ئالاقە قىلدۇق،
ئاكام ئىككىمىز بالا سۈپەتتە.

مەن ئوينۇدۇم مۈشۈك بىلەن لاگىر ئىچىدە،
ئەمما ياساق ئىدى باشقا كامىرلار،
تالاغا چىقمىسام چاقىرار قۇشقاچ،
دەرىزە تۈۋىدە قونۇپ ۋىچىرلاپ.

مەن ياشىدىم ھەممىدىن ئەركىن،
لاگىر باشلىقى مۈشۈكى سايىسىدە.
كېيىن كىرەر بولدۇم ھەممە كامىرغا،
مۈشûك ھوقۇقى يېتەر مېنى ئەگەشتۈرۈشكە.
بەزىدە يەلەيمەن ھەتتا،
بىر پارچە ئاق نان،
قىسىنارمەن ئاشقازىنى ئاغرىق ئاتامغا.
مۈشۈك ئېرىشكەن ھەممە ھوقۇققا،
ئېرىشەلمىسەممۇ ئادەم تۇرۇپ،
ئەمما رازى ئىدۇق،قۇتۇلۇشتىن ئاۋال،
ئاتالغان قونچاق نامىمغا،
قاپقارا قوي كۆزلۈك،بۇدرە چاچلىق قىز،
ئەپ كىرگەن خۇشاللىق بارچە كامىرغا.

ئىنقىلابىم باشلاندى كامىر ئىچىدە،
كامىرلار ئارا كۆتۈرۈلدۈم مۈرىلەردە،
ئۇچتۇم بىلەكلەردە،مۈشۈك قالدى يەردە.
قۇشقۇچۇم كېلەر ھەر كۈنى چاقىرىپ،
چۈنكى ئاتام ئۇنىڭغىمۇ بېرەر زاغرا ئۇۋىقى قىسىنىپ.

بىر قىزچاق،بىر مۈشۈك  ۋە بىر قۇشقاچ،
ئېلىپ كىردى كامىرلارلارغا كۈلكىلەر،
ئەسەبىي چىرايلار مۇلايىملاشتى،
قىزارغان كۆزلەر سۇسلاشتى،
ماڭا قولياغلىقتىن چاشقان ياساشنى
ئۆگۈتۈپ قويۇشتى ئەپچىل.
كۈن كۆرگىلى نۆۋەت بىلەن چىققانلار،
ئارغامچىدىن ئازاد بولدى،پەقەت تىزىلدى سۈكۈتتە…

كىچىككىنە بىر ئۇيغۇر قىزى،
ئىنقىلابنى ئۆگەندى ئاتىسىدىن،
ئەركىنلىكنى،ھۆرلۈكنى ئىزدەشنى.
ئۇچۇپ يۈرگەن شۇ قۇشقاچ كەبى،
كىشىلەر ئارىسىدا قانداق ياشاشنى…

كىچىك قىز– كىچىك مۇخبىر،
ئاتىسىنىڭ پلانىنى ئۇچۇردى كامىرلار ئارا ،
ھەرىكەتلەر، ئەرزلەر باشلاندى ئاستا -ئاستا
ئەركىنلىك ئۈچۈن …
چىقىش ئۈچۈن لاگىر سىرتىغا،

ئەمما ناھايەت پاش بوپ قالدى  كىچىك مۇخبىر قىز،
ياساقلاندى يەنە كامىرغا.
شۇندا بەردى ئاتا قارارىنى،
بىر ئامالدا قېچىپ چىقىشقا.

ئاتام تاپتى يەنە بىر ئامال،
بوۋاي ئىجرا قىلدى ئاينىشنى،
شۇ سەۋەبتىن بارچە كامىرلار،
قىزىپ كەتتى دوختۇرلار بىلەن.
دۈپۈر -دۈپۈر،تېز -تېز قەدەملەر..
تاياق دەردى قاپلىدى يەنە،
ۋارقىراش،چىر -چىرلار ياڭرار…
ئەمما بوۋاي يېرىم جان يەنە،
ئۆلۈم  قورقۇ ئەپكىلەر ھەر ئان،
بوۋاي  ئازاد ،بەردى ئادرەس
شۇۋىرلاپ،شىۋىرلاپ…

ئۆتتى كۈنلەر يەنە قانچىلىك؟
ھاكاۋۇر مۈشۈكمۇ كەتتى  جىم-جىتلا.
بىر كۈنى كەچىدە قاچتۇق ئوڭۇشلۇق،
پارا بېرىپ گۇندىپايغا،
سىم توساقتىن ئاران قۇتۇلدۇق.

ئاكام كىچىك، مەن كىچىك،
ئاتام كۆتۈرەلمەس بىزنى ئاچلىقتىن،
ئاتام تۇتار قورساقنى مۇجۇپ،
ئاكام يىغلار ئاتام ھالىغا،
تېخى مەن يوللاردا توختاپ نەچچە رەت،
— ئۇخلايمەن جان ئاتا رۇخسەت بارمۇ  ؟دەپ…

مۈشۈكۈم مىياڭلاپ تارتىپ ئەپچىقتى،
پۈرۈشكەن يىغلاڭغۇ سىنىمغا قاراپ.
ئىشتەينى بىر ئاچقان ياغلىغان بىدە،
مۈشۈككە ھەم ماڭا بولدى ناشتىلىق.
ۋە لېكىن ئۇنتۇلماس كامىر تامىقى،
قىرتاق تەم لويلىنىڭ كۆپ-كۆك شورپىسى،
چۆپ ئىدى شۇ چاغدا ئاچچىق يوپۇرماق،
نان ئىدى بىر زامان قامغاق ئۇرۇغى،
قەھرىمان ئاتالدى ھەتتا ھوتەندە،
150 گرام قوناق بەرگەن،
يوقسۇللۇقتا قالغان قۇربان تۇلۇممۇ!
….

مۈشۈكۈم بەك ئەركىن ئۆيدە ھەر قاچان،
تالادا تۇتىدۇ ھەتتا چاشقاننى،
ۋەتىنىم چوڭ قەپەز تامامى تۈرمە،
نى ئۇيغۇر كۆرىدۇ قاتتىق زۇلۇمنى،
ئەركىنلىك ئوتىدا كۆيگەن ئاتامدەك،
نى قۇربان،شېھىتلەر كەتتى قۇملاردەك.
ھۆرلۈكنىڭ سىنلىرى ئېزىتقۇ كەبى،
كۆرۈنەر بىر پەرى ئالتۇن بارخاندا.

مۈشۈكۈم مىياڭلا ئەركىنلىك چىللا،
ئەركسىز ئۇيغۇرمۇ خۇشلانسۇن كۆكتە،
كۆك چۆچۈرە — باھار ئەلچىسى،
ئەپكەلسۇن ئۇيغۇرغا بىر شاتلىق، كۈلكە.

شىۋىتسىيە ستوككھولم

2023 -5-19

جاۋاب يېزىش