نەۋرەم

نۇزۇگۇم
ھاياتىمنى داۋام ئەتتىڭ
يەنە بىر نۆۋەت.
يېڭى تۇغۇلدۇم ،
سۆيۈندۇم قەۋەت.
ۋىلىقلايسەن
قۇياشچاق كەبى.
جىمىرلايسەن،
ئۈكەردەك تېخى.
گىرە سالساڭ ،
بويۇنلىرىمغا.
تارار تەنگە،
بېھىشنىڭ ھېدى.
كۆزلىرىڭدىن
تېرىلەر ئۈمىد.
تىللىرىڭدىن
تۆكۈلەر ئۈنچە.
ئۇلىقىسەن
ئوغۇز بوۋاڭنىڭ،
ئۇلاپ ماڭغىن
نەسلىڭنى بىرگە.
كۆكۈش كۆزلىرىڭ،
ياغاچ شەمشىرىڭ،
سۈتتەك يۈزلىرىڭ،
چوغدەك لەۋلىرىڭ،
بىر يادىگاردۇر
ئۇنىڭدىن بىزگە.
ئىلتىجايىمدۇر
ئۇلۇغ ئاللاھتىن،
غۇنچە لېۋىڭدىن
كەتمىسۇن كۈلكە.
2023. 6. 4. باد تاباتس گېرمانىيە.

جاۋاب يېزىش