چىرايلىق ھەسرىتىمسەن

گۇلخان
چىرايلىق ھەسرىتىمسەن جېنىمدىكى،
چۆللەرگە كىرىپ كەتكەن تېنىمدىكى.
سېغىنىش ئەڭنى جۇل- جۇل باھار گويا،
سېنى دەپ تۇرۇپ قالغان يېنىمدىكى.
يۇلتۇزغا ئايلىنىسەن قولۇم يەتمەس،
سېنىڭسىز ئاتمىقى تەس تېڭىمدىكى.
بىر قۇچاق پىراق بىلەن بىللە ياشاپ،
يولۇڭدا ئويۇپ قالغان قېنىمدىكى.
بۇ كۈتۈش مەۋسۇمىدۇر شۇنچە ئۇزاق،
بىر تال بىخ تىترەپ تۇرغان دېنىمدىكى.
بەرىبىر سىرغىپ – سىرغىپ تۈگىشىمەن،
چىرايلىق ھەسرەت بولۇپ سېنىڭدىكى .
2015.7.1 چىرا

جاۋاب يېزىش