باھار سېنى سېغىنىپ كەتتىم

ئايگۈل ئالىم»تامچە»

مەجنۇن تاللار ياپرىغى غازان،
بولاقلارنىڭ سۇلىرى قۇرۇپ.
نەچچە ئەگىز بۇلغۇنۇپ كەتتى،
ئادالەتكە سېلىنىپ قۇلۇپ،
باھار سېنى سېغىنىپ كەتتىم،
ئالالمىدىم مەن سىنى يۇلۇپ.

بىدىلىكلەر قاقاسقا تولدى،
زەرەتگاھلىق قوقاسقا چۈشۈپ.
ئېتىزلىرىم ئىزلەيدۇ دېھقان،
ئىش ئەمگەكنىڭ كۈيلىرى ئۆچۈپ.
باھار سېنى سېغىنىپ كەتتىم،
دىل باھارى يىراقلاپ كۆچۈپ.

بەلكى قارا كۆرۈندى يېشىل،
دۇنيا تۇمان كۆزلەر ئېچىشىپ.
غىرىپ ساتار تارلىرى ئۈزۈك،
نەپ يولىدا ۋىجدان چېلىشپ.
باھار سېنى سېغىنىپ كەتتىم،
قارلىغاچلار  كەتكەچ تېزىشىپ.

باھار سېنى سېغىنىپ كەتتىم،
ئىللىق تەپتىڭ يىراق مېنىڭدىن.
ئاھ شۇندىمۇ ئۈزمىدىم ئۈمۈت،
ھەم يۈرمىدىم رەنجىپ سېنىڭدىن.
باھار كەلدى دېدى كائىنات،
چېھرىم كۈلدى گۈزەل، نامىڭدىن.

جاۋاب يېزىش