شىۋىتسارىيە ئاياللىرىنىڭ تولۇق گراجدانلىق ھوقۇقى

 

نۇرىيە راھمان

(شىۋىتسارىيە)

ئىلاۋە

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 1977– يىلى 8– مارت كۈنىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ «  ئاياللار ھوقۇقى ۋە خەلقئارا تېنچلىق كۈنى »، قىسقارتىلىپ « خەلقئارا ئاياللار كۈنى » دەپ بەلگىلىگەن. بۇ ئاياللار ھوقۇقى ئۈچۈن داۋاملىق كۈرىشىشنى، ئەر- ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى باراۋەرسىزلىكلەرگە خاتىمە بېرىشنى تەكىتلەيدىغان خەلقارالىق بىر كۈن. ئەپسۇسلىنارلىقى، دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەردە ئاياللار ئەرلەر بىلەن باراۋەر ھوقۇقتىن ئەمەس، ھەتتا ئەڭ ئەقەللىي ئىنسانىي ھوقۇقلىرىدىنمۇ بەھرىمان بولالماي ياشىماقتا. بۇندىن يىگىرمە نەچچە يىل ئىلگىرى شىۋىتسارىيەگە يېڭى كەلگىنىمدە، شىۋىتسارىيەلىك ئاياللارنىڭ پەقەت 1971– يىلىغا كەلگەندىلا شىۋىتسارىيەلىك ئەرلەرگە ئوخشاش سايلام ۋە ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەنلىكىنى بىلىپ، تولىمۇ ھەيران بولغانىدىم. شىۋىتسارىيە، ياۋروپانىڭ”يۈرىكى“گە جايلاشقان بىر دېموكىراتىك دۆلەت ئاياللارغا ئەرلەر بىلەن باراۋەر ھوقۇق بېرىپ، تولۇق گىراجدانلىق ھوقۇقتىن ئەرلەرگە ئوخشاشلا بەھرىمان بولۇشىنى تولىمۇ كېچىكتۈرگەن بىر دۆلەت. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ ھەقتە بىراز ئىزدىنىپ، بۇ “كېچىكىش”نىڭ سەۋەبىنى چۈشىنىپ يەتكەنىدىم. ” 8– مارت ئاياللار بايرىمى“مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ تېما ئۈستىدە توختىلىشىمدىكى مەقسەد ئۇيغۇرلارغا، بولۇپمۇ ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىغا ھەتتا باراۋەرلىك، دېموكىراتىيىنى ئەلا بىلىدىغان شىۋىتسارىيەدەك بىر دېموكىراتىك دۆلەتتىمۇ ئاياللار ئۆز ھوقۇق-مەنپەئەتلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن نەقەدەر زور تىرىشچانلىقلار كۆرسەتكەنلىكىنى، شۇنداقلا داۋاملىق كۈرىشىۋاتقانلىقىنى يورۇتۇپ بېرىشتۇر.

“بىر دۆلەت ئۆز زىمىنىنىڭ كىچىكلىكى تۈپەيلى، بۈيۈكلۈكنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى بىلمەسلىكى كېرەكمۇ؟”

—–چارلىز فېردىناند رامۇز ( 18781947، شىۋىتسارىيەلىك يازغۇچى)

شىۋىتسارىيە تىلغا ئېلىنسا، بۇ دۆلەتنى بىلمەيدىغانلار كۆپ بولمىسا كېرەك، بولۇپمۇ شىۋىتسارىيە سائەتلىرى، شاكالاتلىرى، پىچاقلىرى، شۇنداقلا يەنە شىۋىتسارىيە بانكىلىرى، بىتەرەپ دۆلەتلىكى، قىزىل كىرست جەمىيىتى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ياۋروپادىكى باش شىتابى ۋە باشقا كۆپلىگەن  خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ، شىركەتلەرنىڭ باش شىتابلىرىنىڭ شىۋىتسارىيەدە بولۇشى قاتارلىق ئۇچۇرلار بۈگۈنكى كۈندە كىشىلەرگە ناتونۇش ئەمەس.  بۇندىن يىگىرمە نەچچە يىل ئىلگىرى، شىۋىتسارىيەگە يېڭى ئوقۇشقا كەلگەن چاغلىرىم ئىدى. بىر كۈنى پويىزدا كېتىۋېتىپ، ۋاگوننىڭ تېمىغا چاپلانغان مۇنداق بىر ئۈزۈندە دىققىتىمنى تارتقان ھەم ھازىرغىچە يادىمدا: ” بىر دۆلەت ئۆز زىمىنىنىڭ كىچىكلىكى تۈپەيلى، بۈيۈكلۈكنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى بىلمەسلىكى كېرەكمۇ؟ “ بۇ شىۋىتسارىيەلىك يازغۇچى چارلىز فېردىناند رامۇز (18781947) ئېيتقان بىر ھېكمەتلىك جۈملىدۇر. شۇنداق، شىۋىتسارىيە كىچىكلا بىر دۆلەت، ئەمما ئۇ ئۆزىنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى مۇقىملىقى، ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ئەۋزەللىكى، دۇنيا تېنچلىقى ئۈچۈن خەلقارا دىپلوماتسىيەسىدە ئويناۋاتقان رولى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن دۇنيا سەھنىسىدىكى مۇھىم دۆلەتلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ۋاھالەنكى، شىۋىتسارىيەنىڭ سىياسىي تۈزۈلمىسىدىكى ئۆزگىچىلىكلەرنى، جۈملىدىن شىۋىتسارىيەنىڭ دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەردىن پەرقلىق بولغان بىۋاستە دېموكىراتىيىلىك دۆلەت ئىكەنلىكىنى، بۇ دۆلەتتە ھەتتا بىر نەچچە يىل مۇقىم ۋەزىپە ئۆتەيدىغان بىر رەئىس بولمايدىغانلىقىنى بىلىدىغانلار كۆپ بولمىسا كېرەك. كىشىلەرنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدىغان بىر نۇقتا بار، ئۇ بولسىمۇ شىۋىتسارىيە، ياۋروپانىڭ” يۈرىكى“ گە جايلاشقان بىر دېموكىراتىك دۆلەت ئاياللارغا ئەرلەر بىلەن باراۋەر ھوقۇق بېرىپ، تولۇق گىراجدانلىق ھوقۇقتىن ئەرلەرگە ئوخشاشلا بەھرىمان بولۇشىنى 120 يىل كېچىكتۈرگەن. شۇنداق، شىۋىتسارىيە ئاياللارغا ئاۋاز بېرىش ۋە سايلام ھوقۇقىنى كۆپ كېچىكىپ بەرگەن دۆلەتلەرنىڭ بىرى، بۇ يەنە بىۋاستە دېموكىراتىيە ئاساسىدا ئەرلەرنىڭ دېموكىراتىك ھالدا ئاۋاز بېرىشى بىلەن ۋۇجۇتقا چىققان. مەزكۇر ماقالە دەل بۇ ” كېچىكتۈرۈش“نىڭ سەۋەبلىرىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇشنى مەقسەد قىلىدۇ.

ئالدى بىلەن، شىۋىتسارىيەنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى بىراز شەرھىلەپ ئۆتىمىز. ئاندىن شىۋىتسارىيە ئاياللىرىنىڭ تولۇق گىراجدانلىق ھوقۇقى يەنى ئاۋاز بېرىش، سايلام ھوقۇقلىرى ئۈستىدە توختىلىمىز.

شىۋىتسارىيە شىۋىتسارىيە بىرلەشمە فېدېراتسىيىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ ياۋروپانىڭ مەركىزىگە جايلاشقان بولۇپ، ئىتالىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە، ئاۋىستىرىيە ۋە لىشتېنستەئىن قاتارلىق بەش دۆلەت بىلەن چېگرىلىنىدۇ. شىۋىتسارىيە يەر مەيدانى 41 مىڭ كۋادىرات كىلومېتىردىن سەل ئاشىدىغان كىچىك بىر دۆلەت بولۇپ، ئۈچ چوڭ جۇغراپىيەلىك رايونغا بۆلۈنگەن: ئالپس تاغ تىزمىلىر 58 پىرسەنت، جۇرا تاغ تىزمىلىرى 11 پىرسەنت ، بۇ ئىككى تاغ تىزمىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى تۈزلەڭلىك 31 پىرسەنتنى ئىگىلەيدۇ. شىۋىتسارىيە ئاھالىسىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمى دەل شىۋىتسارىيە ئومۇمىي يەر كۆلىمىنىڭ ئۈچتىن بىرىگىمۇ يەتمەيدىغان  تۈزلەڭلىكتە ياشايدۇ. تەكىتلەپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدىغىنى، شىۋىتسارىيە دۇنيادا يىلدا ئورمان كۆلىمى ئېشىپ بېرىۋاتقان ئاز ساندىكى دۆلەتلەرنىڭ بىرى. ئالپس تاغ تىزمىلىرىدىكى 4000  مېتىردىن ئاشىدىغان 82 چوققىدىن 42 سى شىۋىتسارىيەدە، ئەڭ ئىگىزى 4634 مېتىر كېلىدىغان دۇفۇر چوققىسىدۇر. ئېلېكتىرلىق ئاسما كابىن بىلەن، ئەڭ ئىگىز بولغاندا 3820 مېتىر ئىگىزلىكتىكى ”كىچىك ماتتېرھورن“ چوققىسىغا چىققىلى بولىدۇ. داڭلىق رىن دەرياسى، رون دەرياسى ۋە تېسسىن دەريالىرى شىۋىتسارىيە تاغلىرىدىن ئېرىپ چۈشكەن قار- مۇز سۇلىرى بىلەن باشلىنىدۇ. شىۋىتسارىيەدە يەنە 1500 دىن ئارتۇق چوڭ-كىچىك كۆللەر بار. يىغىنچاقلىغاندا، چوققىلىرىنى قىشمۇ- ياز قار قاپلاپ تۇرىدىغان ھەيۋەتلىك ئالپس تاغ تىزمىلىرى، تاغ باغرىدىكى قويۇق ئورمانلىقلار، كەڭرى كەتكەن سالا- سالا ئېتىزلار، زۇمرەتتەك سۈيى بار كۆللەر، چوڭ-كىچىك دەريالار شىۋىتسارىيەنىڭ”يەر يۈزىدىكى جەننەت“ دەپ تەرىپلىنىشىدىكى ئالاھىدىلىكلىرى قاتارىدا سانىلىدۇ. 

شىۋىتسارىيە نوپوسى، 2021-يىلدىكى ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 8.7 مىليوندىن سەل ئاشىدۇ. بۇنىڭ 2 مىليوندىن كۆپرەكى چەتئەللىكلەر بولۇپ، شىۋىتسارىيە ياۋروپادىكى چەتئەللىكلەر ھەممىدىن كۆپ دۆلەتلەرنىڭ بىرى. شىۋىتسارىيە نوپوسىنىڭ بەشتىن بىر قىسمىنى پەنسىيە يېشىدىن ئاشقانلار ئىگىلىگەن، ئوتتۇرىچە ئۆمۈر كۆرۈش يېشى ئاياللارنىڭ 85.7 ياش ، ئەرلەرنىڭ 81.6 ياش. ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشتە دۇنيادا ياپونىيەدىن قالسا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. 

شىۋىتسارىيە كۆپ تىللىق دۆلەت بولۇپ، نېمىس تىلى، فرانسۇس تىلى، ئىتالىيە تىلى ۋە رومانىش تىلىدىن ئىبارەت تۆت خىل تىل دۆلەت تىلى قىلىپ بېكىتىلگەن.  62.6پىرسەنت ئادەم نېمىسچە، 22.9 پىرسەنت ئادەم فرانسۇزچە، 8.2 پىرسەنت ئادەم ئىتالىيانچە، پەقەت 0.5 پىرسەنت ئادەم رومانىشچە سۆزلەيدۇ، يەنە بەزى يەرلىك شىۋىلەرمۇ ئۆز مەۋجۇتلىقىنى يوقاتمىغان. ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى، شىۋىتسارىيە نېمىسچىسى گەرمانىيە نېمىسچىسىدىن پەرقلىنىدىغان بولۇپ، شىۋىتسارىيەدە ئىشلەيدىغان نېمىسلار مەخسۇس ئۆگەنمىسە چۈشەنمەيدۇ. شىۋىتسارىيەدىكى خەلقارالىق تەشكىلاتلار ۋە شىركەتلەر ئۈچۈن ئىشلەيدىغان چەتئەللىك خىزمەتچىلەرمۇ كۆپ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنگلىزچە سۆزلىشىدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس، ئەلۋەتتە. بۇ ھالغا شىۋىتسارىيەدە ياشايدىغان چەتئەللىكلەرنىڭ ئۆز ئانا تىللىرى، جۈملىدىن ئۇيغۇر تىلىمىز  قوشۇلۇپ، شىۋىتسارىيەنى كۆپ تىللىق دۆلەتكە ئايلاندۇرغان، شىۋىتسارىيەنىڭ كۆپ خىل مەدەنىيەت ئارىلاشقان بىر دۆلەت بولۇشتەك ئالاھىدىلىكىگە سىڭىپ كەتكەن.

شىۋىتسارىيە تەتقىقاتچىلار دۆلىتى دەپ قارىلىدۇ. شىۋىتسارىيەدە ئون ئۇنىۋېرسىتېت، ئىككى ئالىي تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە نۇرغۇن كەسپىي تېخنىكا مەكتەپلىرى بار. لوزان ئالىي تېخنىك ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن زۈرىخ فېدېراتسىيە ئالىي تېخنىك ئۇنىۋېرسىتېتى دۇنيادىكى 20 داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلار قاتارىدا سانىلىدۇ. شىۋىتسارىيە بىرلەشمە فېدېراتسىيىسىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، شىۋىتسارىيە دۆلەتلىك ئىلمىي تەتقىقات فوندى ھەر تۈرلۈك تەتقىقاتلارغا جۈملىدىن تەبىئىي پەن، تارىخ، تىبابەت قاتارلىق ساھالەردىكى تەتقىقاتلار ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز مالىيە ئاجرىتىدۇ. شىۋىتسارىيە دۇنيادىكى تەتقىقات ساھەسىدە ناھايىتى ئىلگىرىلىگەن دۆلەتلەرنىڭ بىر بولۇپ، يىلدا 3-4 پىرسەنت پ ى ب (ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى) نى ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، شىۋىتسارىيە دۇنيادا تەتقىقات ئۈچۈن ئەڭ كۆپ ئىقتىساد ئاجرىتىدىغان دۆلەتلەرنىڭ ئالدى. شىۋىتسارىيەنىڭ ئۆزگىچە ۋە مۇكەممەل بولغان مائارىپ سېستىمىسى، كەسپىي تەربىيەلەش ۋە شاگىرتلىق تۈزۈمى يۇقۇرى سۈپەتلىك ئەمگەك كۈچلىرىنى ۋۇجۇتقا چىقىرىپ، ھەر ساھەدىكى لاياقەت ئىگىلىرىگە باي بولۇشىدىكى ئاچقۇچ بولۇپ كەلمەكتە.

شىۋىتسارىيەدە تەبىئىي بايلىقلار ناھايىتىمۇ ئاز بولۇپ، ئاساسلىقى سىرتتىن خام ئەشيا ئىمپورت قىلىپ، پىششىقلاپ ئىشلەپ يەنى قىممەت يارىتىپ، ئاندىن ئېكسپورت قىلىدۇ.  ئېكسپورت قىلىنىدىغان تۈرلەردىن خىمىيىلىك مەھسۇلاتلار ۋە دورىلار 52 پىرسەنت، ھەر خىل ماشىنا ۋە ئېلېكتىر سايمانلىرى 13 پىرسەنت، سائەتلەر 8 پىرسەنتنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، سائەتنىلا مىسالغا ئالساق، يىلدا 20 مىليون دانىدىن ئارتۇق ئىشلەپچىقىرىلىدۇ، قىممىتى 21 مىليارد  سۋىسسفرانك (شىۋىتسارىيە پۇلى) دىن ئاشىدۇ. دۇنياۋىي شىركەتلەرنىڭ، ئالايلى، نەستلې، نوۋارتىس، روش قاتارلىق خەلقارالىق شىركەتلەرنىڭ شىۋىتسارىيەدە ئانا شىركىتى بولۇشى بۇ دۆلەتتە ئەركىن سودا-ئالاقە، سىياسىي مۇقىملىق، مۇكەممەل خىزمەت قانۇن-نىزاملىرى بولۇش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. شىۋىتسارىيەدە ئىش تېپىش پۇرسىتىنىڭ كۆپ بولۇشى، ئىش ھەققىنىڭ ئەتراپتىكى چېگرا دۆلەتلەرنىڭ ھەرقاندىقىدىن يۇقۇرى بولۇشى نۇرغۇنلىغان ئەمگەك كۈچلىرىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ كەلمەكتە. 2022-يىلنىڭ ئاخىرىدىكى ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، چېگرا دۆلەت پۇقرالىرىدىن شىۋىتسارىيەدە ئىشلەيدىغانلار شىۋىتسارىيە ئومۇمىي ئاكتىپ ئەمگەك كۈچىنىڭ 7.3 پىرسەنتىنى ئىگىلىگەن بولۇپ، ئۆتكەن يىلنىڭ تۆتىنچى چارىكىدە شىۋىتسارىيەگە كۈندە كېلىپ-كېتىپ ئىشلەيدىغان چېگرا دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ سانى 380 مىڭ كىشىگە يەتكەن. مەسىلەن، جەنۋەدە ئىشلەيدىغان تۆت ئادەمنىڭ بىرى فرانسىيەلىك.

شىۋىتسارىيە قىممەتچىلىك، ئەمما تۇرمۇش سۈپىتى يۇقۇرى. بىر قېتىملىق دۇنيادىكى قىممەت شەھەرلەرنى باھالاپ تەكشۈرۈشتە، شىۋىتسارىيەنىڭ ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت مەركىزى ھېسابلىنىدىغان زۈرىخ شەھرى 2– ئورۇندا، جەنۋە 10– ئورۇندا تۇرغان. كانادا فراسېر ئىنستىتوتىنىڭ ئۆتكەن يىللىق باھالىشىدا شىۋىتسارىيە دۇنيادىكى ئەڭ ئەركىن دۆلەت بولۇپ باھالانغان. شىۋىتسارىيە يەنە دۇنيادىكى ”شادىمان ئەللەر“نىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. بۇ باھالاشتا كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان پ ى ب (ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى)، ساغلاملىق ئەھۋالى، ئۆمۈر كۆرۈش يېشى، تاللاش ئەركىنلىكى قاتارلىقلار ئۆلچەم قىلىنغان. شىۋىتسارىيەلىكلەر ئۆزىنى بەختلىك ھېسابلايدۇ. قىشتا ئىگىز تاغ چوققىلىرىدا چاڭغا تېيىلىش، قاردا يۈرۈش قىلىش، يازدا زۇمرەتتەك سۈزۈك سۇلۇق دەريا-كۆللەردە سۇ چۈمۈلۈش، سۇ ئۈستىدە تېيىلىش، گۈزەل تەبىئەت قوينىدا پىيادە يۈرۈش، ۋېلسىپىت مىنىشتەك ھەر خىل دالا پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش ئادەتتىكى تۇرمۇش كۈن تەرتىپلىرىگە ئايلانغان. چۈنكى بۇنداق پائالىيەتلەرنى كىشىلەر ئۆزلىرى تۇرىۋاتقان شەھەر-يېزىلاردا ياكى قوشنا كانتونلارغا بېرىپ قىلىشقا پۈتۈنلەي مۇمكىن ھەم قولاي. شىۋىتسارىيەنىڭ قاتناش ئەسلىھەلىرى ناھايىتى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، پاكىز، ئازادە ھەم بىخەتەر. ئاممىۋىي قاتناش قوراللىرى جۈملىدىن ئاپتوبۇز، ترامۋاي، پويىزلارغا ئولتۇرۇپ خىزمەتكە بېرىش ياكى ساياھەت قىلىش كىشىگە گۈزەل مەنزىرىلەردىن بەھرە ئالغاچ ئارام ئېلىش پۇرسىتى بېرىدۇ. 

شۇنىمۇ كۆرسىتىپ ئۆتۈش كېرەككى، شىۋىتسارىيە دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ 2020– يىللىق تەكشۈرۈش دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، شىۋىتسارىيە نوپوسىنىڭ 8.5 پىرسەنتئى يەنى 700 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم نامراتلىقتا ياشايدۇ. بۇ باشقا ياۋروپا ئەللىرىگە سېلىشتۇرغاندا تۆۋەن بولسىمۇ، (ياۋروپادا نامراتلار ئومۇمىي نوپوسنىڭ 15.4 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ)، شىۋىتسارىيەدىمۇ نامراتلارنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئىستاتىستىكىغا كېسەل ياكى باشقا ھەر تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلى ئىشلىمەي، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق بىلەن ياشاۋاتقانلار قوشۇلمىغان، ئەلۋەتتە. شىۋىتسارىيە ئاساسىي قانۇنىدا قىيىنچىلىقتا قالغان، تۇرمۇشىنى قامدىيالمىغان ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ زۆرۈر ياردەملەردىن بەھرىمان بولۇپ، ئىنسانىي قەدر-قىممىتى بىلەن ياشاش ھوقۇقى بار، دەپ بەلگىلەنگەن.  شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ كىشىلەر قىيىنچىلىقتا قالغاندا ئۇرۇق-تۇققان، دوست-بۇرادەرلىرىدىن بەكرەك دۆلەتكە ئىشىنىدۇ، دۆلەتكە تايىنىدۇ. دۆلەت ھەم ئۇلارنىڭ ھالىغا يېتىدۇ، ھۆددىسىدىن چىقىدۇ.

ياۋروپادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەر 1815– يىلى 20– نويابىر ”پارىس شەرتنامىسى“نى ئىمزالاپ،  شىۋىتسارىيەنىڭ بىتەرەپ دۆلەتلىكىنى ئېتىراپ قىلغان. شۇ سەۋەبلىك شىۋىتسارىيە ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ زىيان-زەخمەتلىرىدىن ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، خەلق تېنچ، خاتىرجەم ياشاش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشكەن.  لېكىن بۇنىڭلىق بىلەنلا، شىۋىتسارىيە دۆلەت مۇداپىئەسىگە سەل قارىغىنى يوق. 2022– يىلى دۆلەت مالىيەسىدە قىزىل رەقەم كۆرۈلگىنىگە قارىماي، بەزى پارتىيە گۇرۇھلىرى روسىيە- ئۇكرائىنىيە ئۇرۇشى ۋە باشقا خەلقارالىق تېنچسىز شارائىتلارنى نەزەرگە ئېلىپ، ھەربىي خىراجەتنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلماقتا.

تۆۋەندە ئاساسىي تېما يەنى شىۋىتسارىيە ئاياللىرىنىڭ سايلام ۋە ئاۋاز بېرىش ھوقۇقى ئۈستىدە توختىلىمىز. ئالدى بىلەن، شىۋىتسارىيەنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكلىرىدىن سايلام ۋە ئاۋاز بېرىش تۈزۈمىنى قىسقىچە شەرھىلەپ ئۆتەيلى.

شىۋىتسارىيە 1848– يىلى دېموكراتىك دۆلەتكە ئايلانغان، دۇنيادا ئەڭ بۇرۇن دېموكىراتىيە ئورناتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. ئۇ بىرلەشمە فېدېراتسىيە تۈزۈمىدىكى دۆلەت بولۇپ، شىۋىتسارىيە بىرلەشمە فېدېراتسىيىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. شىۋىتسارىيە بىرلەشمە فېدېراتسىيىسى ئەمەلىيەتتە مۇستەقىل ئىگىلىك ھوقۇققا ئىگە كانتونلارنىڭ بىرلىشىشىدىن قۇرۇلغان. 1291– يىلى ئۈچ كانتون تۇنجى قېتىم بىرلەشكەن، پەقەت 1848– يىلىغا كەلگەندىلا، 24 كانتون ۋە ئىككى يېرىم كانتوندىن ھازىرقى شىۋىتسارىيە قۇرۇلغان. شىۋىتسارىيە بىرلەشمە فېدېراتسىيىسىنىڭ تۈرلۈك سىياسەتلىرى  بەزىدە ھەر قايسى كانتونلارنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى، تارىخى، دىنى ۋە تىلى قاتارلىق خاس خاراكتېرلىرىگە ئاساسەن پەرقلىق يۈرگۈزۈلىدۇ. ھەر بىر مۇستەقىل كانتوننىڭ ئۆزىگە خاس قانۇن- نىزاملىرى بار بولۇپ، بەزىدە ئوخشاش بىر قانۇننىڭ ئوخشىمىغان كانتونلاردا ئىجرا قىلىنىشىدا پەرقلەر بولىدۇ. بۇ كانتونلارنىڭ ھەر بىرى باج، ئاممىۋىي ساغلاملىق، مائارىپ، ئىقتىساد ۋە ئەدلىيە قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل، پەقەت ئارمىيە، چېگرا ۋە پۇل بىرلىكىدە ئورتاقلىققا ئىگە. ئاندىن، بۇ دۆلەتتە بىر نەچچە يىل مۇقىم ۋەزىپە ئۆتەيدىغان بىر رەئىس بولمايدۇ، شىۋىتسارىيە بىرلەشمە فېدېراتسىيىسىدە يەتتە مىنىستېر بولۇپ، ئۇلار يىلدا نۆۋەتلىشىپ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ، رەئىسنىڭ پەقەت سىمۋوللۇقلا رولى بولۇپ، بىرەر قارار چىقىرىشتا يەتتە مىنىستىر بىرلىشىپ قارار چىقىرىدۇ. بۇ ئارقىلىق ھوقۇقنىڭ بىر ئادەمگە مەركەزلىشىپ قېلىشىدىن ساقلىنىپ، خەلق دۆلەتنىڭ ھەقىقىي خوجايىنى بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىنغان.

شىۋىتسارىيەدە ياشاۋاتقان ئادەملەر باراۋەر ھەم ئەركىن، ئەمما ھەممىسى سىياسىي ھوقۇقتىن بەھرىمان ئەمەس، يەنى سايلام ھوقۇقى، ئاۋاز بېرىش ھوقۇقى قاتارلىق سىياسىي ئىمتىيازلارغا ئىگە ئەمەس. شىۋىتسارىيەدە” خەلق“ دېگەندە، سىياسىي ھوقۇقتىن بەھرىمان ئاۋام نەزەردە تۇتىلىدۇ. خەلق ئەڭ يۇقۇرى ھوقۇقلۇق بولۇپ، خەلق قارار قىلىدۇ. خەلق ئوچۇق سايلام ئارقىلىق ھۆكۈمەت باشلىقلىرىنى بەلگىلىك مەزگىللىك سايلايدۇ، ھەم يەنە شۇ خەلق ئۇلارنى نازارەت قىلىدۇ. ئاۋاز بېرىش، باج تاپشۇرۇش ئاۋام خەلقنىڭ مۇقەددەس بۇرچلىرى ھېسابلىنىدۇ. شىۋىتسارىيە ئۆز خەلقىنىڭ دۆلەتنىڭ سىياسىي ھاياتىغا ئاكتىپ قاتنىشىشىنى قۇۋۋەتلەيدىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. 

شىۋىتسارىيەنىڭ سىياسىي تۈزۈلمىسى ئۆزگىچە بولۇپ، بىۋاستە دېموكىراتىيىلىك دۆلەت بولۇش شىۋىتسارىيەنىڭ دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەردىن ئالاھىدە پەرقلىق بولغان تەرەپلىرىنىڭ بىرىدۇر. بۇ يەردە” بىۋاستە دېموكىراتىيە“ ئۇقۇمىنى قىسقىچە ئىزاھلاپ ئۆتۈش زۆرۈر.” بىۋاستە دېموكراتىيە“شىۋىتسارىيە سىياسىي سېستىمىسىدىكى خاسلىقلارنىڭ بىرى، بۇ تۈزۈم ئاۋام خەلقنى ھۆكۈمەتنىڭ قارارلىرىغا نىسبەتەن ئۆز قارىشىنى ئىپادىلەش، ھەتتا ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش تەشەببۇسلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان، يەنى يېڭى قانۇن ماقۇللاش ياكى كونا قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئاۋام خەلقنىڭ ئاۋاز بېرىشى بىلەن ۋۇجۇتقا چىقىدۇ.  ئوخشىمىغان پارتىيە گۇرۇھلىرىنىڭ، ھەتتا شەخسلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان تەشەببۇسلىرى ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئىمزا توپلىنىپ، ئىمزا ئەتكەنلەرنىڭ سانى بەلگىلىك چەككە يەتكەندىن كېيىن، ئاۋامنىڭ ئاۋاز بېرىشىگە سۇنىلىدۇ. ئاز سانلىق كۆپ سانلىققا بويسۇنۇش پرىنسىپى بويىچە، ئاۋاز بېرىش نەتىجىسىگە ھۆرمەت قىلىنىدۇ. شىۋىتسارىيەدە ئاۋاز بېرىش ئۈچ قاتلام يەنى كومۇنا، كانتون ۋە دۆلەت قاتلىمىدا بولىدۇ. ھەر يىلى بىر نەچچە قېتىم ئوخشىمىغان تېمىلاردا ئاۋاز بېرىش ئېلىپ بېرىلىدۇ. يېشى 18 دىن ئاشقان ھەرقانداق شىۋىتسارىيەلىك ئەر- ئاياللار سايلام ۋە ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىغا ئىگە. 

شىۋىتسارىيەدە ئاۋاز بېرىشكە سۇنۇلغان بەزى تېمىلار، تەشەببۇسلار ھەتتا خەلقارالىق غۇلغۇلا پەيدا قىلغان ئەھۋاللارمۇ خېلى بار. بۇ يەردە بىر نەچچىنى مىسالغا ئېلىپ ئۆتۈش ئارتۇقلۇق قىلمايدۇ. ئالايلى، 1992– يىلى 6– دېكابىر شىۋىتسارىيە خەلقى 50.3 پىرسەنت قارشى ئاۋاز بىلەن، شىۋىتسارىيەنىڭ ياۋروپا ئىقتىسادىي رايونىغا يەنى ياۋروپا بىرلەشمىسىگە ئەزا بولۇشىنى رەت قىلغان. ئەمما 2002– يىلى 21– مايدا شىۋىتسارىيە- ياۋروپا بىرلەشمىسى قوش تەرەپلىك كېلىشىمنى 67.2 پىرسەنت ماقۇللۇق ئاۋازى بىلەن قوبۇل قىلغان. 2008– يىلى دېكابىردىن ئېتىبارەن، شىۋىتسارىيە شېنگېنن  رايونىغا كىرگەن. شۇنىڭدىن كېيىن، ياۋروپالىقلارنىڭ شىۋىتسارىيەگە كېلىپ ئىشلىشى تېخىمۇ ئوڭايلاشتى، بولۇپمۇ چېگرا دۆلەتلەردىن شىۋىتسارىيەگە كېلىپ ئىشلەيدىغانلارنىڭ سانى زورايدى. شىۋىتسارىيەلىكلەر ئىشلەشنىڭ قىممىتىنى ناھايىتى يۇقۇرى بىلىدۇ. 1976-يىلىدىن تارتىپ بىر نەچچە رەت ئاۋاز بېرىشكە قويۇلغان تەشەببۇسلاردىن ئىش ۋاقتىنى قىسقارتىش ۋە مائاشلىق دەم ئېلىش ۋاقتىنى ئۇزارتىش تەشەببۇسلىرى ئىزچىل رەت قىلىنىپ كەلمەكتە. 2002– يىل 3– ئايدا،” ھەپتىلىك ئىش ۋاقتىنى 45 سائەتتىن 40 سائەتكە چۈشۈرۇش“ تەشەببۇسى74  پىرسەنتتىن يۇقۇرى ئاۋاز بىلەن رەت قىلىنغاندا، دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر ”شىۋىتسارىيەلىكلەر ئىش سارىڭىمۇ نىمە؟“ دەپ مەسخىرە قىلغان بولسىمۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە شىۋىتسارىيەلىكلەرنىڭ ئەمگەكنى قەدىرلەش خاراكتېرىگە قايىل بولغان؛ 2012– يىلى 3– ئايدا، ” ھەممە ئادەمگە ئالتە ھەپتىلىك مائاشلىق دەم ئېلىش بېرىش“تەشەببۇسى 67 پىرسەنت ئاۋاز بىلەن رەت قىلىنغاندا، خوشنا دۆلەت فرانسىيەدىكى گېزىتلەردە: ” شىۋىتسارىيەلىكلەرنىڭ ئورنىغا فرانسىيەلىكلەر ئاۋاز بەرگەن بولسا، بۇ تەشەببۇس 90 پىرسەنت ئاۋاز بىلەن ئۆتكەن بولاتتى“ دەپ يېزىپ، ”شىۋىتسارىيەلىكلەر باي، چۈنكى ئۇلار كۆپ ئىشلەيدۇ“دەپ يەكۈنلىگەن.

تۆۋەندە ئاساسىي تېمىمىز شىۋىتسارىيە ئاياللىرىنىڭ تولۇق گىراجدانلىق ھوقۇقى، يەنى ئاياللارنىڭ سايلام ۋە ئاۋاز بېرىش ھوقۇقى ئۈستىدە توختىلايلى. 

دۇنيادا ئاۋاز بېرىش ھەم سايلام ھوقۇقى تىلغا ئېلىنغاندا، كىشىلەر بۇ ھوقۇقنىڭ ئەرلەر ئۈچۈن تۇغۇلۇپ، بەلگىلىك ياشقا يەتكەندىن كېيىن تەبىئىي ھالدا ئىگە بولىدىغان ھوقۇقلىرى قاتارىدا كۆرىدۇ. ۋاھالەنكى، ئاياللار ئۈچۈن بۇ ھوقۇق مۇنداقلا قولغا كەلگەن ئەمەس، ھەتتا بۈگۈنكى كۈندىمۇ دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەردە ئاياللار يەنىلا بۇ ھوقۇقتىن تولۇق بەھرىمان بولالماي، ھەتتا مەھرۇم ياشىماقتا. بۇنىڭدىن تېخى يېرىم ئەسىر ئىلگىرىلا، شىۋىتسارىيەلىك ئاياللارمۇ دەل شۇنداق ھالەتتە ئىدى.

ياۋروپا دۆلەتلىرى ۋە ئامېرىكىدىن ئىلگىرى، دۇنيادا ئاياللارنىڭ ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىنى ماقۇللىغان تۇنجى دۆلەت يېڭى زىنلاندىيە بولۇپ، ئاياللار پۈتۈن دۆلەت تەۋەسىدە 1893– يىلى ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىغا، 1919– يىلى سايلىنىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن. ياۋروپادا تۇنجى بولۇپ فىنلاندىيە 1906– يىلى ئىجتىمائىي، جىنسىي ھەم ئىرقىي چەكلىمە بولمىغان سايلام ھوقۇقىنى ئومۇملاشتۇرغان. شىۋىتسارىيەدە بولسا، ئاياللار تولۇق گىراجدانلىق ھوقۇقىغا ئېرىشىش ئۈچۈن كۆپ سەۋىر- تاقەت قىلىشقا مەجبۇر بولغان ھەم قەيسەرلىك بىلەن كۈرەشكەن، پەقەت 1971– يىلىغا كەلگەندىلا يەنى يېڭى زىنلاندىيە ئاياللارغا ئاۋاز بېرىش ھوقوقى بېرىپ بىر ئەسىرگە يېقىن ۋاقت ئۆتكەندىن كېيىنلا شىۋىتسارىيە ئاياللىرى تولۇق گىراجدانلىق ھوقۇقىغا، يەنى ئاۋاز بېرىش ۋە سايلام ھوقۇقىغا ئېرىشكەن. شۇنداق، 1971– يىلى 7– فېۋرال ياۋروپانىڭ مەركىزىگە جايلاشقان بىر دېموكىراتىك دۆلەت شىۋىتسارىيە ئاياللارنى تولۇق گىراجدانلىق ھوقۇقىغا ئىگە قىلغان بىر تارىخىي كۈندۇر. 

دۇنيادىكى ئەڭ ئىلگىرىكى دېموكىراتىك دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولغان، باراۋەرلىكنى دېموكىراتىيەنىڭ ئاساسى دەپ بىلگەن بىر دۆلەت ئەجىبا ئاياللارغا تولۇق گىراجدانلىق ھوقۇقىنى شۇنچە كېيىن بەرگەنمۇ؟ بۇنىڭ سەۋەبى نىمە؟  بۇ دائىم ھەيرانلىق قوزغايدىغان بىر تېما.

1848– يىلى يېڭى ئاساسىي قانۇننىڭ 4 – ماددىسىدا بارلىق شىۋىتسارىيەلىكلەر باراۋەر ھوقۇقلۇق دەپ بېكىتىلىدۇ. ۋاھالەنكى، ئاياللار تىلغا ئېلىنىپ ئەسكەرتىلمەيدۇ. شۇنداقلا يەنە ۋەيران بولغان ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر، جىنايەتچىلەر ۋە باج تاپشۇرمىغانلارمۇ چەتتە قالدۇرۇلىدۇ. ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش يولى بىلەن بولغاندا، ئاياللارنىڭ ئاۋاز بېرىش ۋە سايلام ھوقۇقىنى يولغا قويۇش مۇناسىپ ھالدا ئاسانلاشقان بولاتتى. بالدۇر دېموكىراتىيىلىشىش شىۋىتسارىيەدە ئەر- ئاياللارنىڭ سايلام ھوقۇقىدىكى باراۋەرلىكنىڭ كېپىلى بولالمىغان، ئەكسىچە بۇ باراۋەرلىكنى كېچىكتۈرۈشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بولغان. چۈنكى باشقا دۆلەتلەردە پارلامېنت بەلگىلىسە، شىۋىتسارىيەدە ئاۋام ئاۋاز بېرىپ ماقۇللىشى كېرەك ئىدى. ھالبۇكى، ئەينى چاغدا پەقەت ئەرلەرلا ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغاچقا، ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، ئاياللارنىڭ ئاۋاز بېرىش ۋە سايلام ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئەرلەرنىڭ قولىدا ئىدى. ئەرلەر ئۆزلىرىنىڭ ئەۋزەللىك ئورنىنىڭ تەۋرەپ قېلىشى ياكى دەخلىگە ئۇچرىشىنى خالىمايتتى، ئەلۋەتتە. شۇ سەۋەبتىن ئاياللارنىڭ ئاۋاز بېرىش ۋە سايلام ھوقۇقىغا ئېرىشىشى ئەمەلىيلەشتۈرۈلمىگەن، شۇنداقلا  ئىدىيەنى ئازاد قىلىش، كونا مۇتتەئەسسىپ ئىدىيەلەرنىڭ قاماللىقىدىن قۇتۇلۇش زۆرۈر بولغان، بۇنىڭ ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان كۆرەشلەر ئۇزۇن ھەم مۇشەققەتلىك بولغان. 

داڭلىق سىياسەتشۇناس ۋېرنېر سەئىتز ئۆزىنىڭ « كۈتۈپ ئولتۇرغانلار »  ناملىق كىتابىدا: « شىۋىتسارىيەدە ئاياللارنى سىياسەتنىڭ سىرتىدا قويۇش ئالاھىدە گەۋدىلىك بولۇپ، بۇ شىۋىتسارىيە بىرلەشمە فېدىراتسىيىسىنى دەسلەپ قۇرغۇچىلارنىڭ ئەرلەردىن بولغانلىقىدەك رىۋايەتكە باغلىنىشلىق بولسا كېرەك. » دەپ چۈشەندۈرىدۇ. ۋېرنېر سەئىتز يەنە مۇنداق دەپ يازىدۇ : « 19– ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا نامراتلارنىڭ ھالىدىن ئېلىش، قىزلارنىڭ مائارىپ تەربىيىسىگە كۆڭۈل بۆلۈش، پىدائىي سېستىرالىق قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى مەركەز قىلغان ئاياللار بىرلەشمىلىرى قۇرۇلغان.  بۇ ئاياللارنىڭ كۆپىنچىسى بۇرجۇئازىيە كاتېگورىيىسىدىكى ئاياللار بولۇپ، ئۇلارنىڭ رولى ئائىلىۋىيلىكتىن يەنى خوتۇن ۋە ئانا بولۇشتىن ئاممىۋىيلىككە يەنى باشقىلارغا كېرەكلىك بولۇشقا كېڭەيتىلگەن. ئاياللارنىڭ بۇ پىدائىي پائالىيەتلىرى ئەينى چاغدا ئۇلارنىڭ سىياسىي سەھنىدە ئورۇن ئېلىشتا تېخى يېتىلمىگەنلىكىنى كۆرسىتىشتە پايدىلىنىلغان. ھالبۇكى، ئاياللار ئىجتىمائىي ساھەلەردىكى ئىختىيارىي پىدائىي پائالىيەتلىرى ئارقىلىق، مەمۇرىي تەرتىپ ۋە قانۇنىي بەلگىلىمىلەر بىلەن تونۇشقان. شۇ ئارقىلىق دەسلەپكى قەدەمدە بەزى قانۇنىي بىلىملەر ۋە تەجرىبىلەرگە ئېرىشكەن.»  

1971– يىلى 7– فېۋرال شىۋىتسارىيە دۆلەت مىقياسىدىكى ئاۋاز بېرىشتە، 65.7 پىرسەنت ئەرلەر ئاياللارنىڭ تولۇق گىراجدانلىق ھوقۇقىنى قوللاپ ئاۋاز بېرىدۇ. دېمەك، تاكى 1971– يىلىغىچە شىۋىتسارىيە  ئاياللىرى، يەنى شىۋىتسارىيەنىڭ يېرىم ئاھالىسى ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەڭ يۇقۇرى دەرىجىلىك ئاۋاز بېرىش ۋە سايلام ئىشلىرىدا ئۆز مايىللىقىنى بىلدۈرۈش، تەشەببۇسلارغا ئىمزا ئېتىشتەك سىياسىي ھوقۇقلاردىن پۈتۈنلەي مەھرۇم ئىدى. شىۋىتسارىيە ئاياللىرىنىڭ ئۆزلىرى ئولتۇرۇشلۇق كانتون ۋە كومۇنالىرىدا ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىغا ئېرىشىشى بۇ يەنە باشقا بىر گەپ بولۇپ، 1971– يىلىدىن ئىلگىرى، شىۋىتسارىيەدە توققۇز كانتوندا ئاياللار سايلام ھوقۇقىغا ئىگە ئىدى، جۈملىدىن جەنۋە كانتونى 1960– يىلى 6– مارت كۈنى ئاياللارنىڭ سايلام ھوقۇقىنى ماقۇللىغان. 1971– يىلى دولەت مىقياسىدا ماقۇللانغان قانۇن ئىككى يېرىم كانتون ئاپپەنزەلدە ئاۋازدىن ئۆتمىگەن . 1991-يىلى يەنى شىۋىتسارىيەدىكى باشقا كانتوندىكى ئاياللار تولۇق گىراجدانلىق ھوقۇقىغا ئېرىشىپ 20 يىلدىن كېيىن، شىۋىتسارىيە بىرلەشمە سوت مەھكىمىسى قانۇنىي بەلگىلىمىلەر ئارقىلىق، ئاپپەنزەل رودس ئىچكى يېرىم كانتوندىكى ئاياللارنىڭ سايلام ھوقۇقىنى مەجبۇرىي ئەمەلىيلەشتۈرگەن. 

ئاياللارنىڭ ئاۋاز بېرىش ۋە سايلام ھوقۇقىغا ئېرىشىشى 1848– يىلى شىۋىتسارىيە بىرلەشمە فېدېراتسىيىسى قۇرۇلغاندىن بۇيان، دۆلەتنىڭ سىياسىي ھاياتىدا كۆرۈلگەن ئەڭ مۇھىم ئۆزگىرىش ھېسابلىنىدۇ. ئاياللار سايلام ھوقۇقىغا ئېرىشكەندىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق سايلامدا، يەنى 1971– يىلى، لاياقەتلىك ئاياللار سايلامغا قاتنىشىپ، ئون ئايال مەملىكەتلىك كېڭەشكە سايلانغان. ئەينى چاغدا ئاياللار كېڭەش ئەزالىرى ئومۇمىي سانىنىڭ بەش پىرسەنتىنى ئىگىلىگەن بولسا، بۇ نىسبەت تەدرىجىي ئېشىپ، 2019-يىلىدىكى سايلامدا 42 پىرسەنتكە يەتكەن. ئاياللار سايلام ھوقۇقىغا ئېرىشىپ 13 يىلدىن كېيىن، تۇنجى قېتىم بىر ئايال، ئېلىزابەت كوپ خانىم شىۋىتسارىيە بىرلەشمە فېدېراتسىيە مىنىستىرى بولۇپ سايلانغان. بۈگۈنكى كۈندە ئاياللارنىڭ ھەر دەرىجىدە سىياسىي ھاياتقا ئىشتىراك قىلىشى بىر ئەمەلىيەتكە ئايلاندى. شىۋىتسارىيە بىرلەشمە فېدېراتسىيىسىدە خىزمەتتە بولىۋاتقان ئاياللارنىڭ سانى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە ئاشتى. شىۋىتسارىيە بىرلەشمە فېدېراتسىيىسىنىڭ يەتتە باش مىنىستېرىدىن ئۈچەيلەن ئايال كىشىدۇر.

بۇندىن يېرىم ئەسىر ئىلگىرى شىۋىتسارىيەدە ئەر- ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى تەڭسىزلىك ئاۋاز بېرىش ۋە سايلام ھوقۇقى مەسىلىسىلا بولماستىن، ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى نۇرغۇن تەرەپلەرگە باغلىنىشلىق ئىدى. ئالايلى، ئاياللار  ئەرلىرىدىن رۇخسەتسىز بانكا ھېساباتى ئاچالمايتتى، ئەرلىرى قوشۇلمىسا ئىشلىيەلمەيتتى، ئەرلىرى ئىشلىشىگە قوشۇلغان ئاياللارنىڭ ئىش تېپىشى مۈشكۈل ئىدى، بەزى خىزمەتلەرگە ھەتتا ئاياللار قوبۇل قىلىنمايتتى، ئوخشاش بىر خىزمەت ئۈچۈن ئەرلەر بىلەن باراۋەر ھەق ئېلىشتىن ئېغىز ئاچقىلى تېخىمۇ بولمايتتى. ئاياللار ئۆي ئىشلىرى ۋە بالىلارنىڭ ھۆدىسىدىن چىقىپ، ئەرلىرىنى ياخشى كۈتسىلا كۇپايە، ئاياللارنىڭ سىياسەتلەرگە ئارىلىشىشى ھاجەتسىز دەپ قاراش ئومۇملاشقانىدى. ئاياللار تولۇق گىراجدانلىق ھوقۇقىغا ئېرىشكەن 52 يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە، نۇرغۇن ساھەلەردە ئەر- ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى باراۋەرلىك مەسىلىسىدە زور ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى ھەم يېڭى قانۇنلار ماقۇللىنىپ، ئاياللارنىڭ ھوقۇق- مەنپەئەتى قانۇنىي جەھەتتىن قوغدىلىدىغان بولدى. مەسىلەن، 2000– يىلى 1-يانۋاردىن ئېتىبارەن يولغا قويۇلغان ئاجرىشىش قانۇنىغا ئاساسەن، ئاجراشقان ئاياللارنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى ياخشىلاش، توي قىلىپ تۇرغان مەزگىلدە توپلانغان ياشانغاندا كۈتۈنۈش فوندىنى باراۋەر تەقسىم قىلىش، ئاتا- ئانىلىق ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتىنى باراۋەر كاپالەتلەندۈرۈش بەلگىلەنگەن. يەنە ئائىلە ۋە جەمىيەتتە ئاياللارغا قارىتا بولغان ھەر خىل شەكىلدىكى كەمسىتىلىشلەر ۋە جىنسىي پاراكەندىچىلىكلەرنى مەنئىي قىلىش، خىزمەت شارائىتى، ئىش تەقسىماتى، ئىش ھەققى، شۇنداقلا كەسپىي تەربىيىلىنىش ۋە شەخسىي راۋاجلىنىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئەر- ئاياللارغا باراۋەر مۇئامىلە قىلىش قاتارلىقلار قانۇنىي ئاساسقا ئىگە بولدى. شۇنداق، ھازىر شىۋىتسارىيە ئاياللىرى بالا بېقىش،  تاماق ئېتىش ۋە ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشنى ئۆزلىرىنىڭ بىردىن بىر ۋەزىپىسى دەپ قارىمايدۇ، ئۆز ئەركىنلىكى ۋە دېموكىراتىك ھوقۇقى ئۈچۈن، ئەرلەرگە ئوخشاش ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىدۇ.

ۋاھالەنكى، شىۋىتسارىيەدە ئومۇمىي باراۋەرلىك تېخى ئۈزۈل- كېسىل ئەمەلگە ئاشقىنى يوق. ھەرقايسى پارتىيە گۇرۇھلىرى ۋە ئاياللار ھوقۇقى پائالىيەتچىلىرى ئاياللار تۇرمۇش ۋە خىزمەتتە دۈچ كېلىۋاتقان زىددىيەتلەرنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش لازىم، ئاياللار ھوقۇقىنى تەخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن قانداق ئىستراتېگىيىلىك تەبدىرلەرنى قوللىنىش كېرەك دېگەندەك كونكىرت مەسىلىلەر ئۈستىدە داۋاملىق ئىزدەنمەكتە. شىۋىتسارىيەدە يېرىم مىليوندىن ئارتۇق ئادەم قاتناشقان تۇنجى قېتىملىق زور كۆلەملىك نامايىش 1991– يىلى ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ” ئاياللار قول قوشتۇرۇپ تۇرسا، دۆلەت نىمە قىلارىنى بىلمەي قالىدۇ“ دېگەن شوئار توۋلىنىپ، ئاياللارنىڭ ئائىلە ۋە جەمىيەتتىكى مۇھىم رولىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى، جۈملىدىن ئىش ھەققىدە ئەر- ئاياللارنىڭ باراۋەر بولۇشى تەلەپ قىلىنغان. ھالبۇكى، بۇ مەسىلە تا بۈگۈنگە قەدەر تولۇق ھەل قىلىنغىنى يوق. بولۇپمۇ، ئوخشاش بىر خىزمەتنى ئىشلەۋاتقان ئەر- ئاياللارنىڭ ئىش ھەققىدەا يەنىلا پەرق بار، يەنى ئەرلەرنىڭ مائاشى ئاياللارنىڭكىدىن 20 پىرسەنت ئەتراپىدا يۇقۇرى بولۇش ئەھۋاللىرى مەۋجۈت، بولۇپمۇ، خۇسۇسىيلار ئىگىدارچىلىقىدىكى شىركەتلەردە خىزمەتچىلەر ئارا مائاشلىرى توغرىلىق سۆز ئېچىش” چەكلەنگەن“مەزمۇنلار قاتارىغا كىرىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت يەنە، يۇقۇرى دەرىجىلىك خىزمەت ئورۇنلىرىدا ئاياللارنىڭ نىسبىتى بەكلا تۆۋەن. ئاياللار يەنە ئۆي ئىشلىرى ۋە بالا بېقىش سەۋەبلىك، ئۆزلىرى خالاپ ياكى خالىماي، ئىشلىمەسلىككە ياكى تۆۋەن نىسبەتتە ئىشلەشكە مەجبۇر بولىدۇ. يەنە كېلىپ، جەمىيەت تەررەققىياتىغا ئەگىشىپ يېڭى مەسىلىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى تەبىئىي ئەھۋال. ئالايلى، ئىلگىرى شىۋىتسارىيەدە ئاياللار 64 ياشتا پېنسىيەگە چىقاتتى. 2022– يىلى 28– سىنتەبىر يەكشەنبە شىۋىتسارىيە ئاياللىرى ئۈچۈن تارىخىي بىر كۈن بولدى. بۇ كۈندىكى شىۋىتسارىيە بىرلەشمە فېدېراتسىيە قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش مەقسىتىدە پۇقرالارنىڭ ئاۋاز بېرىشىگە سۇنۇلغان تېمىلارنىڭ بىرى ئاياللارنىڭ پېنسىيە  يېشىنى ئۆستۈرۈش بولۇپ، ئاۋاز بېرىش نەتىجىسىدە ئاياللارمۇ ئەرلەرگە ئوخشاش 65 ياشقىچە ئىشلەپ پەنسىيەگە چىقىش  50.57 پىرسەنت ماقۇللۇق ئاۋازى بىلەن يەنى 30 مىڭدىن ئارتۇقراقلا ئاۋاز پەرقى بىلەن ماقۇللاندى. شىۋىتسارىيەدىكى ھەرقايسى پارتىيە گۇرۇھلار بۇنىڭغا كۈچلۈك ئىنكاس بىلدۈرۈشتى. ئاياللار 65 ياشقىچە ئىشلىسۇن، ئۇنداقتا ئاياللارنىڭ مەنپەئەتىگە بىۋاستە چېتىلىدىغان تەرەپلەرنى جۈملىدىن ئەر- ئاياللارنىڭ ئىش ھەققى پەرقى، ئۆي ئىشلىرىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش ۋە بالا بېقىشقا ئوخشاش ئەمەلىي مەسىلىلەر، بولۇپمۇ ئاياللارنىڭ پېنسىيە مائاشىنىڭ بەكلا تۆۋەن بولۇشى قاچان، قانداق ھەل قىلىنىدۇ؟ بۇ يىل 6– ئايدا شىۋىتسارىيە سولچىلار پارتىيىسى مەزكۇر قانۇنغا قارشى شىۋىتسارىيەنىڭ پايتەختى بېرندا كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئورۇنلاشتۇرماقچى.

ئىلگىرى ئىجتىمائىي تارتقۇلارنىڭ بىرىدە مۇنداق بىر قىسقا يازمىنى ئوقۇغانىدىم:

بىر كۈنى كەچلىك تاماقتىن كېيىن، ئەر-ئايال ئىككىيلەن تېلېۋىزور كۆرگەچ، بىرئاز پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپتۇ. ۋاقتنىڭ خېلى بىر يەرگە بېرىپ قالغانلىقىنى كۆرگەن ئايال ئۆزىنىڭ سەل چارچاپ قالغانلىقىنى، بالدۇرراق ئارام ئالغۇسى بارلىقىنى ئېيتىپ، تېلېۋىزور ئالدىدىن تۇرۇپ كېتىپتۇ. ئالاھىزەل بىر ۋاقت ئۆتكەندىن كېيىن، يولدىشى ئاشخانىدا مىدىرلاپ يۈرگەن ئايالىنى كۆرۈپ:”بالدۇر ئۇخلايمەن دېۋىدىڭ، تېخى يۈرۈپسەنغۇ؟“  دەپ سوراپتۇ. ئايالى:”ھە، بالىلارنى ياتقۇزۇۋېتىپ، ئاشخانىنى بىراز بېسىقتۇرىۋېتەي دېدىم. سىز يېتىۋېرىڭ، ئەتتىگەنلىك ناشتىنىڭ تەييارلىقىنى قىلىۋېتىپلا ياتىمەن“ دەپتۇ جاۋابەن. يولدىشى:” مەن ئۇخلاۋېرەي ئەمىسە، مەنمۇ چارچاپتىمەن“ دەپ، ياتاق ئۆيگە كىرىپ كېتىپتۇ.

 بۇ خىلدىكى ئېپىزودلار قايسى بىر ئايالنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان دەپ ئېيتالايمىز؟

ئاخىرقى سۆز

دۇنيادىكى باشقا دېموكىراتىك دۆلەتلەرگە ئوخشاشلا، شىۋىتسارىيەدە ئاياللارنى ئىككىنچى دەرىجىلىك پۇقرا ياكى ئەۋلاد قالدۇرۇش ۋاستىسى، ھەتتا ئەرلەرنىڭ شەھۋانىي ھەۋەسلىرىنى قاندۇرىدىغانلا بىر نەرسە دېگەندەك سەلبىي قاراشلار ئاللىقاچان كەلمەسكە كەتتى. ئاياللار بىر مۇكەممەل ئىنسان بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئەرلەرگە ئوخشاشلا ھوقۇق، مەجبۇرىيەت ۋە مەسئۇلىيەتلەرگە نائىل. شىۋىتسارىيەدە 1981– يىلى ئەر- ئاياللارنىڭ ھوقۇقتا باراۋەر ئىكەنلىكىنى ئاساسىي قانۇنغا كىرگۈزۈش تەشەببۇسى ئاۋازدىن ئۆتكەن، 1986– يىلى رەسمىي ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان. ۋاھالەنكى، نۇرغۇن ساھالەردە ئوخشىمىغان دەرىجىدە تەڭسىزلىكلەر يەنىلا ساقلانماقتا. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ شىۋىتسارىيەدە ئومۇمىي باراۋەرلىكنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا كۆرسىتىلىۋاتقان تىرىشچانلىقلار، كۈرەشلەر ئىزچىل داۋام ئەتمەكتە. شۇنى ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەككى، ئەركىنلىك، باراۋەرلىك ھېچقاچان ئالتۇن پەتنوستا سۇنۇلىدىغان ھەدىيە ئەمەس. ياق، ئۇنى قولغان كەلتۈرۈش ئۈچۈن توسالغۇلار ئالدىدا بوشاشماسلىق ھەم توختاۋسىز كۈرىشىش كېرەك.

شىۋىتسارىيە ئاياللىرىنىڭ تولۇق گىراجدانلىق ھوقۇقىغا مۇناسىۋەتلىك بۇ ماقالىنى ئوقۇغان ياكى ئاڭلىغاندىن كېيىن (” كىتاب ئوقۇش مۇنبىرى“دە ئوقۇلدى)، تەبىئىي ھالدا ئۆز-ئۆزىمىزگە سوئال قويىمىز: بۈگۈنكى ئۇيغۇر خانىم- قىزلىرىنىڭ، جۈملىدىن دۇنيادىكى ئەركىن دېموكىراتىك دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر خانىم- قىزلىرىنىڭ ھوقۇق- مەنپەئەتلىرى كاپالەتكە ئىگە بولدىمۇ يوق؟ بىر قىز، بىر خوتۇن ياكى بىر ئانا بولۇپ ياشاۋاتقان بىر ئۇيغۇرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ئائىلە ۋە جەمىيەتتە ھۆرمەت قىلىنىۋاتامدۇ؟ شۇ خانىم-قىزلارنىڭ ئاكىلىرى، دادىلىرى ۋە ياكى ئەرلىرى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھوقۇق- مەنپەئەتلىرىنى قوغداش ئۈچۈن ئائىلىدە ۋە جەمىيەتتە ئەمەلىي ئىش قىلىۋاتامدۇ؟ بۇ بىزنىڭ دىققىتىمىزنى تارتىشقا تېگىشلىك مۇھىم مەسىلە. يېقىندا ” كىتاب ئوقۇش مۇنبىرى“دە داڭلىق يازغۇچىمىز خالىدە ئىسرائىل ئاپپاينىڭ” ئۇپۇقتىكى ئىزلار“ ناملىق ئەسىرىنى ئوقۇپ بېرىۋاتىمەن. مەزكۇر ئەسەردە ئەينى چاغلاردىكى ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ ئىجتىمائىي رىياللىقى ئاپتورنىڭ ئاپىسى سەلىمە ئانىنىڭ ئۆز بېشىدىن ئۆتكەن كەچۈرمىشلىرى ئاساسىدا بايان قىلىنغان بولۇپ،” ئەرلەر يېرىم خۇدا“، ”ئەرلەر ئېزىز، ئاياللار خار“دەيدىغان فېئوداللىق مۇتەئەسسىپ قاراشلارنىڭ تەسىرىدە ئاياللارنى خارلايدىغان، قىزلار بالاغەتكە يېتە-يەتمەيلا، ئەرگە بېرىپ، 1213 ياشلىق نارسىدە قىزلارنىڭ بېشىغا بىر ئۆينى كىيدۈرۈپ قويىدىغان لەنەتلىك قىلمىشلاردىن، ئۇيغۇر خانىم- قىزلىرىنىڭ پاجەئەلىك تەقدىرىدىن ئازدۇر- كۆپتۇر ۋاقىپ بولىمىز، يۈرەكلىرىمىز ئېچىشىدۇ. ” 8– مارت خەلقئارا ئاياللار كۈنى“دە بىز ئەلۋەتتە خالىدە ئىسرائىل ئاپپاينىڭ ئاپىسى سەلىمە ئانىمىزغا ئوخشاش جاھالەت دەۋرلىرىدە ئۇيغۇر خانىم-  قىزلىرىنىڭ ئىلىم- مەرىپەت ئىگىلىشىدە باشلامچى بولغان، ئاياللارنىڭ جاھالەت قاراڭغۇلىقلىرىدىن ئىلىم ئىگىلەش يولى بىلەن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن قان-تەرىنى سىڭدۈرگەن مەرىپەتۋەرۋەر ئانىلىرىمىزنى، زامانىمىزدىكى دوستۇم راھىلە داۋۇتقا ئوخشاش ئىستىداتلىق، جىگەرلىك خانىم- قىزلىرىمىزنى ئەڭ ئالىي ھۆرمەتلەر بىلەن ئەسلەيمىز ھەم ئۇلارغا ئەڭ ئالىي ئېھتىراملار بىلدۈرىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، ئەركىن دۇنيادا ياشاۋاتقان ئاياللار بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئۆزىمىز ياشاۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ قانۇنىدا بەلگىلەنگەن كىشىلىك ھوقۇقىمىزنى بىلىپ ھەم ئۇنى قەدىرلەپ، مەجبۇرىيەت ۋە مەسئۇلىيەتلىرىمىزنى ياخشى تونۇشىمىز ھەم ياخشى ئادا قىلىشىمىز، ئانىلار پەرزەنتلىرىمىزگە بولۇپمۇ قىزلىرىمىزغا ئىنسانىي قەدر- قىممىتى بىلەن ياشاشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ئۆز ئەمەلىيىتىمىز بىلەن بىلدۈرىشىمىز كېرەك. ئۇنۇتمايلىكى، بىزنىڭ قىزلىرىمىزمۇ كەلگۈسىدىكى ئانىلار.  بىر كۈنلەردە ئۇلار ئانىلىرىدىن ئاغرىنىپ، “نىمە ئۈچۈن ئانام ماڭا ئاياللىق ھوقۇقىڭ بىلەن ھەقىقىي ئىنساندەك ياشا! دەپ ئۆگەتمىگەن بولغىيدى- ھە؟”، دەپ ياش تۆكۈپ قالمىسۇن.

تامام.

شىۋىتسارىيە، جەنۋە، 2023– يىلى 8 – مارت

جاۋاب يېزىش