كۆك كەپتەر

ئايگۈل ئالىم (تامچە)

كەپتىرىم ئۇچتۇڭ ئېگىز،

قالدىڭ جۇدالىقتا تالاي.

ئارمىنىڭ قانات شۇدەم،

دەرمانغا تەڭكەش مەن قالاي.

 

كەپتىرىم قونما قىيانغا،

ھىجران شامالى تەزدۈرۈر.

نە ئىلاج كۆككە بېقىپ،

بەزەن ئۈنۈڭدىن ئازدۇرۇر.

 

كەپتىرىم سالما قۇلاق،

ھوقۇش شاراقلار نەزمىدە.

نە ساماسى قالدىكى،

چىققان پەشتاقۇ سەھنىدە.

 

كەپتىرىم ئۆرلە ئېگىز،

كۆكنى يېرىپ ئۇچقىن داۋام.

ئۆرتىنىپ زەرداپ يۈرەكلەر،

تەنھالىغىڭدىن ھەس جاھان.

2023-يىلى 15-مارت، ئاۋسترالىيە

جاۋاب يېزىش