ياشايلى بىز ئۇيغۇرچە

 كۈندۈزئاي ھامۇت

ئۇيغۇر سۆيۈپ توپلاشتۇق،
سالام بېرەي ئۇيغۇرچە!
ئۇزۇن – قىسقا بويىمىز،
ئەمما تىلىم ئۇيغۇرچە.

گۈل – گۈل ئانا،قىزلارمىز،
سايرىشىمىز ئۇيغۇرچە.
قىرغىن،ئاپەت،زۇلۇمدىن،
ھازا ئاچتۇق ئۇيغۇرچە.

ۋاراقلىسا تارىخنى،
خانى چىقار ئۇيغۇرنىڭ.
تاشقا ئويۇپ سۆزىنى،
تامغا سالدى ئۇيغۇرچە.

تاراپ كەتتى ئون ئۇيغۇر،
توققۇز  ئوغۇز  نەرلەرگە؟
ئەمما قالدى ئىزلىرى،
پۈتۈكلەردە ئۇيغۇرچە.

ئوتلاق،سۇنى قوغلۇشۇپ،
ئۇيغۇر ئەلۋەك ئاۋۇدى.
ئۆتۈك،كىگىز،ھارۋىسى،
ئوتلۇق قازان ئۇيغۇرچە.

ئۆتۈكەندىن كۆچكەنلەر،
سەرۋەڭ بويلاپ يەرلەشتى.
«ئۇيغۇر چوققا»،»ئۇيغۇر ئۆي»،
«ئايخان»،»كۈنخان»ئۇيغۇرچە.

تۇرپان،يارغول،ئاستانە،
قىزىل مىڭۆي شاھانە.
بېزەكلىكمۇ تالىپقا،
ئۆگەتكەنغۇ ئۇيغۇرچە.

يۇقىرى چىندا قىدىرخان،
تاغلار تۇرار تىك مەزمۇت.
ئارا چىندا ئۇيغۇر خان،
مەشرەپ سالدى ئۇيغۇرچە.

مودا بولدى بىر مەزگىل،
ئۇيغۇر ئۇسسۇل،ناخشا،ساز.
ئالقىشلاندى ئات مىنىش،
كۆينەك كىيىش ئۇيغۇرچە.

تۆۋەن چىنمۇ ئەلۋەك يۇرت،
«ساجىئە»مۇ ئەۋۋىلى.
مەھمۇد سىزغان خەرىتە،
مىڭ يىل ئاۋال ئۇيغۇرچە.

قومۇل، ئىلى،چۆچەكمۇ،
قىرغىن خىتاي ئاستىدا،
قارا كۆزلەر ئەۋلاتلار،
سۆزلىيەلمەس ئۇيغۇرچە.

مەرىپەتلىك ئۇيغۇرۇم،
يېزىق بەردى كىملەرگە؟
تىل – يېزىقمۇ ھىچ يۈتمەس،
ئانا بەرسە ئۇيغۇرچە.

تەڭرى تاغنىڭ باغرىدا،
ئالتاي مۇميا،كانلار بار.
تەكلىماكان ئۆردەككە،
سىرىن بەرگەن ئۇيغۇرچە.

كىروراندىن بىر گۈزەل،
كۈلۈپ باقتى جاھانغا.
سۋەن ھەدىن ھۆرمەتلەپ،
كىتاپ يازدى ئۇيغۇرچە.

كومىراجىۋا تۇتقۇندا،
ئاق ئات مىندى  چاڭاندە.
سارى يەرلەر،تاشۆڭكۈر،
ھەسرەت چەكتى ئۇيغۇرچە.

ھەر دەۋردە ئۇيغۇرۇم،
خانلىق قۇردى،ئات باشقا.
مىراس قالدى پەقەتلا،
ئانا تىلىم ئۇيغۇرچە.

خوتەن،قەشقەر،ئاقسۇنىڭ،
ئۇيغۇر پۇرار كوچىسى.
دوپپا،تۇماق،تەلپەكلەر،
ئۇسسۇل ئوينار ئۇيغۇرچە.

سۈيى ئەلۋەك بوستانلار،
قۇم – بوراندا بۆلۈندى.
خىتاي پىتراپ كۈنۈمدە،
جان ھەلقۇمدا ئۇيغۇرچە.

تۆمۈر چوققا،خانتەڭرى،
ئاق لىچەكلىك ھازىدار،
بۇغدا سىرلىق قارايدۇ،
تارىم ئاقار ئۇيغۇرچە.

كۆزى ياشلىق شاھىتنىڭ،
دەريالىرى قۇرۇدى.
يالماۋۇزدەك خىتاينى،
توسالمىدى ئۇيغۇرچە.

خىتاي بۈگۈن  پو ئاتار،
ئورتا ئاسىيا ئەرتەم، دەپ.
ئاللاھ ھامان ھەقچىدۇر،
ياشار يەنە ئۇيغۇرچە.

كۆپ تىرىشتى ئاندىرىئان،
پامپىئو ھەم شىئائو زھاڭمۇ.
ئېڭېلىزچە ئۇقمايمەن،
بەدەن تىلىم ئۇيغۇرچە.

بۈگۈن ھەقتە تۇرغانغا،
ئىنسانلىقنى سەزگەنگە.
ئادالەتلىك سوتچىغا،
ھۆرمىتىم بار ئۇيغۇرچە.

ئۇيغۇر خانىم – قىزلىرى،
ئۇز كۆرىنەر ھەر بىرى.
كۆڭۈل تارتار دائىما،
قىلغان،ئەتكەن ئۇيغۇرچە.

ئۇيغۇر سۆيۈپ ئۆتكەنلەر،
ئۇيغۇر ئۈچۈن ئۆلگەنلەر.
ئۇيغۇر روھى قەبرىسى،
دۇئالىرىم ئۇيغۇرچە.

ئۇيغۇر روھى ئۆلمىسە،
ئۇيغۇر ئەجدات كۈلمەمدۇ؟!
بىلىم ئالغان ئەۋلاتلار،
دۆلەت كۆرەر ئۇيغۇرچە.

ئۇيغۇر تىلى مۇقەددەس،
ئۇيغۇر بولماق تاج،شەرەپ.
نەردە ياشا،ئۆل ئۇيغۇر،
ياشاپ كەتكىن ئۇيغۇرچە.

شىۋىتسىيە  ستوككھولم
2023 -يىلى 2-ئاينىڭ 21- كۈنى

جاۋاب يېزىش