ئەلۋىدا سۆيگۈ (3) دىلدار ئەزىز

ھايات-ماماتلىق سىناق

دىلدار ئەزىز

(3)

 قوياش ھەر كۈنى شەرىقتىن كۆتۈرۈلۇپ، غەرىپكە پاتسىمۇ، ھەر كۈندىكى قوياشنىڭ كۆتۈرۈلگەن چاغدىكى رەڭگى ۋە شەكلى بىر -بىرىگە ئوخشىمايىتتى. مەن ئۈچۈن ھەر كۈندىكى قوياش ھەر خىل ئوخشىمايدىغان گۈزەل رەڭلەرنى ۋە يىڭىلىقلارنى ئېلىپ كېلەتتى. ھەر كۈندىكى تۇرمۇش ۋە خىزمەتمۇ  ئوخشىمايدىغان مەزمۇن ۋە شەكىلدە ئېلىپ بېرىلاتتى. بىراق مەندىكى بىر نەرسە زادىلا ئۆزگەرمەيىتتى. ئۇ بولسىمۇ  روزاخۇنغا بولغان سېغىنىش ۋە تەشنالىق ئىدى.

سالام مەكتۇپلىرىمىز يەنە شۇنداق قىزغىن ھالەتتە داۋاملىشىۋەردى. مەكتۇپلار ئىچىدە ئادەتتىكى ياشلار تىل بىلەن ئىپادىلەيدىغان يالقۇنلۇق مۇھەببەت ئىبارىلەرنى كۆرگىلى بولمايتتى. بىراق  بىر- بىرىمىزگە بولغان ئاجايىپ كۈچلۈك ئىنتىلىش بار ئىدى. شۇ چاغلاردىكى مەن،  بىر بويىغا يەتكەن قىز بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئوخشاشلا باشقا قىزلاردەك مۇھەببەتكە، مۇھەببەتلىك سۆزلەرگە تەشنا ئىدىم. بۇ مىنىڭ نورمال بىر ئىنسانلىغىمدىن دىرەك بىرەتتى.  بەلكىم بۇمۇ مىنىڭ ھەممە قىزلاردەك ئۆسۈپ يىتىلىش جەريانىمدىكى بېسىپ ئۆتىدىغان باسقۇچ  بولسا كىرەك.  مەن خەتلىرىگە تەشنا بولغان كىشىنىڭ ماڭا ئەشۇ بىر قەۋەت پەردىنىڭ ئىچىدىن زادىلا چىققىلى ئۇنىمىغان يۈرەك سۆزىنى، بولۇپمۇ قىزلار تەشنا بولىدىغان مۇھەببەتلىك سۆزلەرنى بىر ئېغىز بولسىمۇ  ئېغىزىدىن چىقىرىشىنى ئارزۇ قىلاتتىم. بىراق ئىپپەت يۈزىسىدىن بۇ ھەقتە ئېغىز ئاچالمايتتىم. مېنىڭچە بولغاندا، بىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىز يەنە بىر بالداق كۆتۈرۈلۈشى كېرەك ئىدى. بىراق مەن بىر قىز بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇنى ماڭا ھەر كۈنى مەكتۇپ يېزىۋاتقان يىگىتتىن تەلەپ قىلالمايتتىم. قىزلىق ئىپپىتىم مىنىڭ ئەشۇ بىر قەۋەت پەردىنى يىرتىشىمغا يول قويمايىتتىيۇ، بىراق شۇ پەردىنىڭ تىزراق يىرتىلىشىنى ئارزۇ قىلاتتىم….

كۈنلەر ئەنە شۇنداق ئۆتىۋەردى. ئەتراپىمدىكى قىزلارنىڭ ئارقا-ئارقىدىن تويى بولغىلى تۇردى. كۈز پەسلى كىرىپ،ھەر يەكشەنبە كۈنلىرىنى بىز تويدا ئۆتكۈزۈشكە باشلىدۇق . مەنمۇ شۇ توينىڭ ئاكتىپ مېھمىنى سۈپىتىدە تەكلىپ قىلىناتتىم. توينىڭ يارىشىقى ئۈچۈن  قىزلار بىلەن زوق- شوق ئۇسۇللارغا چۈشۈپمۇ قوياتتىم. ئەنە  شۇنداق چاغلاردا يىگىتلەرنىڭ كۆزىگە چىلىقپ قالسام كېرەك،ئەتىراپىمدا ماڭا مۇھەببەتلىك تىكىلگەن كۆزلەرنى كۆرۈپ قالاتتىم.  ئارقىدىن مۇھەببەت مەكتۇپلىرى ۋە گەپ ئىۋەتىدىغانلارمۇ  كۆپەيگىلى تۇردى. مەن «ئۆزەمنىڭ يۈرىۋاتقىنىم بار»، دەپمۇ ئۇلارنى ئىشەندۈرەلمەيىتتىم. چۈنكى مىنىڭ قەلبىمدىكى «يۈرگىنىم»نى بۇ يەردىكىلەرنىڭ ھېچقايسىسى كۆرۈپ باقمىغان ئىدى. ئەي يامان يىرى، مەن ئۆزەمچە ئۇنى مىنىڭ يۈرگۈنۈم، دەپ بىلگىنىم بىلەن، ئۇنىڭ مىنى نىمە دەپ بىلىدىغانلىقىنى تېخى بىلمەيىتتىم. مانا ئەمدى ھېچنىمىدىن ھېچنىمە يوق، چوڭلارمۇ ئارىغا چۈشۈشكە باشلىدى. بۇ ئەھۋالنى مەن ھەر كۈنى خېتىگە تەشنا بولىۋاتقان يىگىتكە ئېيتىشنى بىئەپ ھېس قىلاتتىم. چۈنكى بىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىز  تېخى توي باسقۇچىغا كەلمىگەن ۋە كېلىدىغاندەكمۇ ئەمەس ئىدى. بېشىم ھەقىقەتەن قاتتى. مەن روزاخۇننىڭ تىز ئارىدا  شۇ كىشىلەر ئارىسىدا» بۇ قىزنىڭ ئىگىسى مەن» دەپ ئوتتۇرغا چىقىشىنى تولىمۇ ئارزۇ قىلاتتىم. بىراق بۇ ئارزۇيۇمنى ئۇنىڭغا بىۋاستا ئىيتالمايىتتىم. ئەڭ موھىمى مەن ئۇنىڭ قەلبىدىكى ئۆزەمنىڭ ئورنىنى تېخى بىلمەيىتتىم.

يەنە بىر تەرەپتىن مەن خىزمەت جەريانىدا بىر- بىرى بىلەن نەچچە يىللاپ مۇھاببەتلىشىپ يۈرگەنلەرنىڭ بىرەر  قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەندە ئۇنى يىڭىش ئۇياقتا تۇرسۇن، بىر – بىرلىرىنى تاشلاپ كىتىدىغانلارنىمۇ كۆرەپ تۇراتتىم. شۇڭا بەزىدە مۇھاببەتنڭ بەرداشلىق بىرىش كۈچىنىڭ زادى قانچىلىك  ئىكەنلىگىنىمۇ ئويلاپ قالاتتىم. گەرچە مەن روزاخۇن بىلەن ئوچۇق-ئاشكارە مۇھەببەتلەشكىنىمىزنى بىر – بىرىمىزگە ئىلان قىلمىغان بولساقمۇ، مەن ئۇنى ئۆزەمنىڭ مۇھاببىتىم، دەپ بىلەتتىم. بىراق ئۆزەمنىڭ ئۇنىڭ قەلبىدىكى ئورنۇمغا ئىنىق بىر نەرسە دىيەلمەيىتتىم. بۇ ئش مىنىڭ بېشىمنى قاتۇراتتى.

مىنىڭ شۇ يەردە گۈلبوستان دەيدىغان بىر دېھقان دوستۇم بار ئىدى. گەرچە ئۇ كۆپ ئوقۇمىغان بولسىمۇ، بىر ياخشى ئائىلىدە،ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولغان بىر ئانىنىڭ قولىدا چوڭ بولغان ئىدى.  ئۇنىڭ دوستقا سادىق سەمىمىي قەلبى، كۆيۈمچان،مېھرىبانلىقى گۆھەرگە بەرگۈسىز ئىدى. مىنىڭ نەزىىرمدە ئۇنىڭ قەلبىمۇ ئۇنىڭ كۆزىگە ئوخشاش ياقۇتتەك سۈزۈك ئىدى. مەن ئۇنىڭ بىلەن بىرگە يۈرگەن ۋاقتىمدا ئۆزەمنى بەكمۇ ئازادە ۋە ئەركىن ھېس قىلاتتىم. ئۇنىڭغا ھەممە گەپلىرىمنى دېگۈم كېلەتتى. چۈنكى ئۇنىڭدا يالغانچىلىق ۋە ياسالمىلىق دېگەنلەر زادىلا يوق ئىدى. مىنى ئەڭ خاتىرجەم قىلىدىغىنى، ئۇ ئەزەلدىن باشقىلاردەك ئۆزگىلەرنىڭ مەخپىيىتىنى تىڭتىڭلىمايىتتى،ئاستىرىتتىن گەپ كولىمايىتتى. باشقىلارنىڭ  ئۆزىگە تەۋە بولمىغان مەخپىيەتلىكلىرىگە زادىلا قىزىقمايىتتى. دوست ئۈچۈن قولىدىن كېلىدىغان ھەر قانداق ئىشنى ئايىمايىتتى. مەن شۇ دوستۇمغا كۆڭلۈمدىكىنى دېدىم.  چۈنكى مەن بۇ كىچىككىنە شەھەردە مەيلى خىزمەتتە بولسۇن ياكى ئۆزەمنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋېتىمدە بولسۇن ئۆزۈمگە چۇشلۇق ئىناۋەت ۋە ھۆرمەت تاپقان ئىدىم. كىشىلەرنىڭ ئېڭىدىكى ئەخلاق ئۆلچۈمى ھېلىمۇ ئەنەنىۋي ئۇسۇلدا ساقلىنىۋاتقان شۇ يىللاردا، ياشلارنىڭ ئەركىن مۇھاببىتىمۇ ئەنئەنىۋي ئەخلاق ئۆلچۈمىگە بوي سۇنىشى كىرەك ئىدى.  شۇڭا شۇ ھۆرمەتنى ساقلاش ئۈچۈن بولسىمۇ ئۆزەمنىڭ سۆز ھەركىتىمگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشىم كېرەك ئىدى. بىراق بىر ئىنسان بولۇش سۈپىتىم بىلەن مېنىڭمۇ كۆڭلۈمدىكىنى دەيدىغان، نىقابسىز مۇئامىلە قىلىدىغان بىر دوستۇم بولىشى كىرەك ئىدى. گۈلبوستان مىنىڭ كۆڭلۈمدىكى دەل شۇ ئىنسان ئىدى. گەرچە ئۇ دوستۇم مۇھەببەتلىشىپ باقمىغان، مۇھەببەتنىڭ نېمىلىكىنى تېخى چۈشنەمەيدىغان  بولسىمۇ، ئۇ بىر  ئىشەنچىگە لايىق قىز ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن «يۈرگىنىم»نىڭ بىر قىسىم  خەتلىرىنى ئۇنىڭغا ئوقۇپ بەردىم. ئۆزەمنىڭ ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى، بىراق ئۇنىڭدىن شۇ چاققىچە  مىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقى ۋە مەن بىلەن توي قىلىشنى خالايدىغانلىقى ھەققىدە بىرەر ئېغىزمۇ گەپ چىقمىغانلىقىنى، شۇڭا قارشى تەرەپنىڭ ماڭا بولغان كۆڭلىنى ھېچ چۈشەنمەيۋاتقانلىقىمنى دوستۇمغا دېدىم. دوستۇممۇ مىنىڭ پىكرىمگە قوشۇلدى. كۆپ ئويلىنىش ۋە پىلانلاردىن كىيىن بىز ئاخىرى بىر قارارغا كەلدۇق.

دوست، دېگەن مانا مۇشۇنداق بولسا،ئىنساندا ئارمان بولماس دەيمەن. ئاخىرى ئىككىمىز مەسلىھەتلىشىپ گۇلبوستاننىڭ نامىدا روزاخۇنغا بىر پارچە خەت يازدۇق. خەتنى مەن يازدىم، دېسەم تېخىمۇ توغرى بولار. خەتتىكى مىنىڭ پۇچۇركامدىن تونۇپ قالمىسۇن،دەپ، مەن خەتنى گۇلبوستاننىڭ تەلەپپۇزىدا يېزىپ تەييارلىغاندىن كىيىن، گۈلبوستان  ئۇنى يىڭى يېزىقى بىلەن بىر قۇر كۆچۈرۈپ چىقتى. ئاندىن بىز بىرلىكتە خەتنى لېپاپقا سېلىپ(خەتنى تېخىمۇ بەكرەك راست قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن، لېپاپنىڭ ئارقىسىغا گۈلبوساننىڭ ئولتۇراق ئادرىسىنى يېزىشنىمۇ ئۇنتۇپ قالمىدۇق)،ئۈستىدىن  ماركا چاپلاپ ئۇنى ئەتىسى ئەتىگەندىلا بىر ۋېلىنسىپىتقا ئىككىمىز تەڭ مىنىپ، ھاياجانلانغان ھالدا  پوچتا ساندۇقىنىڭ ئىچىگە سېلىۋەتتۇق.

خەت مۇنداق يېزىلغان ئىدى:

ئەسسالامۇئەلەيكۇم،

سېغىنىشلىق سالام خەت، ھۆرمەتلىك روزى مۇھەممەت جۈمە ئەپەندىم،

مەن كەمىنە گۈلبوستان،دىلدارنىڭ دوستى بولىمەن. دىلدار ئىككى كۈننىڭ ئالدىدا ماشىنا ۋەقەسىگە يولۇقتى. ھازىر دوختۇرخانىدا. دوختۇر ئۇنىڭ بىر كۆزىنى، بىر قولىنى ۋە بىر پۇتىنى پۈتۈنلەي كاردىن چىقتى، دەيدۇ. دوختۇر پەقەت جېنىنىلا قۇتۇلدۇرۇپ قالالىشىمىز مۇمكىن. دىلدارنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى ھاياتى كارۋات ئۈستىدە ياكى مېيىپلار ھارۋىسى ئۈستىدە ئۆتىشى مۇمكىن، دەيدۇ. دىلدار بۈگۈن ھوشىغا كەلدى ۋە ماڭا سىزگە بۇ خەتنى يېزىشىمنى ۋە سىزنى بۇنىڭدىن كىيىن ئۇنىڭ بىلەن  قايتا ئالاقىلاشماسلىقىڭىزنى،ئۇنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ كىتىشىڭىزنى تاپىلىدى. مىنىڭ سىزگە بۇنداق بىر كۆڭۈلسىز خەۋەرنى يەتكۈگۈنۈم ئۈچۈن مىنى كىچىرىشىڭىزنى سورايمەن

سالاملار بىلەن

گۈلبوستاندىن

خەتنىغۇ پوچتىدىن سېلىۋېتەتتۇق. بىراق ئۇنىڭ ئاقىۋىتى مىنى ئەنسىرىتەتتى. روزاخۇن مۇشۇ پىتى مەن بىلەن راستىنلا قايتا ئالاقە قىلماسمۇ، دەپمۇ ئەنسىرەيتتىم. ئەگەر شۇنىڭ بىلەن مىنى قايتا ئىزدىمىسە، دېمەك ئۇ مىنى ئەزەلدىن  ياخشى كۆرۈپ باقمىغان  بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋىتىمىز مۇشۇ يەردە توختايدۇ-دە، مەنمۇ ئۆز جايىمدا قالىمەن. بىراق بىر يېرىم يىلدىن بىرى گەرچە كۆرۈشكەن ۋاختىمىز ناھايتى ئاز بولسىمۇ، روھىي جەچەتتىن بىر بىرىمىزنىڭ جىسمىدىن ئورۇن ئېلىپ بولغان، توغرىسىنى ئەيىتقاندا،  ئۇ مىنىڭ جىسمىمدىن ئورۇن ئېلىپ بولغاچقا، ئۇنى شۇنداقلا ئۇنتۇپ كىتىش ماڭا ئۇنداق ئاسانغا چۈشمەيىتتى. بىراق كۆڭلۈمنىڭ بىر يىرىدىكى يەنە بىر سادا ماڭا» ئەگەر مۇناسىۋىتىڭلا داۋاملىق تەرەققىي قىلىپ، كەلگۈسى تۇرمۇشۇڭلارنى  قۇرۇپ بولغان كۈنلەردە مۇشۇنداق بىر ھادىسە بىلەن ئۇ سىنى تاشلاپ كەتكىنىدىن كۆرە، ھازىرنىڭ ئۆزىدە سىنىڭ ئۇنى تونۇۋالغىنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئەمەسمۇ!» دەپ تەسەللىي بىرەتتى. بىراق بىر تەرەپتىن ئۆزەمنىڭ بەك ئالدىراپ كەتكەنلىكىمنى ھېس قىلىپ ئۈلگۈرگەن چاغدا،كۆڭلۈم يېرىم بولاتتى، ئۆزەمنى ئەيىپلەيىتتىم.

«مەن قانداق بىر قىز بالا -ھە! » دەيتتىم بىر تەرەپتىن ئۆزەمنى ئەيىبلەپ،»-نېمىگە ئۇنچىۋالا ئالدىراپ كېتىمەن؟ ھەممە ئىشنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتسەم بولمامدۇ؟!». بىراق بولغۇلۇق بولغان ئىدى. خەتنى پوچتىغا تاشلاپ بولغاندىن كىيىن، ئۇنى قايتۇرىۋالغىلى بولمايىتتى.

«ئەگەر ئۆز مەيلىگە قويىۋەتسىڭىز ،ھاياتىڭلار بىر ئۆمۈر خۇددى ھازىرقىدەك خەت يېزىشىپلا ئۆتىدۇ!» دەيىتتى كۆڭلۈمنىڭ  چوڭقۇر بىر يىرىدىن چىققان يەنە بىا سادا. بولغۇلۇق بوپ بولدى. دەپ ئويلايتتىم  ئارقىدىن  يەنە ئۆزەم  ئوقۇغان كىتاپلىرىمدىن بىلگەنلىرىم بويىچە ئۆزۈمگە تەسەللىي بىرىپ.

خەتنى سېلىۋەتكەننىڭ ئەتىسى گۈلبوستان بىلەن ئىككىمىز بىزنىڭ ئۆيدە بىر كىچە كىرپىك قاقماي چىقتۇق. ھەر خىل ئېھتىماللىقلارنى كۆڭۈلدىن كۆچۈردۇق. تېلڧون جىرىڭلاپ قالسا ئەپ سالماي، دەپ ئىككى كۈنگىچە سىرىتتا ئىشلەيدىغاننى باھانە قىلىپ ئىشخانىغىمۇ كىرمىدىم. ئىككى كۈن بىز ئىككىمىز خۇددى بىر خاتا ئىش قىلىپ قويغان بالىدەك كۈنلىرىمىز ئەنە شۇنداق دەككە-دۈككە ئىچىدە ئۆتتى.بۇ ئىككى كۈن مەن ئۈچۈن ئىككى يۈز يىلدەك ئۇزۇن بىلىندى.

خەتنى سېلىۋېتىپ ئۈچىنچى كۈنى كەچتە ئۆيدە كىتاپ ئوقۇپ ئولتۇرسام، بىرسى  ئىشىكنى قاقتى. ئاچتىم. گۈلبوساننىڭ ئىللىق كۈلۈمسىرەپ تۇرغان سۈپ-سۈزۈك يۈزىنى كۆردۈم. ئۇنىڭ ئارقىسىدا بۈدرە چاچلىرى شامالدا قالغاندەك  پاخپايغان، ئولتۇرۇشقان كۆزلىرىدىن نۇر قاچقان، سۇلغۇن چىرايىدىن ھارغىنلىق چىقىپ تۇرىدىغان روزاخۇن قاراپ تۇراتتى. ئۇنىڭ تىترەپ تۇرغان لەۋلىرى، كۆز چارچۇغىدىكى ھازىرلا ئېتىلىپ چىقىدىغاندەك لىغىلداپ تۇرغان كۆز ياشلىرىنى كۆرۈپ مەن داڭ قاتقان ھالدا تۇرۇپلا الدىم.

(داۋامى بار)

جاۋاب يېزىش