قەدىردانلار سىلەر قەيەردە

راھىلە كامال
بىر ئۈمىدنى يار قىلىپ دىلغا ،
سەبىر ئېلىپ ئايلاردىن يىلغا ،
ھەم تولغىنىپ ئايلىنىپ قىلغا ،
مەن ئاتامنى ئىزدەيمەن دۇنيا .
يولۇمدا قالغان كۆزى ياشلانغان ،
ئەزىز بېشى نەلەردە قالغان ،
ئانام يىغلاركەن ، كۈلكىلەر يالغان ،
مەن ئانامنى ئىزدەيمەن دۇنيا .
سورىسام قۇشلارمۇ بولدى بىناۋا،
كەزمىدى شامالمۇ يېنىمدا يانا ،
بۇ قانداق بىر پىراق ، قانداق بىر سەۋدا ؟
ئاتامنى ، ئانامنى ئىزدەيمەن دۇنيا .
مەرتلىكنى ئۆگەتكەن ئاكام ھىممىتىم ،
سۆيگۈنىڭ ئۆزىدۇر ھەدەم ئىپپىتىم ،
ئۇلارسىز بولماسكەن مېنىڭ قىممىتىم ،
ئاكامنى ، ھەدەمنى ئىزدەيمەن دۇنيا .
ياشلار ئاقمىسۇن، يامغۇر يېغىڭلار !
باشلار قايمىسۇن ،سەل بوپ ئېقىڭلار !
ھېجران قالمىسۇن ،چاقماق چېقىڭلار !
بىر كۈنى تاپىمەن قەدىردانلارنى .
بىر كۈنى تاپىمەن ھەمدە ئۆيۈمنى .
2021-يىلى3-سېنتەبىر

جاۋاب يېزىش