بەخىت سىزگە يار بولسۇن

دىلدار ئەزىز

بۇ بىر ئۇلۇغۋار غايە توغىرسىدا يېزىلغان كىتاپ ئەمەس. يازغانلىرىم ئۇلۇغۋار شۇئارمۇ ئەمەس. بىراق ھەممىسى ئەمەلىيەتتىن ئېلىنغان ھەق سۆزلەر.  يازغانلىرىمدا ھەدە- سىڭىللىرىمنىڭ ھايات مۇساپىسىدىكى مۇئاپپىقىيەتلىرى ۋە مەغلۇبىيەتلىرى، قان – ياش بەدىلىگە قولغا كەلتۈرگەن قىممەتلىك تەجىربە – ساۋاقلىرى بار.

مەن ھەدە – سىڭىللىرىمگە تۇرمۇشتا خاتىرجەملىك ۋە تۈگۈمەس بەخىت تىلەپ ،ئۇلارنىڭ كۆڭۈل ئازاپلىرىدىن  ئازىراق بولسىمۇ يىراق بولۇشلىرى ئۈچۈن ئۇلارغا بۇ كىتاۋىمنى سۇندۇم.

دىلدار ئەزىزدىن

1987- يىلى ئۈرۈمچى

گۈزەل ئائىلە مؤهىتىمؤ ئاياللارنی گوزەللەشتۈرىدۇ

ئاياللار مەڭگۈ گۈزەل ياشىشى كىرەك. چۈنكى ئايال دېمەك گۈزەللىك دېمەكتۇر. بؤ گۈزەللىك، ئاياللارنىڭ سىرتقى قىياپىتىدىلا ئىپادىلەنگەن  بولماستىن، بەلكى شؤ ئايالنىڭ  ھەر بىر ئىش ھەركىتىدە ئىپادىلىنىپ تۇرىدىغان، ئۇنىڭ قەلبىدىكی ۋه سۆز-مۇئامىلە، شۇنداقلا  ئىش-هەرىكىتىدىكى گوزەللىكتۇر. گۈزەللىك ئوچون ئاياللار ھەر دائىم خوشال – خورام، کوتورەڭگو-روهلؤق ياشاشقا مۇھتاج. چۈنكى ئاياللار توغوت مەزگىلىنى هھېسابقا ئالمىغاندىمو بىر يىلنىڭ ئىچىدە ئاز دىگەندە  ئىككى ئاي دېگۈدەك هېيز مەزگىلی ۋه تؤنىك ئالدى – كەيېنىدىكى پەقەت ئاياللارغىلا خاس بولغان ڧېزولوگىيەلىك  (كەيپىياتى ئاسانلا تەسىرگە ئۇچرايدىغان) مەزگىلنى بېشىدىن كەچۈرىدۇ. بىراق ئاياللارنىڭ  بۇنداق مەزگىلدىكى روھى ھالىتىنى چۈشىنىدىغان ئەرلەر ناھايتى ئاز.  دائىم خوشال – خۇرام ياشاش ئوچون ئاياللار  ئەرلەرنىڭ ئۆزلىرىگە کؤیونوشىگه، پەرزەنتلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ هالىغا يېتىشىگە تولىمۇ مؤهتاج بولغاندىن سیرت، يەنە گۈزەل ئائىلە مؤهىتىغىمؤ مؤهتاج. چۈنكى ئوينىك ئىچى رەتسز، رەڭلەر بىر- بىرىگە ماسلاشمىغان، نەرسىلەر قالايمىقان قويۇلغان بولسا، خؤددی بوشلؤق تارىيپ كېتىواتقاندەك تؤيغؤ پەيدا بولىدؤ ،بۇ ھالەت ئالدى بىلەن ئاياللارغا بەكرەك تەسىر قىلىدۇ- دە،ئاياللارنىڭ  يورىكى سىقىلىپ، دائىم ۋاقىرغۇسى، کىملەرگىدۇر ئاچچىقلانغوسی كېلىپ تۇرىدۇ. چۇنكى ئاياللار تولىمؤ سەزگۈر ۋە كەيپىياتچان بولغاچقا، سىرتقى مۇھىتنىڭ تەسىرىگە ئۈچراشقا ئارانلا تۇرىدۇ.  ئەگەر ئائىله مؤهىتى ئاياللارنىڭ كوڭلىدىكدەك گوزه ل بولسا، ئو چاغدا ئاياللاردا جىددىيچىلىك ۋه چارچاشتىن پەيدا بولىدىغان ئاچچىقلىنىش هالەتلىرىمؤ بارا-بارا يوقايدؤ. چونكى ئوي پاكىزه، رەتلىك، رەگلەرمؤ ئۆز- ئارا ماسلاشقان بولسا، ئويدىكى بوشلؤق بىردىنلا كېڭەيگەندەك تۇيۇلىدؤ – ذه، ئادەمنىڭ كوڭلىمؤ ئازادە بولۇپ قالىدؤ. بؤ ئازادىلىك تەبىئي هالدا ئاياللارنىڭ كەيپىياتىدا ۋە چىرايىدا ئىپادىلىنىدۇُ.

گوزەل ئائیله مؤهىتی دبگىنىمىزده، هەرگىزمؤ قىممەت باھالىق ئېسىل ۋه زامانتوی ئۆي جابدۇقلىرىلا كۆزدە تۇتۇلغان ئەمەس.  ئەگەر ئىقتىسادىڭىز يار بەرسە ئەلۋەتتە توققۇزىڭىزنىڭ تەل بولغىنى ياخشى.ئەگەر شارائىتىڭىز يار بەرمىسە، ئۇ چاغدا ئازراق پۇل خەجلەپمۇ ئائىلە مۇھىتىڭىزنى گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقالايسىز. ئەگەر مېھمانخانا ۋە ياتاق ئۆيىڭىزدىكى رەڭلەر مۇۋاپىق تاللانسا، بالىلىرىڭىزغا، ئېرىڭىزگە ۋە ئۆزىڭىزگە مەنسۇپ بولغان بوشلۇقلار ئۆز جايىدا سەرمجانالشتۇرۇلسا، ھەممە ئادەم خالىغان چاغدا ئۆزىگە مەنسۇپ بولغان جايدا  بىردەم ئارام خۇدا سوزۇلۇپ ياتالىسا، ئۆزىنىڭ نەرسىلىرىنى ئۆزى قويغان جايدىن خالىغان چاغدا تېپىپ ئالالىسا، ۋە ئاشۇ ئۆزىگە مەنسۇپ بولغان جاينى ئۆزلىرى خالىغانچە بېزەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولسا ،مانا شۇلار يىتەرلىك ھىساپلىنىدۇ. مەسىلەن: بالىلار ئۆزلىرى ياخشى كۆرىدىغان رەسىم، ئۆزلىرى ياخشى كۆرىدىغان ھەم ئۆزلىرى گۈزەل دەپ قارايدىغان نەرسىلەرنى ئۆز كارىۋىتىنىڭ يېنىغا چاپلىيالىسا،ئۇ چاغدا شۇ ئائىلىنىڭ ياش ئەزالىرىدا ئائىلىگە ۋە ئۆزىگە نىسبەتەن بىر خىل خوجايىنلىق تۇيغۇسى پەيدا بولغاندىن باشقا، ئۇلاردا ئائىلىگە نىسبەتەن خاتىرجەملىك، ئائىلە باشلىقلىرىغا قارىتا ئىشەنچ ۋە ھۆرمەت تۇيغۇسى شەكىللىنىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال يەنە ئائىلە ئەزالىرىنىڭ، بولۇپمۇ  پەرزەنتلەرنىڭ ئەركىن تەپەككۇر قىلىش ۋە ئىجادكارلىق روھىنى يېتىلدۈرۈشىگە ئاالھىدە پايدىلىق بولغاندىن سىرىت شۇ ئائىلىدىكى ئانىغىمۇ خۇشاللىق ئاتا قىلالايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئائىلە ئەزالىرىدا كۆرۈلىدىغان ئورۇنسىز ئاچچىقلىنىش، ئۆزىگە نېمىنىڭدۇر كېرەك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلسىمۇ، شۇ نەرسىنىڭ زادى نېمىدىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى بىلەلمەي كۆڭلى بىئارام بولىدىغان ھالەتلەر بىر ئاز بولسىمۇ ئازىيىدۇ. نەتىجىدە، ئىناق ئائىلە مۇھىتىنىڭ شەكىللىنىشى ئائىلە ئەزالىرىنىڭ  قەلبىگە خۇشاللىق ئېلىپ كېلىدۇ ـ دە، تەبىئىي ھالدا ئادەمنىڭ چىرايىغا نۇر ياغدۇرۇپ، كىشىنى تېخىمۇ گۈزەللشتۈرىدۇ. چۈنكى ئەرلەرگە قارىغاندا ئاياللارنىڭ ئۆيدە ئۆتكۈزىدىغان ۋاقتى كۆپتەك بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئائىلە مۇھىتى ئاياللارغا بەكرەك تەسىر كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن: مېنىڭ بىر دوستۇم بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئائىلىسى ئانچە نامرات ھېسابلانمىغىنى بىلەن بايمۇ ئەمەس ئىدى. چۈنكى ئۇلار ھۆكۈمەتىن كېلىدىغان مۇئاشقىلا تايىنىپ ياشايتتى. ئۇلارنىڭ ئۆيىدە ئون يەتتە ياشالاردىكى قىزى ۋە يەنە باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئىككى ئوغلى بار ئىدى. ئۇلار پەقەت ئادەتتىكى ئۈچ ئېغىزلىق ئۆيدە ئولتۇراتتى. بىر قۇربان ھېيتتا دوستۇمنىڭ ئۆيىگە ھېيتلاپ كىرىپ ھەيران قلدىم. چۈنكى مەن ئۆزۈمنى خۇددى ئۇقۇشماستىن باشقا بىرىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ قالغاندەك ھېس قىلغان ئىدىم.

تېخى بىر ئاينىڭ ئالدىدا بۇ ئۆيلەر بىزنىڭ ئۆيلىرىمىزگە ئوخشاشلا تاملىرى ئاستى كۆك سىردا سىرلانغان، ئۈستى تەرىپى ئاق ھاكلانغان بولۇپ، مانا ئەمدى بىردىنلا ئۆزگىرىپ، تاملارغا چىرايلىق ناۋات رەڭ گۈللۈك بېزەش قەغىزى چاپالانغان، ئەسلىدىكى تامغا ئېسىلغان گېلەم يەرگە سېلىنغان ئىدى. گېلەمنىڭ ئورنىغا تولىمۇ گۈزەل مەنزىرە رەسىم چاپلانغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇدۇلىدىكى تامغا پۈتۈن كەلگۈدەك يوغان بىر پارچە رەڭسىز ئەينەك قويۇلغان ئىدى. دېرىزىدىكى ناۋات رەڭ پەردە ۋە ناۋات رەڭ رەختتە قاپلانغان كرىسلو كىشىگە بىر خىل خاتىرجەملىك ۋە ئازادىلىك تۇيغۇسى بىرەتتى. ئەينەككە چاپلانغان سۇنئىي قىزىل ئەتىر گۈللەر ۋە ئۇنىڭ يېنىدا ساڭگىللىشىپ تۇرغان يوپۇرماقلار، ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئاسما چىراغ … قاتارلىقلار قوشۇلۇپ كىشىگە بۇ ئۆينى خۇددى خىيالىي دۇنيادىكى گۈزەل ئوردىلاردەك ھەشەمەتلىك قىلىپ كۆرسىتەتتى. مەن ئۆيگە كىرىپ سالامدىن كېيىن دوستۇمدىن ئۆينى مۇشۇنداق ھەشەمەتلىك قىلىپ بېزەش ئۈچۈن قانچىلىك پۇل خەجلىگەنلىكىنى سورىۋىدىم، ئۇ سەمىمىيلىك بىلەن مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى ئۈچۈن بىر مىڭ بەش يۈز يۈەن خەجلىگەنلىكىنى ئېيتتى. دەسلەپتە ئۇنىڭ سۆزىگە ئىشەنگۈم كەلمىدى. چۈنكى مېنىڭ پەرزىمچە بەش مىڭ يۈەنسىز ئۆينى بۇنچىلىك بېزەش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئۇ ئالدىرىماي ئولتۇرۇپ ئالغان نەرسىلەرنىڭ ھېسابىنى بىر- ىرلەپ چىقىرىپ بېرىۋېدى، مەن شۇ چاغدا ئامالسىز ئىشىنىشكە مەجبۇر بولدۇم. شۇنداق ئەمەسمۇ؟ ئۇ تامغا چاپلىغان قەغەزنى توپ سېتىش بازىرىدىن ئەرزان باھادا سېتىۋاپتۇ. ئۇنى ئۆيدىكىلەر بىلەن تامغا ئۆزلىرى چاپلاپتۇ. ئەسلىدىكى كونا كىرىسلوسىغا ئۆيىنىڭ رەڭگىگە ماس كېلىدىغان رەخت سېتىۋېلىپ ئۇنى ئۆزى تىكىپ قاپلاپتۇ.  كىرىسلونىڭ رەڭگىدە پەردىلىك رەخت سېتىۋېلىپ بازاردىكى ئەڭ يېڭى پوسۇندا ئۆزى تىكىپ دەرىزىسىگە ئېسىۋاپتۇ. ھەشەمەتلىك كۆرىنىدىغان ئاسما چىراغنىمۇ ئەلۋەتتە ئۆزلىرى ئەكېلىپ ئېسىپتۇ. ئۇ بۇ ئىشلارنى قىلىش جەريانىدا پۈتۈن ئائىلە ئەزالىرىنىڭ  رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ خەجلىگەن ئازغىنە پۇلى ۋە ئەمگىكى بەدىلىگە يۇقىرىدا تەسۋىرلىگەن ھەشەمەتلىك «ئوردا» بەرپا بوپتۇ. دوستۇم پەخىرلەنگەن ھالدا ماڭا شۇنداق دېدى: ئەگەر بىر نەچچە مىڭ يۈەننى ئوشۇقراق خەجلەپ ئۇستا تەكلىپ قىلغان بولسام، بەلكىم ئۆيىمىزنى بۇنىڭدىنمۇ ياخشى بېزەپ بېرىشى مۇمكىن ئىدى. بىراق ئۇ چاغدا بىز بىر ئائىلە كىشىلىرىدە ھازىرقىدەك پەخىرلىنىش تۇيغۇسى بولمايىتتى. چۈنكى ھازىرقىسى پۈتۈن ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى بەدىلىگە كەلگەن ئەمگەك مېۋىمىز نىڭ بىزگە ئېلىپ كەلگەن خۇشاللىقىنى ھېچنەرسىگە تەڭ قىلغىلى بولمايدۇ. بىز ئۆز ئەمگىكىمىز بىلەن بىنا قىلغان بۇ ئوردىمىزدا خۇددى شاھلاردەك مەغرۇر ياشايمىز.

دوستۇم شۇ سۆزلەرنى دەۋاتقاندا، مەن ئۇنىڭ چىرايىغا سىنجىلاپ قارىدىم، ئۇ ئاشۇ گۈزەل «ئوردا»ئىچىدە كۈنىگە دېگۈدەك كۆڭلى كۆتۈرۈلۈپ خۇشال ياشاۋاتقاچقا، ئۇنىڭ چىرايى باشقىچە نۇرلىنىپ، خۇددى كۈندىن- كۈنگە گۈزەللىشىپ ۋە ياشىرىپ  كېتىۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى.

جاۋاب يېزىش