سىز نەرىڭىز بىلەن تەپەككۇر قىلىسىز؟

دىلدار ئەزىز

ئويناپ سۆزلىسەڭمۇ،ئويلاپ سۆزلە.—– خەلق ماقالە تەمسىلى

ئويلاش،دېمەك،تەپەككۇر قىلىش دېمەكتۇر. تەپەككۇر قىلىش بىرەر مەسىلىنى ئويلاش ۋە ئۇچرىغان مەسىلىلەرنى توغرى ئۇسۇلدا چۈشىنىش، ۋە ئۇنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق ھەل قىلىشنىڭ يولىنى تېپىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلى بەكمۇ مۇھىم. ۋەتەندە بىزنىڭ مېڭىمىز يۇيۇلۇپ، تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلىمىزمۇ مەلۇم دەرىجىدە چەكلىمىگە ئۇچرىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايمىز. بىراق ئەركىن دۇنيادا ياشاۋاتقان مەن، بېشىمدىن  نۇرغۇن ئىسسىق- سوغۇقلارنى  ئۆتكۈزگەندىن كىيىن، ئەقلىمنى ئىشلىتىپ، قانداق تەپەككۇر قىلىشنى ئۆگىنىۋاتىمەن، ئۇنىڭ نەتىجىسىنىمۇ  كۆرۈۋاتىمەن. بىراق مەن ھېچكىمگە قانداق تەپەككۇر قىلىشنى ئۈگۈتەلمەيمەن، مەجبۇرىي تاڭالمايمەن، شۇنداقتىمۇ ”ئاقىلغا ئىشارەت، نادانغا جۇۋالدۇرۇز،“ دىگەندەك،نېمە دېمەكچى بولغىنىمنى ئاقىل ئىگىلىرى بۇ قىسقا ماقالەمنى ئاخىرغىچە ئوقۇپ چىققاندىن كىيىن چوقۇم چۈشۈنىۋالالايدۇ.

دېمەك، تەپەككۇر قىلىش ئۇسسۇلىڭىز يەنە سىزنىڭ مۇئاپپىقىيىتىڭىزنى ۋە مەغلۇبىيىتىڭىزنى بەلگىلەيدۇ. ئەگەر سىز توغرى ئۇسۇلدا تەپەككۇر قىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرگەن بولسىڭىز،سىز ھاياتىڭىزدىكى راست يالغاننى پەرقلەندۈرۈپ ياشاشقا بىر قەدەم يېقىنلاشقان بولىسىز. ئەگەر سىز توغرى ئۇسۇلدا تەپەككۇر قىلىشنى باشلىغان بولسىڭىز،مۇئاپپىقىيەتنىڭ دەرۋازىسىنى چەككەن بولىسىز. چۈنكى كىشىلەرنىڭ ياشىغان مۇھىتى، ئائىلە تەربىيىسى ۋە بىلىم قۇرۇلمىسى كۆپ ھاللاردا كىشىلەرنىڭ تەپەككۇر ئۇسۇلىنى بەلگىلەيدۇ.

نېمە ئۈچۈن بەزى كىشىلەر كالىسىنى شۇنچە كۆپ ئىشلىتىدۇ- يۇ، ئاخىرى كېلىپ ھېچقانداق بىر ئىشى ئىلگىرى باسمايدۇ ھەتتا ئەكسىچە نەس باسىدۇ؟ چۈنكى ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشىدا سەمىمىيەت بولمىغاندىن سىرت،  تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلىدىكى پەرقىمۇ ئوخشىمايدۇ. مەسىلەن: بەزى كىشىلەر ئاغزى بىلەن «تەپەككۇر» قىلىدۇ،  ئويلانماي تۇرۇپ سۆزلەۋېرىدۇ. بۇنداق كىشىلەرنىڭ ئاغزىدىن چىققان گەپلىرىگە ھەتتا ۋاقتى كەلگەندە گەپ قىلغۇچىنىڭ ئۆزىمۇ ئىشەنمەي قالىدۇ. ھەتتا قىلغان گېپىدىن يېنىۋالىدۇ.  بىراق ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغان بەزى كىشىلەر بولسا، ئۇنداقلار نېمىلا دىسە ئىشىنىۋېرىدۇ. چۈنكى دۇنيادا شۇنداق بىر قىسىم كىشىلەر باركى، ئۇلار گەپلا بولسا ئاڭلاۋېرىدۇ، ئۇلارنىڭ قەلبىدە ئەلگەك سۈزگۈچ بولمىغاچقا،   گەپلا  بولسا ئىشىنىۋېرىدۇ، ئويلاپ ئولتۇرمايدۇ. نەتىجىدە ئويلىماي سۆزلەيدىغانلار جەمەتىمىزگە ۋە تۇرۇشىمىزغا كۆپ كۆڭۈلسىزلىكلەرنى كەلتۈرگۈچىلەر بولۇپ، بۇنداق كىشىلەردىن يىراق تۇرغاندا، ئاندىن قۇلاق تىنىچ، كۆڭۈل خاتىرجەم ياشىغىلى بولىدۇ.

يەنە بىر قىسىم كىشىلەر باركى، ئۇلار قۇلىقى بىلەنلا تەپەككۇر قىلىدۇ. بۇنداق كىشىلەر گەپلا بولسا ئاڭلاۋېرىدۇ،ۋە تارقىتىدۇ. توغرى خاتاسىنى ئارىپ ئولتۇرمايدۇ. بۇنداق كىشىلەرنى كولدۇرلىتىش ۋە ئارقىسىغا سېلىپ يۈرۈپ ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش ئەڭ ئاسان بولۇپ، ئۇلاردا  ھېچقاچان ئۆزىگە تەۋە مۇستەقىل  ئاڭ يېتىلگەن ئەمەس. بۇنداق كىشىلەر مەڭگۈ بالىلىق تۇيغۇسى بىلەن ياشايدۇ،چوڭ بولۇشنى خالىمايدۇ. باشقىلار نېمە دىسە ئىشىنىدۇ ۋە خۇددى شاتۇتىدەك باشقىلارنى گېپىنى خۇددى ئۆزىنىڭكىدەك توختىماي تەكرارلايدۇ. بۇنداق كىشىلەرنىڭ كاللىسىدىكى نەرسىلەر پۈتۈنلەي باشقىلارنىڭ ئۇنىڭ كاللىسىغا مەقسەتلىك ياكى مەقسەتسىز تولدۇرغان ئۇچۇرلار بولۇپ،ئۇلارنىڭ ئۆزىدە“ ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىش، توغرا – خاتاسىنى ئايرىش“ دېگەن ئاڭ يېتىلمىگەن. بۇ تىپتىكى  كىشىلەر ھەتتا ئۆزىمۇ چۈشەنمەيدىغان كىشىلەرنىڭ ئارقىسىدىن قارىغۇلارچە يۈگۈرۈپ،ھەتتا ئۆزىنىڭ نەگە بېرىپ قالغانلىقىنىمۇ بىلمەيدۇ. ئۇلار قانداقتۇ ئاڭلىۋالغانلىرى بويىچە ئۆزىمۇ تونۇمايدىغان،ئۆمرىدە كۆرۈپمۇ باقمىغان بىرلىرىدىن نەپرەتلىنىدۇ، ھەتتا دۈشمەندەك ئۆچ كۆرىدۇ. ئۆزى چۈشەنمەي تۇرۇپ بىرىكمىلەرنى ھاقارەتلەيدۇ، ئۇلارنى تورلاردا ھاقارەتلەيدۇ،شۇ كىشىنىڭ ئارقىسىدىن باشقىلاردىن ئاڭلىۋالغانلىرىنى ھارماي تارقىتىدۇ.  بۇنداق كىشىلەرنى تەنقىد قىلىش تولىمۇ قورقۇنۇچلۇق ئىش، ئەگەر ئازراق ماختاپ قويسىڭىز ئۆزىنى ئاجايىپ قالتىس چاغلايدۇ، ھەتتا  بەزىدە ئۆزىنى شۇنچە يۇقىرى ئورۇنغا قويىۋالىدۇكى، تاسقالدى، ئۆزىنى ماختىغان كىشىنىڭ بېشىغا چىقىپ تاھارەت قىلىپ قويغىلى. شۇڭا بۇنداق كىشىلەر ھاياتىدا كۆپ ھاللاردا پەقەت باشقىلارنىڭ ئىشلىتىپ تاشلىۋېتىدىغان قەغەز قول ياغلىقىنىڭ رولىنى ئالىدۇ. باشقىلار تەرىپىدىن سېتىۋېتىلسىمۇ، تاشلىۋېتىلسىمۇ  ئۆزىنىڭ نېمە بولغانلىقىنى بىلمەستىن، داۋاملىق باشقىلاردىن ئاڭلىغىنىنى تەكرارلايدۇكى، ئۆزىنىڭ نېمە بولىۋاتقانلىقىنى بولسا ئاڭقىرالمىغانلىغى ئۈچۈن ئۆزىگە توغرا باھامۇ  بېرەلمەيدۇ. بۈگۈن بۇ تەرەپكە ئەگەشسە، ئەتە يەنە بىر تەرەپكە  ئەگىشىدۇ، كىم چىرايلىق گەپ قىلسا،ئازىراق نەپ بەرسە شۇنىڭغا مەقسەتلىك ياكى مەقسەتسىز جانپىدالىق بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭ قارشىسىدىكىلەر بىلەن ھېچ ئىسپاتسىزلار دۈشمەنلىشىدۇ.  بۇنداق كىشىلەر يەنە كۆپ ھاللاردا روھىنى،ئاجىزلىقىنى باشقىلارغا تۇتقۇزۇپ قويۇپ،ئۆمۈر بويى ئەنسىزلىككە  روھىنى ئىزدەپ ياشايدۇ. بۇنداق كىشىلەرنى مەن ھازىرچە ”روھىي زەيپانىلەر“ دەپ ئاتاپ تۇراي. ئەگەر ياقتۇرمىسا ئۇلار ئۈچۈن يەنە يېخىمۇ مۇۋاپىق ئىسىممۇ تېپىلىپ قالار.

بەزى كىشىلەر پۇتى بىلەن تەپەككۈر قىلىدۇ. بۇنداق كىشىلەر تەپەككۇر ئۈچۈن باش قىسمىدىكى ئەزالىرىنى بەك ئىشلىتىپ كەتمەيدۇ. ئۇلار باشقىلارغا ئەگەشكەك كېلىدۇ. ئۇلاردا ئېنىق بىر نىشان بولمايدۇ. پەقەت بىر جايدا جىم تۇرۇشنى خالىمايدۇ.خالاس. بۇنداق كىشىلەر كۇن بويى ناھايىتى ئالدىراش يۈرىدۇ، ئەكسىچە ئۇلارنىڭ ھېچقانداق بىر ئىشى ئاۋۇمايدۇ، بىراق بۇنداق كىشىلەرنى كۆپ ئادەم تونۇشى مۇمكىن. چۈنكى سىز بۇ تىپتىكى كىشىلەرنى ھەرقانداق بىر توي تۇكون ۋە ياكى ئۆلۇم – يىتىم ، نەزىر- چىراق  سورۇنلىرىدا،مېھماندارچىلىق سورۇنلىرىدا كۆرەلەيسىز. بىراق ئۇ تىزلا ئېسىڭىزدىن كۆتۈرلۈپ كېتىشى مۇمكىن. بۇ تىپتىكى كىشىلەردىن ئۇنىڭ ئايىغى تەگكەن ھەممە جايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇچۇرى تېپىلىدۇ ۋە قايسى ئەر- ئايالنىڭ ئاخشام سوقۇشۇپ بىر كارىۋاتتا يامانلىقىدىن تارتىپ، قايسى ئايالنىڭ لەغمىنىنىڭ ئوخشايدىغانلىقىغىچە ھەممىنى بىلىدۇ ۋە سىزنىڭ ئاڭلاشقا ۋاختىڭىزلا يەتسە بىردەمدە سىزنىڭ قولىغىڭىزنى ئۇچۇرلار بىلەن توشقۇزىۋېتىدۇ. ئۇنداق كىشىلەرنىڭ مىللەتكە زىيىنى بولمىسىمۇ، بىراق سىز ئۇنى ئۆز دوستىڭىز قاتارىدا سانىيالمايسىز. چۈنكى سىز ئارزۇ قىلغاندا ئۇ سىزنىڭ يېنىڭىزدا بولالمايدۇ.يامان يىرى، سىزنىڭ بارلىق سىرىڭىزنى خالىغانچا باشقىلارغا ئاشكارىلايدۇ. سىزنىڭ دەستۇرخېنىڭىزدا چىرايلىق گەپلەرنى قىلىپ تۇزىڭىزنى يېگەن بىلەن،ئارقىمىزغا ئۆتۈپلا سىزدىن داتلايدۇ.  بىراق بۇنداق كىشىلەر بەكمۇ ئالدىراش كۆرىنىدۇ. ئۇنىڭ نەزىرىدە دۇنياكى ئىسمىنى ئاتاپ بېرەلەيدىغان ھەممە كىشى ئۇنىڭ دوستى. ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ بىرمۇ دوستى بولمايدۇ. ئەپسۇسلىنارلىغى شۇكى، بۇنداق كىشىلەرنى بىر قېتىم كۆرگەندىن كىيىن قايتا كۆرۈشنى بەك خالاپ كەتمەيسىز. بىراق» ئېغىز يۈگۈرۈكى باشقا، پۇت يۈگۈرۈكى ئاشقا“ دىگەندەك،بۇنداق كىشىلەرنىڭ قوسىقى ئاچ قالمايدۇ. بولۇپمۇ مۇساپىرچىلىقتا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مۇشۇنداق باشقىلارنى پات- پات «يوقلاپ تۇرىدىغان» كىشىلەرنىڭمۇ مىللەتكە ھېچقانداق زىيىنى يوق، دەپ ئويلايمەن،ئەگەر ئۇلار گەپ توشۇيدىغان ئادەتنى تاشلىيالىسا.

كاللىسى بىلەن تەپەككۇر قىلىدىغانلار. بۇنداق كىشىلەر كۆپ ھاللاردا يۇقىرى مەلۇماتلىق بولغاندىن سىرت،كىتاپ ئوقۇشنى، مەسىلىلەرنى كاللىسىدا مۇھاكىمە قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇلار يەنە ساغلام تەپەككۇر قىلىش ئادىتىنى يىتىلدۈرگەنلەر ھېسابلىنىدۇ.  بۇ تىپتىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى بىز ”دانالار،پەيلاسوپلار“، دېيەلمىسەممۇ،پەيلاسوپلارمۇ دەل مۇشۇنداق كىشىلەرنىڭ ئارىسىدىن يېتىلىدۇ. ئۇلار تەپەككۇر قىلغاندا، ئۆزىنىڭلا مەيدانىدا تۇرۇپ ئەمەس، يەنە قارشى تەرەپنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپمۇ تەپەككۇر قىلىشنى بىلىدۇ. ئاڭلىغان، كۆرگەن ۋە بىلگەنلىرىنى كۆڭۈل تارازىسىغا سېلىپ باھالاشنى، كۆڭۈل غەلۋىردە تاسقاپ كۆرۈشنى بىلىدۇ. شۇڭا بۇ خىلدىكى كىشىلەر ئالدىراپ ئاچچىقلانمايدۇ. بىر ئىشقا قاتتىق ئاچچىقى كەلسىمۇ ئالدىراپ چاندۇرمايدۇ. ئاڭلىغان، كۆرگەن ۋە بىلگەنلىرىنى بۆلەكلەرگە بۆلۈپ، ئۇنىڭ راست يالغانلىقىغا، توغرى خاتالىقىغا ھۆكۈم قىلىشنى بىلىدۇ. بۇنداق كىشىلەر باشقىلارغا بىلىمىنى ۋە ئۆزىنىڭ قىممىتىنى كۆز-كۆز قىلمايدۇ،بىراق ئۇلارنىڭ قىممىتى ھەر ۋاقىت ۋە ھەرجايدا تەبىئىي كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. بۇ خىلدىكى كىشىلەر ھېچقاچان باشقىلار ئالدىدا مەمەددانىلىق قىلمايدۇ، ئۆزىنىڭ قىممىتىنى بايلىقى ۋە چىرايى ۋە ياكى ئائىلە نەسەبى بىلەن ماختانمايدۇ. بەلكىم ياخشى ئائىلە تەربىيىدىن بولىشىمۇ مۇمكىن، بۇنداق كىشىلەر يالغۇزلۇقتىن قورىقمايدۇ. ئەكسىچە ھەر ۋاقىت ھەر جايدا ئۆزىنى باشقىلاردىن ئايرىپ تۇتۇشنى بىر خىل ھۇزۇر، دەپ بىلىدۇ.  بۇنداق كىشىلەر زۆرۈر تېپىلغاندا ئۆزىنىڭ بارلىقىنى ئۆزى ئەڭ مۇھىم دەپ بىلگەن ئىشقا ئاتا قىلىشتىن يانمايدۇ. سىز ياردەم سورىغاندا، ياكى بېشىڭىزغا ئېغىر كۈن چۈشكەندە دەرھال يېنىڭىزدا بولالايدۇ. سىزنىڭ ۋە مىنىڭ ئىشەنچىلىك دوستىمىز دەل مۇشۇنداق كىشىلەر ئارىسىدىن چىقىدۇ. بۇنداق كىشىلەردىن مىللەتكە ۋە ۋەتەننىڭ كەلگۈسىگە پايدىلىق بولغان خىزمەتلەر كېلىدۇ. ئەپسۇسلىنارلىغى شۇكى، بۇ تىپتىكى كىشىلەر ھەرگىزمۇ ئالدىراپ تەرەپلەرگە قوشۇلۇپ،  قايناق قازانغا ئۆزىنى ئاتمايدۇ. بىراق ئۇلارنىڭ ۋەتىنى ئۈچۈن قىلىۋاتقان خىزمىتى سىز ئويلاپ باقمىغان ساھەلەردە، سىز تەسەۋۋۇر قىلمىغان نۇقتىلاردا داۋام قىلىۋاتقان بولىشى مۇمكىن.

خۇلاسە كالام،ئەگەر مەقسەت نىشانىڭىزغا تىزراق يېتەي دېسىڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلىڭىزنى بىر قۇر تەكشۈرۈپ بېقىڭ. بەلكىم بۇنىڭ سىزگە ياردىمى تىگىپ قالار.

2022-يىلى 2-ئاينىڭ 21- كۈنى ئامېرىكىنىڭ مارىلاند شتاتىغا يېزىلدى.

جاۋاب يېزىش