تۇرنىلار

زەينۇرە ئەيسا

ئىستانبۇلدىن قەشقەرگە ئۇچقان تۇرنىلار،

ئانام مىنى سورىسا، ئۇ ھايات دەڭلا.

بېشىدا غەم، كۆزىدە نەم،قانىتى سۇنۇق،

ئۇچماقچى ئۇ، ئەشۇ سۇنۇق قاناتتا دەڭلا.

 

ئىستانبۇلدىن قەشقەرگە ئۇچقان تۇرنىلار،

قىزىم مىنى سورىسا «ئۆلمىدى»دەڭلا.

ئانا يۇرتتىن ئايرىلغانغا بوپتۇ يىگىرمە يىل،

تا ئۇ كۈندىن بۇ كۈنگىچە ھېچ كۈلمىدى،دەڭلا.

جاۋاب يېزىش