ئىلىم چېيىدىن تارقىغان مەرىپەت نۇرلىرى

ئىختىيارى مۇخپىرىمىز: ئەلانۇر

مۇھاجىرىتمىزدىكى سورۇن مەدەنىيىىمىزگە ھاياتىي كۈچ بېرىپ كىلىۋاتقان، ئىلمىي ھاياتىمىزنى كىشىنى سۆيۈندۈرىدىغان يېڭى بىر پەللىگە كۆتۈرۈپ ،سۈپەتلىك ،مەمنۇن قىلارلىق داۋام قىلىۋاتقان «خانىم- قىزلار ئېلىم چېيى»گۇرۇپپىسىنىڭ باش تەشكىللىگۈچىسى  ئامىنە سەدەفنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن يەنە بىر خۇشاللىنارلىق ئىلمىي پائالىيەت خەلقىمىز بىلەن يۈز كۆرۈشتى.

ئامىنە سەدەف خانىم باشچىلىقىدىكى ئىلىم  چېيى گۇرۇپپىسىنىڭ  كۆڭۈل قويۇپ ئورۇنلاشتۇرۇشى ئاستىدا 2022- يىلى  11- فىۋرال جۈمە ئىستانبۇل ۋاقتى 21:30 دا ئېنتىرنىت ۋاسىتىسى بىلەن «ئەدەبىياتنىڭ تىل ،ئۆرپ- ئادەت ،تارىخ ۋە مىللىي كۈلتۈرنى ساقلاشتىكى رولى»تېمىسىدا ،ئىستانبۇل ئۇنۋىرستىتى دوتسىنتى، دوختۇر راھىلە قەشقىرى خانىم كەڭ ئاڭلىغۇچىلارغا مول مەزمۇنلۇق ،سېستىمىلىق ھازىرلانغان لىكسىيە سۇندى .

لىكسىيەدە ،ئەدەبىياتنىڭ باشقا بىلىملەر بىلەن ئالاقىسى ،ئەدەبىياتنىڭ ۋەزىپىسى ،ئەدەبىياتنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەھمىيىتى ،ئەدەبىياتىمىزنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن نىمىلەرنى قىلىشىمىز كېرەك ؟ دېگەن تارماق مەزمۇنلار ئايرىم ئايرىم ھالدا مىللىتىمىز نىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ  يورۇتۇپ بېرىلدى .لېكسىيە ئاخىرىدا  زىل سۇئاللار ئوتتۇرىغا قويۇلدى ۋە راھىلە  قەشقىرى خانىمنىڭ ھازىر جاۋابلىق بىلەن بەرگەن ئورۇنلۇق  جاۋاپلىرى قايىللىق قوزغىغانچە سۇئاللار بەس بەستە سورىلىپ لېكسىيە ئۈچ سائەتكە قەدەر ئۇزىدى .

مىللەت سەكراتتا . ئىككىنچى  ۋەتىنىمىز بولغان ئانا تىلىمىز خەۋپ ئىچىدە . مۇھاجىرەتتىكى يات مەدەنىيەت ۋە تىل مۇھىتىدا چوڭ بولۇۋاتقان ،ۋەتەن تۇپرىقىنى كۆرۈپ باقمىغان ئەمما كەلگۈسى ۋەتىنىمىزنىڭ قايتا قۇرغۇچىلىرى ،ئۈمىدى بولغان ئەۋلاتلىرىمىزغا ئەدەبىياتىمىزنى ،ئانا تىلىمىزنى ساغلام ،كەم -كۇتىسىز ئۇلاشتۇرۇش  مۇھىم ۋەزىپىمىزدۇر . ئانا تىل ئۈگىتىشتە ساۋات چىقىرىش بىلەن قانائەتلىنىپ قالماستىن كۈچلۈك دۈشمەن تەرىپىدىن ئەسىر  بويى ئاسمىلاتسىيە بولماي كېلىۋاتقانلىقىمىزنىڭ مۇھىم سەۋەپلىرىدىن  بىرى بولغان ئەدىبىياتىمىزنى چوڭقۇر ۋە ئەتراپلىق ئۈگىتىشىمىز كېرەك .

ئەدەبىيات ئارقىلىق مىللەتنى دۇنيا تونۇشتۇردۇق ، ئەۋلاتلارغا قىممەت قارىشىمىز ،ئىدىيەرىمىزنى سىڭدۈردۇق ،ئەدەبىيات – تارىخنى بۈگۈنگە ئۇلىدى .دۇنيانىڭ ھەر قايسى يېرىدىكى ئۇيغۇرلارنى روھىي جەھەتتە بىر – بىرىگە چىڭ باغلاپ تۇردى . ئەدەبىيات – مىللىي كىملىكىمىزنى داۋام قىلدۇرۇش ئۈچۈن ،خىتايلاردىن پەرقلىنىپ تۇرۇشىمىز ئۈچۈن ،شانلىق تارىخىمىز ۋە گۈزەل ئەنئەنىلىرىمىزنى خاتىرلىتىش ئۈچۈن ،قەھرىمانلىرىمىز ۋە مىللىي ئابىدىلىرىمىزنى مەدھىيلەپ ،گۈزەللىكلەرنى كۈيلەپ ،نۇقسانلارنى قامچىلاش ئۈچۈن،نىمە قىلىشىمىز ھەققىدە مىللەتنى تەپەككۇرغا باشلاش ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ كەلدى .

بۇنىڭدىن كىيىنمۇ ئەدەبىياتىمىزنى تېخىمۇ ئېغىر شۇنداقلا شەرەپلىك ۋەزىپىلەر كۈتۈپ تۇرۇپتۇ . مۇھاجىرەت مائارىپىغا ماس كېلىدىغان يۈرۈشلەشكەن باشلانغۇچ ،ئوتتۇرا ،تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ تىل ۋە ئەدەبىيات دەرسلىكى تۈزۈش ، ۋەكىللىك خاراكتىردىكى ئەسەرلەرنى باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىش  ،مىللەتنىڭ كۆزىنى ئاچىدىغان، يولىنى كۆرسىتىدىغان ئەسەرلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش،  …قاتارلىق   نۇرغۇنلىغان خىزمەتلەر ھەر بىرىمىزنى كۈرۈپ تۇرماقتا .

 

ئامىنە سەدەف خانىم باشچىلىقىدىكى «خانىم قىزلار  ئىلىم چېيى» گۇرۇپپىسىنىڭ تۇنجى قېتىم ئورۇنلاشتۇرغان بۇ لىكسىيەسىدىن كېيىنكى ھەر ئايدا بىر قېتىم ئورۇنلاشتۇرماقچى بولغان لىكسىيەلىرىنىڭ تېمىسى ۋە لىكسىيە بەرگۈچى  بەلگىلىنىپ، پىلانلىنىپ بولۇندى . ئاخىرىدا ھەممىمىزگە مەنپەئەتلىك بولۇشىغا ،دادىل – ئىجتىھاتلىق ئېلىم چېيى گۇرۇپپىسىدىكى  خانىم قىزلىرىمىز نىڭ ئاۋانگارت بىر قوشۇن  بولۇپ ، ئەدەبىيات ساھەسىدە يول ئېچىپ  مېڭىشىغا تىلەكداشمىز .

جاۋاب يېزىش