ۋىكتورىيەنىڭ گۈللەنگەن دەۋرى

سارە سەيدەكرەم

1837- يىلى ئايال پادىشاھ ۋىكتورىيەنىڭ تەختكە چىقىشى بىلەن، ئەنگىلىيە «ۋىكتورىيە دەۋرىگە» قەدەم قويغان. ئۇنىڭ پادىشاھلىق دەۋرى 64 يىل داۋاملىشىپ، 1901- يىلى ئۇنىڭ ۋاپاتى بىلەن ئاخىرلاشقان. ۋىكتورىيە دەۋرىنى، يەنى 19- ئەسىرنى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ تارىخشۇناسلىرى بۈيۈك برىتانىيەنىڭ ياكى ئەنگىلىزلارنىڭ «گۈللەنگەن دەۋرى» دەپ تەسۋىرلەيدۇ. بۇ دەۋىردە ئەنگىلىيە يېزا- ئىگىلىك، دىھقانچىلىق دۆلىتىدىن سانائەتلىشىپ- ماشىنىلاشقان زاۋۇتلار دۆلىتىگە ئايلانغان. ئەنگىلىيە جاھانگىرلىكنى «دۆلەتنىڭ تەقدىرى»، شۇنداقلا «مەجبۇرىيىتى» دەپ قاراپ، تېخىمۇ كېڭىيىشقا قارپ يۈزلەنگەن. 19- -ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا، ئەنگىلىيە ئىمپېرىيىسى يەر يۈزىنىڭ تەخمىنەن تۆتتىن بىر قىسمىنى ئىگەللەپ، دۇنيا نوپۇسىنىڭ بەشتىن بىرىنى ئىدارە قىلغان.

«ئەنگىلىيە ئىمپىرىيەسىنىڭ قۇياشى ھەرگىزمۇ پاتمايدۇ» دەپ ماختىناتتى  شۇ دەۋىردىكى ۋىكتورىيەلىكلەر. ئەمەلىيەتتىمۇ بۇ توغرا ئىدى. ئەينى چاغدىكى ئەنگىلىيە ئىمپىرىيەسى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتكەن بولۇپ، خەلىقئارادا ھۆكۈمرانلىق ئورۇنىغا چىققان ، ئەنگىلىيەنىڭ ئانا  تۇپرىغىدابولسا سانائەتنىڭ تەرەقىياتى يۇقۇرى پەللىگە چىققان ئىدى. ئەنگىلىيەنىڭ چەتئەلدىكى سودىسى ئىتالىيە، فرانسىيە، گىرمانىيەنىيەلەرنىڭكىدىنمۇ ئېشىپ كەتكەن. 1870- يىلىغا كەلگەندە، ئامېركىنىڭ چەتئەل بازىرىنىڭ تۆت ھەسسىسىگە يەتكەن. كىشىلەر ئەنگىلىيەنىڭ دېڭىز كۈچىگە قاراپ «دولقۇنلار قورالى» دەپ ئاتىغان بولسا، يېڭى زاۋۇتلىرى ۋە ئۇلاردا ئىشلەپ چىقىرىلغان مىسلى كۆرۈلمىگەن ھەر- خىل تاۋارلارىن بۇ دۆلەتنى » دۇنيانىڭ ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى» دەپ تونۇتقان.

ئەلۋەتتە بۇ دەۋىر بەزىلەر ئۈچۈن زور بايلىق ۋە ئىمتىياز ئەكەلگەن، ئەمما شۇ دەۋىردىكى ئىش تۈزۈملىرىنىڭ ئىسلاھ بولماسلىقى،خىزمەت شارائىتىنىڭ تولۇق ياخشىلىنىپ كەتمەسلىكى تۈپەيلىدىن، كۆپ قىسىم كىشىلەر ئۈچۈن تۇرمۇش ئىنتايىن جاپالىق بولۇپ، زاۋۇتلار- كانلاردا ئۇزۇن ۋاقىت خىزمەت قىلىشقا مەجبۇر ئىدى. نوپۇسنىڭ زور دەرىجىدە كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۆي- تۇرالغۇ قىسىنچىلىقىمۇ زور ئىدى. بۇ دەۋىردە ئۆسمۆر – بالىلارمۇ ئەمگەككە سېلىناتتى.

ئاياللارنىڭ ھاياتى بولسا ئائىلە بىلەنلا چەكلەنگەن بولۇپ، تاشقىي دۇنيا «ئەرلەرنىڭ  دۇنياسى» دەپ ھىسابلىناتتى. ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن قىز-ئاياللار «پاك، ساددە، نازاكەتلىك، بويسۇنىدىغان، ئىتائەتمەن» قىلىپ يىتىشتۈرۈلەتتى. بىر ئايالنىڭ ھىچقانداق ھەق- ھوقوقى بولماي، ئۇنىڭدىن پەقەت توي قىلىپ يولدىشىنىڭ ياخشى خىزمەتچىسى بولىشى تەلەپ قىلىناتتى. ئوقۇغان ئاياللار ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىغىدىن باشقا كەسىپ قىلىشقا بولمايتتى. ئاياللار روھىي ۋە ئەقلىي جەھەتتىن ئەرلەردىن تۆۋەن دەپ قارالغاچقا، ئالىي مائارىپ ئۇلار ئۈچۈن «ئىسراپچىلىق شۇنداقلا خىزمەت ئۇلارنى كىسەلگە گىرىپتا قىلىدۇ» دەپ قارىلاتتى. قىز- ئاياللار ئۈچۈن مۇناسىپ كۆرۈلگەن مائارىپنىڭ ئىچىگە ناخشا ئېتىش، ئۇسسۇل ئويناش، پىئانىنا چېلىس، رەسىم سىزىش، مەلۇم دەرىجىدە ئوقۇش- يېزىش، ۋە كەشتىچىلىكنى ئۆگىنىش قاتارلىقلار كىرەتتى. ئاياللار ئۆز كۆز- قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن ساقلىنىشى، ئۆزىنىڭ كىملىكى ئۈستىدە ئىزدەنمەسلىكى شۇنداقلا بىر مۇستەقىل ئىنسان بولماسلىقى تەشەببۇس  قىلىناتتى.

19- ئەسىردە ئەدەبىيات دۇنياسىنىڭ پەقەت ئەرلەرگىلا مەنسۇپ بولىشى، شۇنداقلا ئاياللارنىڭ ئائىلە ھاياتىدىن ھالقىشى چەكلەنگەن بولىشى تۈپەيلى، ئايال يازغۇچىلار نۇرغۇن توسالغۇلارغا دۇچ كەلگەن. ئۇنىڭدىن باشقا ئەدەبىي ئەسەرلەر بولۇپمۇ ئاياللارغا نىسبەتەن بەزى قائىدىلەرگە بىنائەن، يەنى جەمىيەت قوبۇل قىلالايدىغان دەرىجىدىكى رامكىلار ئىچىدە يېزىلىشى كىرەك ئىدى. شۇڭا كىتابلاردىكى ئايال باش قەھرىمانلار ئاجىز، مۆھتاج، بېقىندا، كۆيۈمچان، ھىسسىياتچان بولۇشى كىرەك دەپ قارىلاتتى. جەميەتتە ئاياللارغا بولغان بۇخىل چەكلىمىلەرگە قارىماي جەين ئاۋستېن(Jane Austen)، جورج ئېلىئوت(George Eliot)، ئېلىزابېت باررېت(Elisabeth Berret)، ئېلىزابېت گاسكېل(Elizabeth Gaskell)، مارى شېللېي(Mary Shelley) ۋە برونتې ھەدە – سىڭىل  (Brönte sisters)قاتارلىق نۇرغۇن ئاياللار قوللىرىغا قەلەملىرىنى ئېلىپ، يۇقىرقى بېسىم – ئادالەتسىزلىكلەرگە قارشى ئىسيانكارلىق بىلەن كۈرەش قىلغان. برونتى ھەدە- سىڭىللارغا ئوخشاش بىر قىسىم ئايال يازغۇچىلار رومانلىرىدا شۇ جەمىيەتنىڭ ئاياللارغا قارىتىلغان قاراڭغۇ تەرەپلىرىنى يورۇتۇش، شۇنداقلا ئوقۇرمەنلەرنى مەسىلىلەر ئۈستىدە ئويلاندۇرۇش، قىز- ئاياللارنىڭمۇ بىر ئىنسان ئىكەنلىكى، قىزغىن ۋە كۈچلۈك بولالايدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئائىلە ھاياتىدىن ئىبارەت  قەپەزگە سولىنىپ قالغانلىقىنى كۆرسىتىشكە تىرىشقان. بۇنىڭ بىر مىسالىنى شارلوت برونتېنىڭ <جەين ئەيرې> ناملىق رومانىدىكى مۇنۇ سۆزلىرىدىن كۆرگىلى بولىدۇ:

«ئاياللار ئادەتتە ناھايىتى تەمكىن بولۇشى كىرەك، ئەمما ئاياللار خۇددى ئەرلەر ھېس قىلغاندەك ھېس قىلىدۇ. ئۇلار ئۆز قابىلىيىتى ئۈچۈن چېنىقىش ۋە تىرىشچانلىقى ئۈچۈن بىر مەيدانغا مۇھتاج. ئۇلار بەك قاتتىق چەكلەش، مۇتلەق توختاپ قېلىشتىن ئازاپلىنىدۇ دەل ئەرلەر ئازاپلانغاندەك. ئۇلارنىڭ ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئىگە ھەمراھ- مەخلۇقلىرىنىڭ ئاياللار ئۆزلىرىنى تاماق ئېتىش، توقۇلما توقۇش، پىئانىنا چېلىش ۋە كەشتە تىكىش بىلەنلا چەكلىنىش كىرەكلىكىنى تەكىتلەش،ئەنە شۇ ئەرلەرنىڭ ئىنتايىن تار رامكىدا تەپەككۈر قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.»

بۇ مەشھۇر روماندا بىر قىزنىڭ جاپا – مۇشەققەتكە، خورلۇنۇشلارغا قارىماي قىزغىن، روھلۇق، ھاياتقا تولغان بىر مۇستەقىل ئايال بولۇپ ئۆسۈشى، تەپەككۇرىنىڭ يىتىلىشى، شۇنداقلا بۇنىڭ نەتىجىسىدە ھاياتىدا ئالغان قارارلىرى تەسۋىرلىنىدۇ. روماننىڭ باش قەھرىمانى بولغان جەين جەمىيەتنىڭ ئۇنى بىر قېلىپقا ماس قىلىپ تەربىيەلەپ چىقىشىغا يول قويمايدۇ. ئۇ ئۆزىنى ھۆرمەتلەيدىغان، ھۆر كۆرىدىغان، ئۇچرىغان ناھەقچىلىقلارغا بويۇن ئەگمەيدىغان، ئۈن- تىنسىز بىر جىمغۇر قىز بولىشنىڭ ئورنىغا، پىكىر قىلىدىغان، بىلىمىدىن پەخىرلىنىدىغان قىز بولۇپ،ئۇ ئۆزىنى مۇنداق تەسۋىرلىگەن:

«مەن بىر قۇش ئەمەس، شۇڭا مېنى ھىچقانداق قەپەس تۇتۇپ تۇرالمايدۇ. مەن بىر مۇستەقىل ئىرادىگە ئىگە، ئەركىن بىر ئىنسان…»

ئاپتور روماندا مائارىپ، ئائىلە، ئىجتىمائىي تەبىقىلەر، خىرىستىيان دىنى قاتارلىق ئەينى ۋاقىتتىكى جەمىيەتنىڭ ئاساسلىق قۇرۇلمىسىنى شەكىللەندۈرىدىغان ئورگانلارنى سوراققا تارتىدۇ. رومان ئوقۇرمەنلەرنى شۇ ۋاقىتتىكى ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي مەسىلىلەر ئۈستىدە ئويلۇنىشىنى، شۇنداقلا ئاياللارنىڭ جەمىيەتتىكى ئورنى، ئارزۇسى بىلەن خىيالنىڭ رىئاللىق بىلەن قانداق مۇناسىۋىتى بار، ئەھمىيەتلىك ھاياتنىڭ ئاساسى نىمە، دىگەنگە ئوخشاش سوئاللار ئۈستىدە ئويلۇنۇپ بېقىشىغا چاقىرىدۇ.

يۇقۇرقى مەسىلىلەرنى ئۇيغۇر قىز – ئاياللىرىمۇ ئويلۇنۇپ بېقىشنى خالامدىغاندۇ؟

گەرچە ۋىكتورىيە،ئۇ بىر ئەقىللىق، كۈچلۈك، ئەنگىلىيەنىڭ تەرەققىي قىلىپ كۈچلۈنىشىگە ۋە دۇنياغا كېڭىيىشىگە كۆرۈنەرلىك تەسىر كۆرسەتكەن ئايال پادىشاھ بولسىمۇ، شۇ جەميەتتە ئاياللار ئەنئەنىۋىي، سىڭىپ كەتكەن دىنىي كۆز قاراشلار تۈپەيلىدىن ئەرلەر بىلەن باراۋەر بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالمىغان. بۇنىڭىن بىز شۇ چاغدىكى  سېستىمىنىڭ تېخى ئىسلاھ قىلىنىپ ئۆزگەرتىلمىگەنلىكى يپەيلىدىن كلرىپ چىققان نۇرغۇن مەسىلىلەرنى كۆرەلەيمىز.

2021- يىل 10- ئىيۇن – پەيشەنبە

جاۋاب يېزىش