ئامىنە ۋايىت شىئرلىرى

مەن شىئىر يازالماي …..

مەن شىئىر يازالماي تولغانغان كىچە،

سەن مىنى چۈشەپ ئۇيقۇدا ياتقان.

بوينۇڭغا يۆگەشكەن ئەبجەش مىسرالار،

ئۇقۇلماي شۇ پېتى سىر بۇلۇپ قالغان.

مەن شىئىر يازالماي قىينالغان كىچە،

سەن مىنى يازماق بوپ قەلەمنى ئالغان.

قاپىيلەر چىرمىشىپ، سۈيۈشكەن بۇغۇم،

قەغەزدە‌ سۆيگۈنىڭ ئىزلىرى قالغان.

مەن شىئىر يازالماي يىغلىغان كىچە‌،

سەن ماڭا ئۇزاقتىن ھەسرەتلىك باققان.

كۆزۈمدىن سىيرىلىپ چۈشكەن بىر مىسرا ،

گوياكى سەل بۇلۇپ سەن تامان ئاققان.

يامغۇرنىڭ كۆز يېشى


زىمىننىڭ نالىسى ئاسمانغا كۈتۈرۈلگەندە،
ئاسمان قاغجىرىغان‌ زىمىنغا سۆيگۈسىنى بەخىش ئەتكەندە،
سەكراتتىكى ئادەم چارىسىزلىكتىن ئاسمانغا ئىلتىجا قىلغاندا،
ئاسماندىكى يۇلتۇزلارنىڭ چاراقلاشلىرى ئۈلۈكلەرنى تىرىلدۈرگەندە،
ئاي زىمىنغا گۇۋاھ بولۇشتىن قېچىپ بۇلۇتلارنىڭ ئارقىسىغا مۈكۈنگەندە،
شاماللار قۇياشنى ئۇچۇرۇپ ئېلىپ كەتكەندە،
سۆيگۈ ، ئىمكانسىزلىقىنى باشقىلارغا بىلدۈرمەسلىك ئۈچۈن لەۋلىرىنى چىشلىگەندە،
كۈلۈپ تۇرغان كۆزلەرنىڭ ئارقىسىغا يۇشۇرۇنغان يىغا ئۆزىنى تۇتۇۋالالمىغاندا،
كۆز يېشىدىن سەل بولغان دەريا بۇلۇتقا قاراپ ئاققاندا،
بۇلۇتلار بۇ ئېغىر يۈكنى كۈتۈرۈش ئۈچۈن بىر يەرگە توپلانغاندا،
يامغۇر يىغلايدۇ ئۆكسۈپ ، ئىسىدەپ ،ھۆركىرەپ…..

22-ماي، ئىستانبۇلدا يېزىلدى

جاۋاب يېزىش