ئۇيغۇر شېىرىيەت مۇھاكىمە دەرسى ئۇتۇغلۇق ئۆتكۈزۈلدى

ئۆز مۇخبىرىمىز خەۋىرى

ئۇيغۇر ئادەبىياتىنى ساقلاپ قېلش ۋە ئۇنى ئىمكانىيىتىمىزنىڭ بىرىچە قوغداش مەقسىتىدە، <دۇنيا ئۇيغۇر ئانا يازغۇچىلار بىرلىگى>نىڭ ساھىپخانىلىغىدا، تەكلىپلىك ئۇستاز ،شائىر، مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد قۇمتۇر ئەپەندىنىڭ < ئۇيغۇر شىېرىيتى ھەققىدە ئىزدىنىش> تىمىسىدا، ئۇيغۇر شېىرىيەت ئىلمىي مۇھاكىمە دەرسى2021- يىلى 6-ئاينىڭ 19 كۈنى ئىنتىرنت تور دەرىسخانىسى ئارقىلىق مۇئاپپىقىيەتلىك ئۆتكۈزىلدى.

بۇ دەرىسكە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن يازغۇۇچى شائىرلار، ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە شېئىرىيەت ئاشىقلىرى قاتناشتى.

دەرستە، قىسقىچە ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى ۋە ئۇيغۇر شېرىيىتىنىڭ پەيدا بولىشى، شۇنداقلا تەرەققي قىلىشى مىساللار بىلەن كۆرسىتىلدى. ئۇيغۇر ئەەبىيات تارىخىنىڭ ھەر قايسى دەۋىرلىرىدىكى توھپىكار ئۇستازلار ۋە ئۇلارنىڭ ئۆز دەۋىرىدە ياراتقان دەۋىر بۆلگۈچ ئۇتۇقلىرى شۇنداقلا ئوينىغان روللىرى قايتا بىر قىتىم ئەسلەپ ئۆتۈلدى.

بۇ دەرىسكە قاتناشقانلار بىردەك بۇنىڭ تولىمۇ ئەھمىيەتلىك بىر ئىلمىي مۇھاكىمە بولغانلىغىنى، مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بۇنداق بىر يۇقۇرى ئىلمىي قىممەتكە ئىگە، شۇنداقلا كەسىپچانلىغى بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان دەرسلەرنىڭ تولىمۇ زۆرۈر ئىكەنلىگىنى، ئۆزلىرىنىڭ مۇشۇ دەرستىن تولىمۇ زور مەنپئەت ئالغانلىقىنى بايان قىلىشتى.

دۇنيا ئۇيغۇر ئانا ياغۇچىلار بىرلىگى ھەر ئايدا بىر قىتىم مۇشۇ خىلدىكى ئىلمىي دەرسلىكلەرنى داۋاملىق ئۇيۇشتۇرىدۇ.

كېلەر قىتىمقى ئىلمىي مۇھاكىمە يېغىنىمىز 2021-يىلى 7-ئايدا ئۆتكۈزىلىدۇ. ئۇنىڭدا بىز تالانتلىق ياش يازغۇچى رەنا غوپۇرنىڭ ئەسەرلىرى ھەققىدە مەخسۇس ئىلمىي مۇھاكىمە ئېلىپ بارىمىز. قانىشىشنى خالايدىغانلارنىڭ بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.

جاۋاب يېزىش