جەمىيەت ئەھدىنامىسى (4- قىسىمنىڭ داۋامى)


Du Contract Social

Jean Jacques. Rousseau

ئاپتورى: جېان جاك روسسۇ

ڧىرانسۇزچىدىن دىلدار ئەىز تەرجىمىسى

تۆتىنچى قىسىم   قۇللۇق تۈزۈمى

گروتىئۇس ۋە باشقىلار بۇ ئاتالمىش ​​قۇللۇق تۈزۈمىنىڭ يەنە بىر مەنبەسىنى قېزىپ چىقاردى. ئۇلارنىڭ سۆزىچە بولغاندا، بويسۇندۇرغۇچىلارنىڭ بويسۇندۇرۇلغۇچىلارنى ئۆلتۈرۈش ھوقۇقى بولىدىكەن. ئەمما بويسۇندۇرۇلغۇچىلار ئۆز ئەركىنلىكىنىڭ بەدىلىگە ئۆزلىرىنىڭ ھاياتىنى قۇتۇلدۇرۇپ قالالايدىكەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بۇ كېلىشىم  ھەر ئىككى تەرەپكە پايدىلىق بولغاچقا، خېلى قانۇنلۇقتەك بىلىنىدىكەن. ئەمما شۇنىسى ئېنىقكى، بويسۇندۇرۇلغانلارنى ئۆلتۈرۈشتىن ئىبارەت بويسۇندۇرغۇچىلارغىلا مەنسۇپ بولغان بۇ خىل ھوقۇق ھەرگىزمۇ ئۇرۇش ھالىتىنىڭ نەتىجىسى ئەمەس. چۈنكى ئىنسانلار ئىپتىدائىي مۇستەقىللىق ھالىتىدە ياشاۋاتقان مەزگىللەردە، ئۇلارنىڭ ئۆزئارا نورمال بولغان تىنچلىق ياكى ئۇرۇش ھالىتىنى شەكىللەندۈرۈشكە  يېتەرلىك سەۋەب بولىدىغان دائىملىق باردى – كەلدى مۇناسىۋىتى بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار تەبىئىي ھالدا  بىر- بىرىنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنىمۇ ھېسابلانمايدۇ. چۇنكى ئۇرۇشنى پەيدا قىلىدىغىنى پەقەت ماددىي مەنپەئەت، ھەرگىزمۇ كىشىلىك مۇناسىۋەت ئەمەس.

ئۇرۇش ھالىتىدىمۇ نوقۇل كىشىلىك مۇناسىۋەت شەكىللەنمەيدۇ، بەلكى ماددىي مۇناسىۋەت شەكىللىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز بۇنى شەخسىي ئۇرۇش ياكى كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش دېگەن تەقدىردىمۇ، ئۇ ھەرگىزمۇ مۇقىم مۈلۈك ھوقۇقى بولمىغان تەبىئىي ھالەتتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ، شۇنداقلا بۇنداق ئۇرۇش ھەممە نەرسە قانۇننىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان ئىجتىمائىي تۈزۈلمىدە تېخىمۇ مەۋجۇت بولمايدۇ.

شەخسلەر ئوتتۇرىسىدىكى جېدەل، دوئېل ياكى توقۇنۇش ھەرگىزمۇ  بىر خىل ھالەتنى شەكىللەندۇرەلمەيدۇ. فرانسىيە پادىشاھى لۇئىس توققۇزىنچىنىڭ يارلىقى بىلەن قوزغىغان، ئەمما «تەڭرىنىڭ تىنىچلىقى»نىڭ چەكلىشى دەپ توختىتىلغان شەخسىي ئۇرۇش پەقەت فېئودال ھۆكۈمراننىڭ ئۆز ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلانغانلىقىدىن ئىبارەت، خالاس. ئەگەر ئۇ ئىلگىرى بىر تۈزۈم ھېسابلانغان بولسا، ئەمەلىيەتتە ئۇمۇ ئىنساننىڭ تەبىئىي ھوقۇق پرىنسىپىغا خىلاپلىق قىلغان ۋە ھەممىگە دەخلى – تەرۇز يەتكۈزىدىغان بىمەنىلىكتىن ئىبارەتتۇر. چۈنكى ئۇرۇش ھەرگىزمۇ شەخسلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت تۈپەيلىدىن شەكىللەنمەيدۇ، بەلكى دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت تۈپەيلىدىن شەكىللىنىدۇ. ئۇرۇش مەزگىلىدە كىشىلەر ھەرگىزمۇ كىشىلىك سالاھىيىتى، ھەتتا پۇقرالىق سالاھىيىتى بىلەنمۇ ئەمەس، بەلكى پەقەت ئەسكەرلىك سالاھىيىتى بىلەن ئۇرۇشقا چىقىدۇ ۋە بەزىدە ئىككى تەرەپ تاسادىپىي ھالدا بىر – بىرىنىڭ دۈشمىنى بولۇپ قالىدۇ؛ ئۇلار ئۇرۇشقا ھەرگىزمۇ دۆلەتنىڭ ئەزاسى نۇقتىسىدىن ئەمەس، بەلكى دۆلەتنىڭ قوغدىغۇچىسىلىق نۇقتىسىدىن چىقىدۇ. ئاخىرىدا شۇنداق ئېيتىمەنكى، ئەگەر بىز ئوخشىمايدىغان شەيئىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ھەقىقىي مۇناسىۋەتنى پەرقلەندرۈشنى بىلمىسەك، بىر دۆلەت ھامان باشقا بىر دۆلەتنىڭ دۈشمىنى بولۇپ قېلىۋېرىدۇ، بىراق ئىنسانلارنىڭ ئەمەس.

كورۇكتۇر: دىلدار ئايتۇلدى

جاۋاب يېزىش