ھېيت مۇبارەك

راشىدا سا’ئىتوۋا ئابدۇسېمەتوۋا

ھېيت ئايەم مۇبارەك بوپ بارچىمىزغا،

قۇت-بېرىكەت ھىممەت ئېكەن مولچىلىقتا.

ياخشى نىيەت قوبۇل بولۇپ روزا ئايدا،

تېچلىق ھەم دەم ھۆكۈم سۈرسۈن توقچىلىقتا.

مال قىيغېتىپ يايلاقلاردا مېيىن چىغسۇن،

ئېتىز -ئېرىق مايسە بىلەن كۆكلەر چىغسۇن.

ئاللاھ ئېگەم قوللاپ قۇۋەت -كۈچ بېرىپ،

تەۋەرۈگىم، يۇرتلۇرۇم ئامان بولسۇن.

بەندىچىلىك بارغۇ تېخى ھەممىمىزدە،

كۆكتە، يازار ئېگىمىز بار دەپتىرىگە.

ئەرۋاھ رازى، خۇدا رازى ئۇنتىمايلى،

روھىغا دۇۋا قىلىپ، كەتكەنلەرگە.

ھەر بىر ئۆيدە كەڭ دەستىخان يېيىلىپ،

پوشكال  بىلەن ساڭزا،تا’ئاملار قويۇلسۇن.

كىرگەن مېھمان تىلەك بىلەن قول يېيىپ،

قۇرьئاندىكى ئايەت-سۈررە ئوقۇلسۇن.

ھەممىمىزگە روزا ھېيتى مۇبارەك!

ئالەم تولسۇن كۈلكىلەرگە، مۇبارەك!

ئۇچرۇشايلى ياخشى ئايلار، كۈنلەردە،

سىزدە ھەم بىر،مەندە ھەم بىر ،مۇبارەك!

2021- يىلى 13- ماي،ياركەنتتە يېزىلدى

جاۋاب يېزىش