شائىرە قەلبى

ئامىنە ۋاھىت

غېرىپ تۇيغۇدا غېرىپ مىسرالار،

بوينى قىسىق شىئىرلىرىمنىڭ.

كۈندىن – كۈنگە ئېشىپ بارماقتا،

دەرىت – ھەسرىتى ئەزىز خەلقىمنىڭ.

 ئۈلۈم پۇراپ تۇرار ھەر يەردە،

قاقاسلىققا ئايلانغان باغلار،

بۇلبۇللارمۇ سايرىماس بولدى.

ئاڭلانمايدۇ يىراق – يىراقتىن،

بۇرۇنقىدەك كۈلكە – سادالار.

يوللار جىمجىت ھەممە ناتۇنۇش،

قورقۇنجىدا چەكچەيگەن كۆزلەر.

قارچۇقلاردا مۇز بۇلۇپ قاتقان،

خورلۇق سىڭگەن قىپقىزىل – قانلار.

تۆمۈر تاملار تۆمۈر تۇسۇقلار،

تۆمۈر كەبى قېتىپ كەتكەن دىل.

يۇرۇتالماس ئاي نۇرى ئەسلا،

ئىرىتەلمەس قۇياش نۇرىمۇ،

ئوراپ تۇرغان تۈمۈر يۇپۇقلار.

مىسرالاردىن تۈكۈلمەس كۈلكە،

بوينى قىسىق شىئىرلىرىمنىڭ.

شائىرە قەلبى بولغاچقا يارا،

مەناسى يوق جۈملىللىرىمنىڭ.

ئىستانبۇل،2-ئاينىڭ 3-كۈنى

جاۋاب يېزىش