ئايال

زۇلفىيە مۇھەممەد

ئايال ،
تاڭ يورۇمىغان، كۆك سۈزۈلمىگەن،
خوراز ھەمدە بارچە ئۇيقۇدا…
جىرىڭلاپ سائەت، ئويغىنار ئايال،
يۇرىتار ئۆينى، بولمايلا ھايال،
قۇرار داستىخان، يۈگۈرۈپ ھەريان،
بولار سەكپارە قوزىلىرىم دەپ،
يىگۈزمەك ئۈچۈن سەھەردە نان _بال.

ئايال ،
ئوتۇنخانىدا، كۆمۈرخانىدا…
ئۇچاق بېشىدا، تونۇر بېشىدا…
ئەرزان بازاردا…يىپ _يىڭنە دوستى،
ئىشى ئالدىراش ھېيت _ بايرامدا…
ئائىلەم دەيدۇ، جاھانىم دەيدۇ،
بايلىقىم، دۇنيارىم دەيدۇ،
ئەسكى تاملىق كىچىك كەپىنى،
ھويلام، باغچەم دەيدۇ
قاشاسى يوق،
سەبدە بىلەن تولغان ھويلىنى.
يولدىشىم، مۇڭدىشىم، سەكپارەم دەيدۇ،
يىراقتىكى تاشلاپ كەتكەن كونا يارىنى….

ئايال،
كۆيەر ھەممىگە، ئۆزىدىن باشقا…
ئىشتىيى قاچار،
ئېغىزى تەگسە ئىسسىق بىر ئاشقا،
تۈگۈنۈپ كېتەر يېقىنلىرىغا،
ئەسلەپ قالار دەرەختىكى قۇش،
يىمەك ئىزلەپ يىراق _ يېقىندىن،
ئۆزىنى ئەيپلەپ قويار،
بولالمىدىم قۇشچىلىك ئانا،

ئايال،
چاڭ قوندۇرماس،
قوزىلىرىنىڭ كىيىملىرىگە،
زەدىۋاللىق ئۆي _ تۆشەكلىرىگە،
يالىلداپ تۇرار،
پەگا، مىھراپ، كىگىزلىك سۇپا،
بولمىسىمۇ چىنە قىش، تاختا.
بېغىشلانغان چەكسىز مۇھەببەت،
بۇلۇڭ _ پۇشقاق، بۇرجەكلىرىگە.
ساقىت بولماس،
ئىشىك ئالدى، تار كوچا، ئۆگزە..
تاغار سالغان سۆگەت سايىسى،
زىننەت قوشقان.
تام چۆرىمىگەن جىگدىلىك ئۆيگە.

ئايال،
چىدىيالماس قوزىلىرىنىڭ تامچە يېشىغا،
قوغدىماق ئىستەر،
ياتلاردىن، دوسلاردىن ھەتتا ئۆزىدىن،
گوياكى شىر بالىسىنى قوغدىغاندەك،
يىگۈزسەم، ئىچكۈزسەم دەيدۇ،
بەختىنى تىلەيدۇ،
خوش قىلسام دەيدۇ….
ئۇچۇرما بوپ كەتكەن بولسىمۇ،
بەزىدە چاقىرىپ سالار،
كوچىدىكى ئۆتكەن _كەچكەننى…
گوياكى قوزىلىرىنى چاقىرغاندەك…..

ئايال،
بېغىشلىغان روھى، جىسمىنى،
ئائىلەم دەپ كىچىك كەپىنى،
تىمىسقىلاپ جىم تۇرماس ئەسلا،
ئويناپ قويار قولدا كەتمىنى.
قۇرىتىدۇ شاماللار سۆيۈپ،
ھالال تەردىن چىققان تەرىنى،
ھېرىپ قالدى، پۈكۈلدى جىسمى،
چارچىتالماس ئوتلۇق قەلبىنى،
شامالغا قارشى ماڭغان كېمىدەك،
چۈشۈپ كەتكەن سۇنۇق يەلكىنى….

جاۋاب يېزىش