ئانامغا

ئەخمەت ئېگەمبەردى
                                                                                                          (1937-2026)
    ئانا، ئەركىن يۈرەلمەيمەن كېزىپ كەڭرى دىيارىمنى،
پۇتۇم زەنجىردە باغلاقلىق نىچۈن بەردىڭ ئاياغىمنى.
بانا قولنى  نېچۈن بەردىڭ ، قولۇم كويزىدا ھەر دائىم؟
ئېلىمگە ھېچ سالالمايمەن شول قەسرۇ – سارايىمنى.
ئانا كۆزنى نىچۈن بەردىڭ، ئۆزۈم پەرق ئەتمىسە ياخشى،
ھەق ـ ناھەقتىن سۆز ئاچسام پەلەك قىينايدۇ جانىمنى.
ئانا تىلنى نىچۈن بەردىڭ تىلىمدا قىلچە ئەركىم يوق،
دىلىم زەردابتا خۇن بولدى، ئېيتالماي ئاھۇ ـ زارىمنى.
ئانا دەيمەن، نىچۈن تۇغدۇڭ، سېلىپ قەلبىمگە بىر ئاتەش،
كۆيۈپ كۈل بولدۇم ھىجراندا كۆرۈشتۈرمەيدۇ يارىمنى.
ئانا كۈچ بەر شۇ ئوغلۇڭغا بولايمەن رۇستەمى پالۋان،
يا مېنى پەلەك يۈتسۇن، يا ئالاي شۇ ئىنتىقامىمنى.
1970 ـ يىل كۈز، غۇلجا ئوبلاست تۈرمىسى

جاۋاب يېزىش