زۇلفىيە مۇھەممەد
ياقا – يۇرتتا ئېزىلگەن،
تۇمانلارغا چۈمكەلگەن،
غەيرى تەمدىن شۈركەنگەن،
يات كۆزلەردىن ئۆمچەيگەن ،
يېرىم قالغان كۆڭلۈمنى،
تولدۇراي ھاۋا بىلەن.
مۇھەببەتكە تەمشەلگەن،
ئازاپلىرى كۈيلەنگەن،
ئوت ئىچىدە ئۆرتەنگەن،
خىيالي مۇڭغا يۆگەلگەن،
يېرىم قالغان يۈرەكنى،
تولدۇراي ھاۋا بىلەن.
مەڭدەپ قالغان بىر مەھەل،
ئىزدەپ يۈرگەن بال ھەسەل،
بېسىپ كەلسە ئېقىن _سەل،
ھاياتىمغا بېرىپ ھەل،
چىداپ كەلگەن يۈرەكنى،
تولدۇراي ھاۋا بىلەن….
