كۆك كەپتەرگە مەدھىيە

ئەخمەت ئېگەمبەردى
(نۇرمۇھەممەت ياسىنغا)
ياۋا كەپتەر – ھۆرلۈك بەلگىسى،
ئۆلدۈڭ ئاخىر قانلىق قەپەستە.
سەن ۋەتەننىڭ يورۇق كەلگۈسى،
باش ئەگمىدىڭ زۇلمەت – خەتەرگە.
سېنىڭ داڭقىڭ كەتتى جاھانغا،
دىللار ئارا قالدى ئارمان بوپ،
ئەۋلادلارنى چىللاپ ھۆرلۈككە،
خەلقىم ئۈچۈن قالدى داستان بوپ.
دىلدا غەزەپ، قەھرىمىز ۋولقان،
قىساس ئوتتى لاۋۇلداپ يانار.
قۇتلۇق قانلار تۆكۈلگەن جايدىن،
ئازادلىقنىڭ تاڭلىرى ئاتار
ياۋا كەپتەر – ئەركىنلىك قۇشى،
سەن ھاياتقا ئېجىل – قوشكېزەك.
«ئەرك» – دېگەن سۇ، ھاۋا كەبى،
ئىنسانلارغا مەڭگۈلۈك كېرەك!
2013 – يىلى، 2 – يانۋار
ئادېلەيد ئاۋسترالىيە

جاۋاب يېزىش