كۈندۈزئاي ھامۇت
ئاشىق – مەشۇق تىللاردا داستان،
ساداقەتلىك سۆيگۈسى بەلەن .
ۋىسال ئۈچۈن كەتسە ئالتۇن باش،
قالار تارىخ روھلىرى بىلەن.
ۋىسالىغا تەشنا ئاشىقلار ،
مەشۇغىنى قوغلار بىر ئۆمۈر.
قىيا باقسا ئەگەر دەۋرانى ،
ھۈرلەر كەبى بەختىنى كۆرۈر .
ئاڭلىغاندا ئۇيغۇر قىزىنىڭ ،
سۆيگۈسىنى ئېرىگە شۇنچە.
جىگدەزارلىق بېرەر گۇۋاھلىق ،
”جىگدە پۇراپ تەگكەن ئۇ ئەرگە.”
ئۇيغۇر ئېرى جىگدە پۇرايدۇ ،
ساداقەتمەن ئۇيغۇر خوتۇنغا.
ئۇيغۇرلۇقى جىگدە يىلىمدەك،
قاڭتۇرۇلغان ئۆرۈم چېچىغا .
ئۇيغۇر ئانا مېھرى بىر دېڭىز ،
جامائىتى، ئېرى ، بالىغا.
مىڭ شېرىننىڭ سۆيگۈسى ئاقار،
ۋەتەن پۇراپ نازۇك بۇرنىغا.
ئېرى كەتتى تۇپراققا سىڭىپ،
تۇل قەپقالغان ئاچا ،سىڭىلنىڭ .
سۆيگۈ قالدى ئوتقاشتەك يېنىپ،
رەڭگى ئۆڭمەس شۇنداق سۆيگۈنىڭ.
ئۇيغۇر قىزى قانچىلىك سۆيەر،
ئوغۇزخاندەك باشچى ئېرىنى ،
ئۇيغۇر ئەرمۇ بېرەلەيدۇ جان،
ۋەتەن كەبى قوغداپ يارىنى.
سۆيەلەيدۇ كىم كىمنى شۇنداق،
ھەر ئۇيغۇردا سۆيگۈ بار قىممەت .
قىممەت بەرگەن ھۆر بىر ھاياتقا،
ساداقەتمەن ئىنسانلىق پەقەت .
بۈگۈن ئۇيغۇر تىپىرلار شۇنچە ،
ھۆرلۈكىدىن مەھرۇم قالغانچە .
”ۋەتەن مەشۇق ، ۋەتەن سەجدەگاھ،
تامغا بولسۇن ئوغلان – ئىگىچە .”
ئىزدەپ يۈرمە ھېكايە بۈگۈن،
ھەر ئۇيغۇردا بىر داستان سۆيگۈ .
لەيلىسىنى يۈتتۈرگەن مەجنۇن ،
پەرھاتلىرى پۈتەر ھەق بىلگۈ.
تاھىرلىرى بىر سەپتە تۇرسا ،
ئوتلۇق بېقىپ زۆھرا كۈلمەمدۇ !؟
تاڭنا ۋەتەن ئۇيغۇر كۆكىدە،
ئاي – يۇلتۇزى ۋىسال بەرمەمدۇ؟!
2021 -04 -24 شىۋىتسىيە ستوككھولم
