جەمىيەت ئەھدىنامىسى

ئىككىنچى قىسىم

Du Contract Social

Jean Jacques. Rousseau

ئاپتورى: جېان جاك روسسۇ

ئىككىنچى  قىسىم 

           ئىپتىدائىي جەمئىيەت ھەققىدە مۇلاھىز

      ئائىلە جەمئىيەتنىڭ ھۈجەيرىسى، جەمئىيەتنىڭ شەكىللىنىشى ئائىلىدىن باشلىنىدۇ.  پەرزەنتلەر پەقەت دادىنىڭ بېقىپ تەربىيىلىشىگە مۇھتاج بولغاندىلا  ئاندىن دادىغا بېقىنىدۇ. بۇ خىل ئېھتىياج تۈگىگەندە،بۇ خىل تەبىئىي باغلىنىشمۇ ئۆزلىكىدىن يوقايدۇ. پەرزەنتلەرنىڭ دادىسىغا بولغان بوي سۇنۇش ئېھتىياجى ئاخىرلاشقاندا، دادىمۇ پەرزەنتىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ،شۇنىڭ بىلەن ھەر ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ئۆز ئارا باراۋەرلىك ئاساسىدىكى مۇناسىۋەت شەكىللىنىدۇ. ئەگەر ئۇلار داۋاملىق بىللە ياشاشنى تاللىسا،بۇ تەبىئىيلىك بولماستىن،بەلكى  ئۇلارنىڭ خاھىشى بولىدۇ. بۇ چاغدىكى ئائىلە پەقەت مەلۇم بىر خىل كېلىشىم بىلەن داۋاملىشىدۇ. بۇ شەكىلدىكى  بارلىق ئائىلە ئەزالىرى ئورتاق بەھرىمان بولغان ئەركىنلىك، دەل ئىنسان تەبىئىتىنىڭ مەھسۇلىدۇر. ئىنسان تەبىئىتىنىڭ تۈپ قانۇنىيىتى ئىنساننىڭ ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىشتا ئىپادىلىنىدۇ. ئىنساننىڭ تەبىئى خاراكتىرىدە ئۆزىنىڭ مەنپەئەتلىرىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش، ئەڭ ئاساسىي ئامىلدۇر. ئىنسان بالىسى چوڭ بولۇپ ئەقلىنى تاپقاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ مۇۋاپىق يولىنى ئۆزى قارار قىلالايدىغان بولىدۇ . شۇنىڭدىن باشلاپ ئىنسان ئۆز ئۆزىنىڭ خوجايىنى بولىدۇ. شۇڭلاشقا، بىز ئائىلىنى سىياسىي جەمئىيەتنىڭ ئىپتىدائىي ئۈلگىسى دەپ قارىساق بولىدۇ.  قەبىلە باشلىغى خۇددى دادىنىڭ ئوبرازىغا، خەلق بولسا شۇ ئائىلىنىڭ بالىلىرىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ھەممە ئادەم تۇغۇلىشىدىنلا ئەركىن ۋە باراۋەر بولىدۇ، ئۇلار  پەقەت ئۆزلىرىنىڭ مەلۇم مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ ئەركىنلىكىنى باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بېرىدۇ. بۇلارنىڭ ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، ئائىلىدە دادا بىلەن ئوغلىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى مۇھەببەت، دادىنىڭ بالىغا بولغان غەمخورلۇقىنى قايتۇرۇشقا يېتىدۇ ئەمما دۆلەتتە ھۆكۈمراننىڭ ئۆز خەلقىگە قارىتا ھېچقانداق مېھرى-مۇھەببىتى بولمايدۇ، شۇڭا ھۆكۈمرانلار پۇقرالارغا بۇيرۇق بېرىش ئارقىلىق ئۆزىنى قانائەتلەندۈرەلەيدۇ. گروتىيۇس» ئىنسانىيەتتىكى بارلىق  ھوقۇقلار ھۆكمۈرانلىق قىلىنغۇچىلارنىڭ  مەنپەئەتى ئۈچۈن بولۇشى كېرەك» لىكىنى رەت قىلدى. بۇنىڭغا مىسال سۈپىتىدە ئۇ قۇللۇق تۈزۈمىنى كۆرسەتتى. ئۇنىڭ ئەڭ كۆپ قوللىنىلىدىغان مۇلاھىزە  ئۇسۇلى شۇكى،ئۇ ئەزەلدىن پاكىتنى ئاساس قىلىش ئارقىلىق ھوقۇقنى بەلگىلەشتىن ئىبارەت. كىشىلەر ئۇنىڭدىنمۇ ئېنىق بولغان باشقا ئۇسۇللارنى قوللانسا بولىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ زالىملارغا ئالدىنقىسىدىنمۇ بەكرەك  پايدىلىق بولۇشى ناتايىن. گروتىئۇسنىڭ سۆزىگە ئاساسلانغاندا، پۈتۈن ئىنسانىيەت مەلۇم يۈز ئادەمگە تەۋە-مۇ؟ ياكى ئۇ يۈز ئادەم بارلىق ئىنسانلارغا مەنسۇپمۇ، دېگەن مەسىلە يەنىلا سۇئال پېتى قالدى، ھەتتا ئۇ پۈتۈن كىتابىدا يەنىلا ئالدىنقى  قاراشقا مايىل ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىگەن. شۇنداقلا بۇ يەنە خوببېسنىڭمۇ قارىشى. ئۇنىڭچە  بولغاندا ، ئىنسانلار كالا ۋە قوي پادىلىرىغا ئوخشايدۇ، ھەر بىر پادىنىڭ ئۆزىگە خاس پادىچىسى بولىدۇ، پادىچىلارنىڭ  ئۆز پادىلىرىنى قوغدىشى پەقەتلا ئۇلارنى يېيىش ئۈچۈندۇر. خۇددى پادىچىنىڭ قابىلىيىتى قويلارنىڭ قابىلىيىتىدىن ئۈستۈن بولغانغا ئوخشاش، ئىنسانلارغا رەھبەرلىك قىلىدىغان كىشىنىڭ ساپاسىمۇ تەبىي ھالدا نورمال خەلق ئاممىسىنىڭ ئومۇمىي ساپاسىدىن  يۇقۇرىراق بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. فېي لوڭنىڭ خاتىرىسىگە ئاساسلانغاندا، ئىمپېراتور كالىگۇلا ئۇ ئوخشىتىشتىن مۇنداق بىر  ئەمەلىي يەكۈن چىقارغان: «پادىشاھلارنىڭ ھەممىسى ئىلاھ، ياكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ھايۋان.»  كالىگۇلانىڭ بۇ يەكۈنى ئاخىرى بېرىپ،  خوببېس ۋە گروتىيۇسلارنىڭ يەكۈنى سۈپىتىدە باشقىدىن مەيدانغا كەلگەن. ھەتتا ئۇلاردىنمۇ بۇرۇن ئارىستوتىل،كىشىلەرنىڭ ئەسلىدىنلا باراۋەر ئەمەسلىكىنى،  بەزى كىشىلەر قۇل بولۇپ تۇغۇلغان بولسا، بەزىلىرىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئۈچۈن تۇغۇلغانلىقىنى ئېيتقان. ئارىستوتىل گەرچە توغرا ئېيتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ نەتىجىنى سەۋەبكە ئايلاندۇرۇپ قويغان. قۇللۇق تۈزۈمى ئاستىدا تۇغۇلغانلارنىڭ ھەممىسى قۇل بولۇپ  تۇغۇلىدۇ، بۇ تولىمۇ ئېنىق بىر ھەقىقەتتۇر. قۇللار ئىسكەنجە  ئاستىدا بارلىقىنى يوقىتىدۇ، ھەتتا كىشەندىن قۇتۇلۇش ئارزۇسىنىمۇ قوشۇپ يوقۇتۇپ قويىدۇ. ئۇلىسېسنىڭ ھەمراھلىرى ئۆزلىرىنىڭ ھايۋانلىق ھالىتىنى ياخشى كۆرگەچكە ، ئۆزلىرىنىڭ قۇللۇق ھالىتىنىمۇ ئوخشاشلا ياخشى كۆرگەن. شۇڭلاشقا، ئەگەر تەبىئىي قۇللار بار دېيىلسە ، ئۇ پەقەت تەبىئىي قۇللۇققا خىلاپلىق قىلىنغانلىغى ئۈچۈنلا بولىدۇ. زوراۋانلىق ئەڭ دەسلەپكى قۇللارنى ياراتتى، ئۇلارنىڭ قورقۇنچاقلىقى ئۇلارنى مەڭگۈ قۇل قىلدى. مەن دۇنيانى ئۈچكە بۆلگەن شاھلارنىڭ ئاتىسى ھەزرىتى ئادەم، ياكى نۇھ ئەلەيھىسسالام  ھەققىدە ھېچنەرسە دېمىدىم،گەرچە بەزىلەر ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدىن ساتۇرىننىڭ ئوغلىدەك جەسۇرلۇقنى كۆرگىلى بولىدۇ دەپ قارىسىمۇ، مەن يەنىلا كىشىلەرنىڭ مېنىڭ بۇ خىل كەمتەرلىكىمگە رەھمەت ئېيتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن،چۈنكى  مەن پادىشاھلارنىڭ بىرىنىڭ بىۋاسىتە ئەۋلادى بولۇشۇم، ھەتتا توقاللارنىڭ بىرىدىن تۇغۇلغان بولۇشۇممۇ مۇمكىن ئىدى،كىم بىلىدۇ ئەگەر نام نەسەبىم تەكشۈرۈلۈپ كەلسە مېنىڭ پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ پادىشاھى ئىكەنلىكىم بايقىلىپ قالسا ئەجەب ئەمەس. قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، كىشىلەر ئەينى چاغدا ئادامنىڭ دۇنيانىڭ ئىگىسى بولۇشىغا ھەرگىز قارشى تۇرمىغان،خۇددى روبىنسون پەقەت شۇ يېگانە ئارالنىڭ بىردىن- بىر ئاھالىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن شۈبھىسىز شۇ ئارالنىڭ  ئىگىلىك  ھوقوقىغا ئىگە  بولغانغا ئوخشاش. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ «ئىمپېرىيە ھۆكۈمدارى» ئىسياندىن، ئۇرۇشتىن ياكى ھوقۇقىنىڭ تارتىۋېلىنىشىدىن قورقماي، ئۆز تەختىدە ھۇزۇرلنىپ ئولتۇرالايدىغان تەڭداشسىز ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە.

ڧىرانسۇزچىدىن دىلدار ئەزىز تەرجىمىسى

 كوررىكتور: دىلدار ئايتۇلدى

جاۋاب يېزىش