قۇتلۇق رامازان كەلدى

سەرۋى ھۈسەيىن

ئايلار ئىچىدە ئەكبەر قۇتلۇق رامازان كەلدى،

مۇسۇلمان باشىدا ئەفسەر قۇتلۇق رامازان كەلدى،

رەھمەت باغچىسى ئىچرە ساۋاپنىڭ گۈللىرى ياشناپ،

ئالەمگە چېچىپ ئەنبەر قۇتلۇق رامازان كەلدى.

قوللاردا ئەزىز قۇرئان، تىللارغا قىرائەت يار،

ئىبادەتتىن ئىچەر كەۋسەر قۇتلۇق رامازان كەلدى.

دەستۇرخان ئېلىپ يوقلاپ يېتىم-مىسكىن، غېرىپلارنى،

ھىممەت بابىدا سەرۋەر قۇتلۇق رامازان كەلدى.

.ئۆتەر تۈنلەر نامازخان بوپ، مەلەكلەر سەپ تۈزەر ياندا،

تائەتتىن پۈتەر دەپتەرقۇتلۇق رامازان كەلدى.

.

گۇناھكار قەلب ئېتەر تەۋبە، رەھماندىن كۈتەر رەھمە،

مۇسۇلمان دىلىغا ئەختەر، قۇتلۇق رامازان كەلدى.

جاناببى ھەق كالامىدىن، رەسۇل ئەكرەم ھاياتىدىن،

مۇسۇلمانلار يىغار جەۋھەر قۇتلۇق رامازان كەلدى.

گۈزەل سىففاتنى يار قىلغان خۇداگۇي دىلىغا ھەردەم،

ھەدىسلەردىن چېچىپ شەككەر قۇتلۇق رامازان كەلدى.

.

تىللاردا ئېتىپ جارى شۈكۈر-ھەمدۇ، قانائەتنى،

سائادەتتىن تاقاپ گەۋھەر قۇتلۇق رامازان كەلدى.

ئەپۇ-رەھمەت، ساۋاپ-بەركەت، ھايا-ئەخلاق نۇرى بىرلە،

چېچىپ دىللارغا ئالتۇن – زەر قۇتلۇق رامىزان كەلدى.

چىدام بىرلە چۈشەر جەڭگە ئۆزىن نەفسىن بىلەن تەقۋا،

سەبىرنىڭ بابىدا سەفدەر قۇتلۇق رامازان كەلدى.

قىيامدا باش ئىگىپ ھەققە، قولىنى باغلىسا مۆئىمىن،

ئۇتۇقتۇر دەپ گۈزەل پەيكەر قۇتلۇق رامازان كەلدى.

سەدەفنىڭ سەترىگە مۆككەن دۇردانە كەبى پىنھان،

قەدىر كېچىسى ئەنۋەر قۇتلۇق رامازان كەلدى.

ئاتالغۇلارغا ئىزاھات:

1. ئەكبەر: چوڭ

2. ئەفسەر:  تاج

3. سەرۋەر:  يولباشچى، ئېسىلى، نوچىسى

4. سەفدەر:  سەپنى بۆسۈپ ئۆتكۈچى، باتۇر

5.ئەختەر: يۇلتۇ

6.ئەنۋەر: نۇرلۇق

7.شەككەر: شېكەر

2020-يىلى، 27-ئاپىرىل، ئامېرىكا

جاۋاب يېزىش